ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى يوشۇرۇنچە ئالاقىسى ئاشكارىلىققا ئۆتۈپ، خىتاي تېزدىن بۇ رايوننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىگە قول تىقىشقا باشلىدى. ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدا ھەممىلا نەرسىسى خاراپ قىلىۋېتىلگەن ئافغانىستانغا خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن «ياردەم» ھېسابىدىكى غايەت زور تۇرمۇش بۇيۇملىرى، جۈملىدىن نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر نان-توقاچلىرى دېگەنلەر ئافغانىستاندا «خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتقان قەدىناسلار» دېگەندەك پاراڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى مەلۇم. خىتاي بىلەن بىر مەھەل «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېرورچىلار گۇرۇھى» دەپ ئاتالغان تالىبانلارنىڭ بۇ قەدەر دوستانە ئالاقىسى، يەنە كېلىپ ئىسلام دىنىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستانغا بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلۈشى يېقىندىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن «دوست» لىشىشى
24-مارت كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇشتۇمتۇت كابۇلدا زىيارەتتە بولۇپ، تالىبانلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ئافغانىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بولۇپ قالدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ۋاڭ يى ئافغانىستاننىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر خان مۇتتەقى بىلەن خاس سۆھبەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئالاقىسى، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا كان قېزىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ باشقا ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاش ھازىرغىچە تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تالىبانلار بىلەن بۇ قەدەر قويۇق ئالاقىدا بولۇشى، ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا، نېبراسكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «ئافغانىستان تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى، بىر نەچچە يىل ئافغانىستان پرېزىدېنتى (رەئىس جۇمھۇر) ھامىد كارزايىنىڭ ئىشخانا مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن شېرجان ئەھمەدزايى (Sher Jan Ahmadzai) ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان دوستلۇققا يوشۇرۇنغان مەزمۇنلار ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئافغانىستان بىلەن خىتاي بىر-بىرىگە مۇھتاج بولغانلىقتىن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھتاجلىق ئامىلى بۇ دوستلۇقنى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرغان.
«ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قوياي. ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن پەيدا بولغان ھاكىمىيەت بوشلۇقىنى تېخى ھېچكىم تولدۇرۇپ چىقالمىدى. مەيلى خىتاي ياكى رۇسىيە ياكى باشقا بىر زور كۈچ شۇنداق قىلىشقا تېخى قادىر بولالمىدى. ئەگەر بۇ بوشلۇقنى ئىگىلەپ بىر يەرگە ئاپارغان بىرى بار، دېيىسلە، ئۇ ھەرقانداق دۆلەتكە قارىغاندا ئافغانىستاندا ھەممىدىنمۇ بەكرەك مەنپەئەت ئېھتىياجى بولغان پاكىستاندۇر. شۇڭا ھازىر تالىبانلار ھاكىمىيىتى پاكىستان بىلەن ئەڭ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئافغانىستاندا ھازىر ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئەندىشىسى قالمىدى، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ جايدا پەقەت بىر يېڭى ھاكىمىيەت تەختكە چىقتى، خالاس. يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن تالىبانلار ھاكىمىيىتى مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، بۇ بوشلۇقنى ھەقىقى يوسۇندا تولدۇردى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئافغانىستانغا بۇ قەدەر قىزىقىشىدا مېنىڭچە ئىككى سەۋەب بار: بىرى، ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا خىتاي دۇنيادىكى زور كۈچلەر ئافغانىستاندا ياراتقان تىنچلىق ۋەزىيىتىدىن زور دەرىجىدە مەنپەئەت ئالدى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، خىتايغا ئافغانىستان تەرەپتىن ھېچقانداق زەرەر يەتمىدى. ئىككىنچىسى، خىتاي ئافغانىستاندىكى مىس كانلىرىنى قېزىش بىلەن بىرگە ئافغانىستاندا ئىلگىرىكىدەكلا ‹شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشى› نى قوللىماسلىق خاھىشىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا خىتاي سىياسىي جەھەتتىن ئافغانىستاندا خىتايغا باش ئاغرىقى بولغۇدەك بىر ئىشنىڭ بولماسلىقىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاز-تولا بولسىمۇ نەپ ئېلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ.»
