2022-يىلى 5-ئايدا خىتاي دۆلەت خەۋەپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى مىسىر تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىچىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇرنى مىسىر ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە سوراق قىلغان. خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ، مىسىردەك يات بىر دۆلەتتە ئۆزىگە تەھدىت ھېسابلىغان بىرىنى خالىغانچە سوراق قىلالىشىدىكى ئاساس بولسا، مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت خەۋەپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «تېررورىزىم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ يامرىشىغا زەربە بېرىش» كېلىشىمىدىن ئىبارەت بولغان. بۇنداق ھادىسە يالغۇز مىسىردىلا ئەمەس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ماراكەش ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىمۇ داۋاملىق يۈز بەرمەكتە ئىكەن.
«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى يېقىندا ئېلان قىلىشقا باشلىغان «خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئەندىزىسىنىڭ ئافرىقاغا كىرىشى» ناملىق كۆپ قىسىملىق ماقالىنىڭ 1-بۆلىكىدە بايان قىلىشىچە، «خىتاينىڭ ساقچى مودېلى»، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇپ كەلگەن «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نىقابى ئاستىدىكى «مۇقىملىقنى ساقلاش ئەندىزىسى» 2016-يىلىدىن باشلاپلا ئافرىقا ئەللىرىگە ۋە تىنچ ئوكياندىكى بەزى ئارال دۆلەتلىرىگە ئېكىسپورت قىلىنىپ، خېلى كۆپ دۆلەتلەردە يىلتىز تارتىشقا باشلىغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ساقچى ۋە خەۋەپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئالدىنقى2-3 يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىدە دىققەتكە سازاۋەر بىر تېمىغا ئايلانغان، بەزى دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، «ئاتالمىش ئىش بېجىرىش ئورنى» نامىدىكى بۇ خىل ساقچىخانىلارنى تاقاش ۋە چەكلەشكە ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشتا يولغا قويۇپ كەلگەن «ساقچى مودېلى» نىڭ ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلاملىرىغا نەقەدەر چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغان بىر دەرىجىگە يەتكەن.
تۈركىيەدىكى ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «ساقچى مودېلى» نىڭ ئافرىقا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئافرىقادىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىشى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئىگە بولۇپ، خىتاي نۆۋەتتە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان غەرب بىلەن بولغان سۈركىلىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە تەرەپدار توپلاشقا كۈچىمەكتە ئىكەن.
خىتاينىڭ پاكىستان، جىبۇتى، سېنىگال ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەردە ھەربىي بازىلارنى قۇرغانلىقى ھەممىگە ئاشكارا مەسىلە. «خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئەندىزىسىنىڭ ئافرىقاغا كىرىشى» ناملىق ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، تېخى ئالدىنقى ئايدىلا تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى كىرىباتى خىتاي ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ئورۇنلىشىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئورتاق مەسئۇل بولۇشقا قوشۇلغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 27-فېۋرال بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىز خىتاي خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھېچقانداق بىر ئارال دۆلىتىگە ياردىمى تېگىدۇ، دەپ قارىمايمىز. ئەكسىچە، بۇ خىل ھەرىكەت رايوندىكى توقۇنۇشنى ۋە خەلقئارالىق جىددىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن» دېگەن ھەمدە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» دەپ ئاتىغان.
نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت سىستېمىسىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىشنى باشلىغىلى ئۇزۇن بىر مەزگىل بولغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ئارقىلىق غەرب قىممەت قارىشىغا، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە جەڭ ئېلان قىلماقتا ئىكەن.
ماقالىدە بايان قىلىشىچە، «خىتاينىڭ ساقچى مودېلى» نىڭ ئافرىقا ئەللىرىدە تەتبىقلىنىشى كىشىنى چۈچۈتىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. مەسىلەن، 2016-يىلى 4-ئايدا خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى كېنىيە خەۋەپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن 44 نەپەر تەيۋەن پۇقراسىنى تۇتۇپ، خىتايغا ئېلىپ كەتكەن. كېنىيە سوتى «گۇناھسىز» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىلەرنى خىتايلار تۇتۇپ ئاپىرىپ 15 يىللىقتىن كېسىۋەتكەن. 2022-يىلى 1-ئايدا 30 دىن ئارتۇق خىتاي كوماندىر، جەڭچىلىرى ئۇگاندا ئالاھىدە قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، 4 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى تۇتۇپ كەتكەن. 2022-يىلى مىسىر تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىچىدىن ئۆزلىرى خالىغانلىرىنى بىمالال سوراق قىلالىغان. ھەتتا 2020-يىللىرىغا قەدەر، خىتاي ساقچىلىرى ساقچى فورمىسىنى كىيىپ، ئىتالىيە ساقچىلىرى بىلەن بىرگە كوچىلاردا يۈرەلىگەن ئىدى.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئافرىقا ۋە باشقا ئەللەردىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «مۇقىملىقنى ساقلاش ئەندىزىسى» كېلىچەكتە بۇ دۆلەتلەرگە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە تەشنا خەلقلىرىگە نىسبەتەن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.
ماقالىدە بايان قىلىشىچە، 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە 2000 دىن ئارتۇق ئافرىقالىق ساقچى ۋە قانۇن ئىجراچىلىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن. بۇ خىتايدا تەربىيەلەنگەن كىشىلەر ئافرىقانىڭ 2019-يىلى قوبۇل قىلغان «ئافرىقا ساقچىلىرىنىڭ ئۆرنەك قانۇنى» غا ماس كەلمەيدىغان بىر سىياسەت ۋە ئىدېئولوگىيە بىلەن تەربىيىلەنگەن. يەنى خىتايدا تەربىيىلەنگەن بۇ ئافرىقالىق ساقچىلار ئەسلى ساقچىلارغا مۇناسىپ ئەخلاقلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداشنى ئاساسلىق مەجبۇرىيەت بىلىدىغان ئاڭ بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەۋپسىزلىك قىسىملىرىدىن كۈتىدىغان «دۆلەتنى مۇتلەق كونترول قىلىش مودېلى» نى ئۆزلەشتۈرگەن. بۇنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنىڭ كونكرېت مىساللىرىنى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.