ئەنگلىيەدىكى ھېنرىي جېكسون مەركىزى 18-ئۆكتەبىر كۈنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان دۆلەت ھالقىغان بېسىمى» ماۋزۇسىدا بىر تور سۆھبىتى يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. نۆۋەتتە تالىبان كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت تارتىشنى مەقسەت قىلىنغان يىغىننىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: «تالىبان ئافغانىستاننى تېزلىكتە ئىگىلىۋالغاندىن بۇيان، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر تەھدىتى توغرىسىدا نۇرغۇن سۆزلەر بولدى. بىراق ئۇ يەردىكى بىر گۇرۇپپا، يەنى ئۇيغۇرلار بولسا ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلىندى. تالىبانلار ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كونتروللۇقى ۋە تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. . . بېيجىڭنىڭ ئۆزىنى ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي كەلگۈسىدىكى باشلامچى ئورۇنغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەندىشىلەنمەكتە».
ھېنرى جېكسون جەمئىيىتى ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رەھىمە مەھمۇت خانىم، ئەنگلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار ھەمكارلىقى (IPAC) گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بېنېدىك روگېرس ئەپەندى، ئەنگلىيە ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى گرەي سېرجېنت، ھېنرى جېكسون جەمئىيىتىنىڭ رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى دوكتور راكىب ئېھسان قاتارلىقلار قاتنىشىپ قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشتا ھەمكارلاشقانلىقى، بۇ باستۇرۇشنىڭ شەكلى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالدى بىلەن يىغىندا رەھىمە خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتەرلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. تايلاندتىكى، دۇبايدىكى ۋە ئەمدى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق بېسىمى سەۋەبىدىن تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىشتىن توختاپ قالغان ئۇيغۇرلار بار».
رەھىمە خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربتىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان تەھدىتى سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىرلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن سۆزلىگەن ژۇرنالىست، فوتوگراف، فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنى ياكى خەلقئارالىق كىيىم ماركىلىرىنى يالغۇز قويۇش، جازالاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خەلقئاراۋى ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا پۈتۈن دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رەھىمە خانىمنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن گرەي ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھازىر تالىبان كونترۇللۇقىدىكى ئافغانىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئەنسىرەش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئافغانىستاندا 3000-2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئافغانىستانغا كەلگىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ئافغانىستاندا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىملىكتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر پاناھلانغۇچى بولغانلىقى ئېنىق يېزىلغانلىقتىن بۇ ئۇلارنى دەرھال خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە ئوچۇق ھالەتكە كەلتۈرىدىكەن. ئاندىن قالسا، تالىباننىڭ ھازىر خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشى، ئۇنىڭ خىتاي مەبلىغى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىگە زور دەرىجىدە موھتاج بولۇشىدەك سەۋەبلەرنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى خەتەرگە تىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردەملىرىنىڭ كەينىدە مۇشۇ خىلدىكى تەلەپلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، مەسىلەن، 2009-يىلى كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئىككى كۈن ئۆتۈپلا خىتاينىڭ كامبودژاغا مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. گرەي ئەپەندى سۆزى داۋامىدا مۇنۇلارنى دېدى: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم تالىبان رېجىمىدىن ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تالىباندىن ئاياللار ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشى، ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى تالىبان ھۆكۈمىتىگە ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك».
ئارقىدىن سۆز قىلغان بېنېدىك روجېرس ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقەتەن كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەكىتلەپ «ئالدى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشى ۋە شۇ بويىچە تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، ئىككىنچىدىن، ئەنگلىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ئىشلىرىنى تېزلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە تالىبان كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستان توغرۇلۇق سۆز بولغاندا چوقۇم ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا يورۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى چوقۇم ئەينى چاغدا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئافغان تەرجىمانلار قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئوخشاش دىققەت قوزغىشى كېرەك. ئەنگلىيەگە، ئامېرىكاغا قۇتقۇزۇپ كېتىلىۋاتقانلار قاتارىغا چوقۇم ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇلۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلار خەۋپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپمۇ خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى بېسىمىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي بىلەن تۈزگەن ھەرقانداق ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك»
ئۇ يەنە، ھەممىدىن مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، يەنىمۇ كۆپ جازالارنى قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
رەھىمە خانىم يەنە، يىغىن باشقۇرغۇچىسى بولغان دوكتور راكىپ ئېھساننىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە؛ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن يالغۇز دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ياكى دىپلوماتىك ئۇسۇلدا تەنقىدلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى، چوقۇم ئۇنىڭغا جازا تەدبىرلىرى قويۇلۇشى لازىملىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئۇنىڭ خالىغانچە زومىگەرلىك قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىقتىسادىي ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ خىتاينى كونترول قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گرەي ۋە روجېرس بېنېدىكلەرمۇ سۆزىدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇشتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئورتاق قىلىنغان ھەرىكەت قىلغاندىلا خىتايغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇلار شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