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە چاقىرىلغان ئىسلام كېڭىشى يىغىنىغا كۆزەتچى سۈپىتىدە قاتنىشىشقا مېڭىش سەپىرىدە كابۇلدا توختاپ ئۆتۈشى، قارىماققا نورمال زىيارەتتەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ ماھىيەتتە يەنىلا ئاشۇ مەقسەدلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن. بۇ توغرىسىدىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «تىنچلىق ئىنىستىتۇتى» (U. S. Institute of Peace) نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئاندرېۋ سكوبېل (Andrew Scobell) خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا تىنچ ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئارزۇ قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ: «باياتتىن مەن تىلغا ئالغان مۇقىملىق مەسىلىسىدىن باشقا خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىش ئىنتىلىشى ۋە نىشانى تېز سۈرئەتتە ئەمەس، ئەكسىچە تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاستا سۈرئەتتە ئورۇنلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار يەنە ئافغانىستاندىن ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنىمۇ ئىزدەۋاتىدۇ. ئەمما شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئافغانىستانغا قول تىققان چوڭ دۆلەتلەر، مەسىلەن، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئامېرىكا بىردەك بۇ ئىشتا ئۇتۇق قازىنالمىدى. خىتاي بۇنى بەكمۇ ياخشى بىلىدىغان بولغاچقا، بۇ جايدا پاتقاققا پېتىپ قېلىشتىن بەك ھۇشيار بولۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى (ۋاڭ يى) كابۇلدا زىيارەتتە بولدى. بۇ تالىبان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان كابۇلغا ئاياق باسقان ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبىرى. ئەمما ئۇلار يەنىلا تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈۋاتىدۇ. ئېنىقكى، بۇنىڭدا سىياسىي ئامىل ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. يەنە قوشۇمچە ھالدا ئافغانىستاندىن مىس كانلىرىنى قېزىشتەك ئىقتىسادىي نىشانمۇ بار. ئەمما خىتاي ئۈچۈن بۇ جايدا بىرنەچچە مەسىلە بار. بۇنىڭ ئەڭ چوڭى، تالىبانلار ھاكىمىيىتى زادى بۇ جايدا خىتاي ئارزۇ قىلغاندەك تىنچلىق ۋەزىيىتى بەرپا قىلالامدۇ-يوق، دېگەن مەسىلىدۇر.»
ئافغانىستاندا خىتايغا تەھدىت مەۋجۇتمۇ؟
شېرجان ئەھمەدزايىنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل دىپلوماتىك ئالاقە تېخى يېقىندىلا ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلار ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي «ياردەمسىز» ھالەتكە مەھكۇم قىلىش ئارزۇسىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.
«بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل دىپلوماتىك ئالاقىسى ئۆزگىچە بولغان يېڭىلىقمۇ ئەمەس. ئۆتكەن نەچچە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ ۋاستىچىلىكىدە تالىبان كۈچلىرى بىلەن كۆپ قېتىم يوشۇرۇن سۆھبەتتە ۋە ئالاقىدا بولۇپ كەلگەن. دوھا شەھرىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن تالىباننىڭ رەھبەرلىرىمۇ بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇپ، جىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئالاقىسىدا ‹قوشنىدارچىلىق› ياكى ‹دوستلۇق› تىن كۆرە، ‹ئېھتىياج› نىڭ تۈرتكىسى چوڭ رول ئوينىغان. مەن باياتتىن دەپ ئۆتكەندەك، بۇ يەردىكى ‹ئېھتىياج› دەل ئەنە شۇ خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتتۇر. بولۇپمۇ خىتاي ئۈچۈن ئافغانىستاندا ‹شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى› ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنىڭ بولماسلىقى بەك مۇھىم. بۇ تېمىنى خىتاي نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىلا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى (كارزايى دەۋرى) بىلەن كۆپ مۇزاكىرە قىلغان. بۇ ئەندىشە ھازىرمۇ كۈچىدىن قالغىنى يوق. چۈنكى ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايون ئەينى ۋاقىتتىلا ‹بازا› تەشكىلاتى ۋە تالىبانلار بىلەن تام قوشنا جايلاردىن بولۇپ كەلگەن. شۇڭا ئافغانىستاندا خىتاي ئۈچۈن ھېچقانداق چوڭ بازار مەۋجۇت بولمىسىمۇ، خىتاي يەنىلا بۇ ‹خالتا كوچا› شەكلىدىكى ماكانغا قىزىقىدۇ. بايلىق جەھەتتىن ئالساق ئافغانىستاندىكى مىس كان بايلىقى بۇنىڭ ئەڭ چوڭى.»
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» دېگەندەك بىر قاتار «تېرورچى» تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە بۇنىڭ ئېنىق ئىسپاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان ئىدى. جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىسمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا «بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەيدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنى تېرورلۇق گۇرۇھلار ئىسىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «غەرەزلىك قوش ئۆلچەم قوللىنىش» دەپ تەنقىدلىدى. بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا شېرجان ئەپەندى ئافغانىستان تەۋەسىدە خىتايغا قارشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرەر ئاشكارا ھەركەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كەسكىن ئىپادە قىلىدۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندا خىتاي ئۈچۈن تەھدىت پەيدا بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر بىرەر بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۇلار بۇنىڭغىمۇ يول قويمايدۇ. ئەمما تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ ‹ئافغانىستان تېرىتورىيەسىدە ھېچقانداق شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستانغا قوشنا مەملىكەتلەرگە، جۈملىدىن خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ› دېگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانمەن. ئەمما ئاشۇ جايدىكى تەشكىلاتلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر ھەققىدە قىلغان سىياسىي ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىر مەسىلە. بۇ تەشكىلاتلار شۇنداق بىر ئارزۇدا بولغان ھالەتتىمۇ ئۇلارنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان يېتەكچى كۈچلەر ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتىگە يول قويمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلىنىشىمۇ بىر مەسىلە.»
