ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار: كوچىغا چىقساق تىرىك ئۆيگە قايتىپ كېلەلەمدۇق؟ بىلمەيمىز
2021.08.31
كابۇلدىكى خامىد كارزاي ئايرودرومىدىن 14-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە موھتاج كىشىلەر كۈنىگە نەچچە ئون ئايروپىلان ئارقىلىق ئافغانىستاندىن يۆتكىلىشكە باشلىغانىدى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كابۇلدىن تارقىتىۋاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئاخىرقى چېكىندۈرۈش نۆۋەتچى ئايروپىلانى 30-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى كابۇلدىن ئايرىلغانغا قەدەر 123مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر توشۇپ كېتىلگەن.
خەۋەرلەردە كابۇل ئايرودرومى تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بۈگۈنكى تارىخىي كۈن، ئافغانىستاندىكى تالىبانلاردىن ئۈركۈگەن مۇساپىرلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
لېكىن ئافغانىستاندا تالىبان ۋە خىتاينىڭ قوشلاپ تەھدىتىدە تۇرۇۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي بىر دىققەت قوزغىمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
رادىيومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن، تالىبانلار ئافغانىستاننى ئىگىلىگەندىن بۇيانقى ئىككى ھەپتە جەريانىدا، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئافغانىستاندىن ئامېرىكا ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىنى كېچە-كۈندۈز ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.
دۈشەنبە كەچ ئافغانىستاندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەمەت ئەپەندى، ئەمدى كىشىلەرنىڭ كابۇل ئايرودرومىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدسىزلىككە پاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ياشاۋاتقىنىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇلار ئافغانىستان گىراژدانى تۇرۇپمۇ يەنىلا كىملىك ياكى پاسپورتلىرىغا خىتايدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە بەلگە قويۇلغان بولغاچقا تالىبانلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بايقىلىپ قالغان تەقدىردە تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ھەتتا ئېغىر جازاغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ ئۆيىدە يوشۇرۇنۇپ تالاغا چىقالماي ئولتۇرماقتىكەن.
«ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپ يەيدىغان نەرسىلىرىمىزمۇ تۈگەپ قالدى، ئەمما نان ئالغىلى تالاغا چىقساق، يەنە تىرىك قايتىپ كېلەلەمدۇق، بۇنى بىر نېمە دېمەك تەس» دەيدۇ بىخەتەرلىكىدىن تەشۋىشلىنىۋاتقان مەمەت ئەپەندى.
مەمەت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا تالىبانلارنىڭ پۇقرالارغا چېقىلمايدىغانلىقى، پاسپورت ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ۋىزىسى بارلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ يەنىلا بىر يول چىقىشىدىن ئۈمىدلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشىلىنىپ كوچىغا چىقالمىغان بىر ھالدا، ئۇلارنىڭ چېگرا ئاتلاپ يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە چىقالىشىمۇ تەس ئىكەن.
ئافغانىستانغا ئاتا-ئانىسى بىلەن 1970-يىللاردا كىچىك ۋاقتىدا كۆچۈپ كەلگەن ھازىر بالا ۋە نەۋرىلىرى بىلەن ئۆز ئۆيىدە تالاغىمۇ چىقىشقا پېتىنالمايۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال، ئۆزىنىڭ 40 يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى، بالىلىرىنىڭ بولسىمۇ نەدىلا بولمىسۇن نورمال ۋە تىنچ ياشاشتىن بەھرىمەن بولۇپ باقسىكەن دەپ، ئافغانىستاندىن كېتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كىمدىن ياردەم سوراشنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
گەرچە تالىبانلار ئاخباراتلارغا: «ئامېرىكا مەغلۇپ بولدى ۋە مىللىتىمىزگە ۋاكالىتەن بىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز» دەپ جاكارلىغان ۋە يەنە ئافغانىستان پۇقرالىرىغا قارىتا «بىز، ئەركىنلىكىمىز، مۇستەقىللىقىمىز ۋە ئىسلام قىممەت قارىشىمىزنى قوغدايمىز» دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان ئالاھىدە ھەمكارلىقلىرى ئۇيغۇرلارنى ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشىگە سالغان.
تالىبانلار چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىنىشىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتلەردە پاكىستاندا قۇرۇلغان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى چەتئەللەردىن، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىدىن ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىش بېجىرگۈچى خادىمى ئابدۇلئەزىز خەتەر ۋە بېسىملارغا تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندا قالغان ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ھەم دىپلوماتىك قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەپ كەلمەكتە.
ئۇ ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي ئايروپىلانى كابۇلنىڭ ھامىت كارزاي خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئايرىلغاندا، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال ئېلىپ كېتىش ئۈمىدى يوققا چىققان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىپ، ئالاھىدە مۇساپىرلار قاتارىدا قوبۇل قىلىشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئافغانىستاندىن تۇرۇپ قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەممىسى ئافغانىستان پۇقراسى بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچىسىنىڭ قولىدا پاسپورتى بولماسلىقتەك رېئاللىق، دەسلەپكى قەدەمدىلا ئۇلارنى تىزىملاش ئىشلىرىغىمۇ رىقابەت ياراتماقتىكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋە بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا جايلاردا خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قالغان ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.