ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى بىلەن ئافغانىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن مۇساپىرلار 23-ئاۋغۇست كۈنى ۋاشىنگتون دۇللېس خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى.
ئاقساراي ئەمەلدارلىرى 23-ئاۋغۇست بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 31-ئاۋغۇستقىچە ئافغانىستاندىن چېكىندۈرىدىغان مۇساپىرلارنى تولۇق چېكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تالىبانلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
گەرچە ھازىر ئافغانىستاندا تەخمىنەن 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ياشاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئامېرىكا ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇر يوق.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بىزنىڭ «ئافغانىستاندا ياردەمسىز ۋە تەھدىت ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرلار قانداق ۋەزىيەتكە دۇچار بولۇشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بىز بىر قانچە يىللار ئىلگىرى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن مەجبۇرىي قايتۇرۇلغانلىقىدەك بىر ئېغىر مەسىلىنى بىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇشتەك بۇ ئىشلار ئۇتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرىدە داۋاملىق كۆرۈلۈپ كەلمەكتە. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئېغىر جىسمانىي قىيناققا ئۇچرىغانلىقى، ھەر تۈرلۈك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان تالىبانلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى ناھايىتى چوڭ دەپ قارايمەن. چۈنكى ھازىرقى مۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، لاگېرلارغا قامىلىپ، تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ.»
ئۇ يەنە بىزنىڭ «بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ دەپ ئويلايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت مۇساپىرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇشىغا بولمايدۇ. شۇڭا ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش ئۆلچەملىرى بويىچە، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىقى كېرەك. بىز بۇ ئۆلچەم بويىچە، ئالدى بىلەن تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز. بىز خەلقئارا جامائەتنى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە مۇساپىر بولۇپ بېرىشى ئۈچۈن شارائىت ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتسمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىرچە يېڭى ئافغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق بىر تەدبىر ئالىدىغانلىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە، خىتاي ئافغانىستانغا كىم ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن، ئۇلار بىلەن ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدۇ. خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك مۇناسىۋىتى بار. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، بېيجىڭ دائىم پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىقى ئارقىلىق تالىبانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. شۇ مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا ئافغانىستاندىكى بازا تەشكىلاتىغا قوشۇلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغان ۋە كونترول قىلغان.»
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئۇيغۇرلار ھەممىلا يەردە تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا. بولۇپمۇ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى نۇرغۇن ئىنسانلار بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆزىگە تەھدىت ساناۋاتقانلىرى ئىنتايىن ئاز ساندا بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئافغانىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلار تالىبانلارنىڭ ئوۋلاش نىشانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. زور ساندىكى پۇقرالار ئافغانىستاندىن ئايرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇيغۇرلار نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا. ھەتتا ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئورگانلارمۇ ئافغانىستاندىكى كرىزىس ياراتقان جىددىي ۋەزىيەت تۈپەيلى ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئاڭقىرالمىغان بولۇشى مۇمكىن»
شان روبېرتس يەنە مۇنداق دېدى: «گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا كۆچمەن بولۇش تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغۇسى خەتەرلەر نۆۋەتتە خەلقئارنىڭ جىددىي بىر ئىنكاسىنى پەيدا قىلمىدى. بۇنىڭدا خىتاينىڭ ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىن ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى باھانە قىلىپ ئېلىپ بارغان تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە، ھېچ بولمىغاندا خەلقئارالىق ئاخباراتلار ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە قارىتا دىققەت قوزغاش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھازىر ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا».
ئۇيغۇر تارىخى بويىچە نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن رايىن سامۇم ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەۋقۇلئاددە خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئەندىشىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن جىددىي بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇنداق بىر ئەھۋالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كومىتېتى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈر. يالغۇز ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان، خىتاينىڭ ئوۋ نىشانى قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇشقا موھتاج. ئەپسۇسكى، پاكىستانغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەردىكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىلىرى ئۇيغۇرلارغا مۇۋاپىق قوغدىنىش پۇرسىتى ۋە ئېتىبار بەرمەيۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇساپىرلىق مەسىلىلىرى مېنىڭ دائىرەمدە بولمىسىمۇ، ئەمما ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت نۇرغۇن كىشىلەردە ئەندىشە قوزغىماقتا. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ۋە ئەمەلىي بىر تەدبىر قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»