ئىمران خان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقان يولى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەبلىغلىرى جۈملىسىدىندۇر!»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىنى ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان كۆپ قېتىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلدى. ئەمما ئۇ دائىم گەپ يورغىلىتىش ياكى بۇ ئىشلارنى «يەڭ ئىچىدە سۆھبەتلىشىش» شەكلىدە بىر ياقلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما 27-مارت كۈنى «جۇمھۇرىيەت دۇنياسى» گېزىتىدە ئىمران خاننىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ئېلان قىلىندى. ئىسلامئاباد شەھرىدىكى يىغىن جەريانىدا ئىمران خان خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەدھىيەلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى 700 مىليون خەلقنى نامراتلىقنى قۇتۇلدۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يولى دەل مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەشەببۇسلىرى جۈملىسىدىندۇر» دېگەن. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، 1930-يىللاردىكى قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قېنىنى تۆككەن جاللات شېڭ شىسەينى ماختاپ: «مۇھەممەد پەيغەمبەردىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ دېيىلىدۇ. ئەگەر يەنە پەيغەمبەر كېلىدۇ دېيىلسە، ئۇ چاغدا شېڭ دۇبەن جانابلىرى پەيغەمبەر بولار ئىدى،» دېگەن ئىكەن.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا شېر جان ئەپەندى بۇنىڭ ئۇچىغا چىققان ساتقۇنلۇق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «ئىمران خاننىڭ بۇ باياناتىنى پۈتۈنلەي مۇناپىقلىق بىلەن تولغان، دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى بىر ياقتا مۇسۇلمانلار قىرغىن قىلىنىۋاتسا، ئۇنىڭ ‹مۇسۇلمانلار قىرغىن قىلىنمىدى› دېيىشى، بۇنىڭغا زىت قاراشلاردۇر. ئەمما پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە قارايدىغان بولساق، بۇنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شۇڭا مەن پاكىستاننى ھېچقاچان خىتاينى رەنجىتىپ، خىتاي بىلەن دوستلۇقىنى بۇزۇپ قويىدىغان بىرەر باياناتنى ئېلان قىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. شۇڭا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان ياكى خىتاي ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىرەر بايانات ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقمايدۇ. چۈنكى بۇ ھەر ئىككىسىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ. شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما پاكىستان باش مىنىستىرى ياكى پاكىستاندىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ خىل قوش ئۆلچەمنى كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇناپىقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ قانچىلىك داۋام قىلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، دوكتۇر ئاندرېۋ بۇ خىل «ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئارقىلىق كارنايدىن ئىلىش» ھىيلىسىنىڭ يالغۇز ئافغانىستاندىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى، دەل مۇشۇ خىل «تىل قىسىلچىقى» تۈپەيلىدىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى سۆز قىلالماس بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ: «مېنىڭچە، بۇ بەكمۇ قىزىقارلىق بىر سوئال. بۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان مەنپەئەتنى ۋە سودىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپتىن كۈتىدىغانلىرى بار. شۇڭا ئۇلارنى بىز ‹قەدىناس دوستلار› دىن بولۇپ كېتىدۇ، دېيەلمەيمىز. چۈنكى بۇ دوستلۇق ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە مەنەپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ ھال خىتاي بىلەن تالىبانلار ياكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى يىگانە ھادىسە ئەمەس. كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرىنى خىتاي مۇشۇ شەكىلدە ئىندەككە كەلتۈرۈپ بولدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھازىرغىچە بىرەر مۇسۇلمان دۆلىتى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلەپ باققىنى يوق. بۇ جەھەتتىكى ھىيلە-مىكىرلەردە ھېچقانداق دۆلەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا كۈنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ غەيرىلىكنىڭ بىرى دەل ئامېرىكا ۋە باشقا غەرپ ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىشى ھەمدە مۇشۇ خىلدىكى رېئاللىققا قارىتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىشىدۇر.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ۋاستە ئارقىلىق پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى كونترول قىلىپ بولغان بولۇپ، بىر قىسىم ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىل خىتاينى قوللاش ھەمدە ئۇلارنى ھېمايە قىلىش ھەركەتلىرى خەلقئارادا زور تەنقىدلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما بۇ ھۆكۈمەتلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ خاس بولغان «دۆلەت مەنپەئەتى» نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى، «تۈگمىنى دەپ تۆگىنى قولدىن بېرىپ قويۇش» قا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن.