تۈركىيەدىكى زور يەر تەۋرەشتە ئۇيغۇرلار يەنە بىر ئاكتىپ قوللىغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست، يازغۇچى ۋە 2010-يىلىدىن تارتىپ «ماراشنىڭ كۈنتەرتىپى» ناملىق تور گېزىتىدە ئوبزور يېزىۋاتقان ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى ئاخمەت دوغان ئىلبەي بىلەن ئايالى خاتىچە خانىم 6 - فېۋرال يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەنە بىر ئاكتىپ قوللىغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

ئۇنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى تارقىلىشى بىلەن تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈشتى.

ئاخمەت دوغان ئىلبەي 47 يىللىق ژۇرنالىستلىق ھاياتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 150 پارچىدىن ئارتۇق ئوبزور ۋە باشقا ماقالىلارنى يازغان. ئۇ، 2020-يىلى تۈركىيە بويىچە «2020-يىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبزورچىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.

ئاخمەت دوغان ئىلبەي ماقالىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك، ئىسلام ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى، ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ھالدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ، خىتاي قۇرغان جازا لاگېرلىرى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشكە باشلىغان 2019-يىلى تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستان سىزنىڭ نېمىڭىز بولىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى.

ئاخمەت دوغان ئىلبەي مەزكۇر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ قان قېرىندىشى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دىن قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، كېيىنمۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرغانىدى.

«ئۇيغۇرنېت تور» گېزىتىنىڭ مەسئۇلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم ئاخمەت دوغان ئىلبەي ئەپەندىنى ئۇزۇن يىلدىن بېرى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تونۇلغان ژۇرنالىست ئاخمەت دوغان ئىلبەي ئەپەندى 1980-يىلى «يېڭى چۈشەنچە»، «دولۇناي» قاتارلىق ئەدەبىيات ژۇرنىلى چىقارغان. 1990-يىللاردىن بۇيان «كۈندۈز» گېزىتى بىلەن «قاھرامانماراشنىڭ كۈنتەرتىپى» ناملىق تور گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇنىڭ خىزمەتدىشى مۇستافا كۆك ئەپەندى يانفون ئارقىلىق سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق يازغان: «مەن ئاخمەت دوغان ئىلبەينى 40 يىلدىن بۇيان تونۇيمەن. تونۇلغان شائىر مەرھۇم باھائەتتىن قاراقوچ ۋە مەن ئۈچىمىز <دولۇناي> ژۇرنىلىنى چىقارغانىدۇق. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا 150 ئەتراپىدا ئوبزورى ئېلان قىلغان. يەر تەۋرەشتە ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ تامنىڭ ئاستىدا 5-6 كۈن قالغاندىن كېيىن قۇتۇلدۇرۇلغانىدى. لېكىن ئۇ، ئايالى خاتىچە خانىم بىلەن بىرلىكتە دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قاھرامانماراش ۋىلايىتىمىزدە كۆپ ساندا زىيالىي قازا قىلدى بۇ، بىز ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولدى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، مەرھۇم ئاخمەت دوغان ئىلبەي ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ياخشى بىلىنمەيدىغان چاغلاردىمۇ داۋاملىق بۇنى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، د ئۇ ق نامىدىن تەزىيەسىنى بىلدۈردى.

ئاخمەت دوغان ئىلبەي 1954-يىلى قاھرامانماراش شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانىدى.

يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ ئېغىر ۋەيرانچىلىق كېلىپ چىققان قاھرامانماراش 1960-يىللاردا تۈركىيەدە پاناھلانغان ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋىلايەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى رەھبىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنمۇ كۆپ قېتىم بۇ يەردە دوكلات بەرگەن. قاھرامانماراشتىكى بىر چوڭ كوچا ۋە باغچىغا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئىسمى بېرىلگەنىدى.