رۇنې ستىنبېرگ: «ئۇيغۇرلار ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ساقلاش ئارقىلىق مۇستەملىكىگە قارشى تۇرغان»
2022.11.15

شىۋىتسارىيەدىكى جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى كۈن داۋام قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق تېما ھەر خىل ماۋزۇلار بويىچە ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنغان.
دانىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې ستىنبېرگ مەزكۇر يىغىندا ئۆزىنىڭ «مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇغقاندارچىلىق: جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق بىرلىشىشى» ناملىق تەتقىقات ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا تۇغقاندارچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ساقلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
رۇنې ستىنبېرگ ئەپەندى مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقالىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «جەنۇب تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 21-ئەسىردىكى تۇغقاندارچىلىق ئادىتىنى ئەتراپتىكى باشقا گورۇپپىلارنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قايتۇرغان ئىنكاسىغا سىلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىستېمىسىغا قارشى ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرىگە ئىگە، دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەن ھەتتا تۇغقانچىلىق سىستېمىسىنىڭ ئەسىرلەر بويىچە ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق ئەھۋالىنى تارىختىكى مۇستەملىكىچى ۋە مۇستەملىكە قىلىنغانلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق سىستېمىسىنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاش، دەپ قارايمەن. مۇستەملىكىچىلەر دەسلەپتە مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، مەھەللە سىستېمىسى، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشنى نىشان قىلىدۇ. چۈنكى ئادەتتە مۇستەملىكىچىلەرگە ئەڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلار، مۇستەملىكە ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن مەسىلە ھىسابلىنىدىغانلار ئۇرۇق-تۇغقان، جەمەت بولۇپ بىرلىكتە ياشايدىغانلاردۇر. بولۇپمۇ 21-ئەسىردە تېخىمۇ شۇنداق.»
2017-يىلى خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيە موكۇيلا يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ دېھقان قىزلىرىنى ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەشكە خىزمەت ئىشلەۋاتقان بىر سىن كۆرۈنۈشى قويۇلغانىدى BBC ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئىشلىگەن خەۋىرىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەمگەك كۈچى يۆتكەش باھانىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىش» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
رۇنې ستىنبېرگ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا شاھىت بولغان ئەھۋاللارنى تىلغا ئىلىپ مۇنداق دېگەن: «2010-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا قەشقەردە تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى قالاقلىق بىلەن باغلىغانلىقىنى دائىم ئاڭلاپ تۇراتتىم. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ‹قالاق› دەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. زامانىۋىلىققا ماسلاشمىغان، دەيدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە باغلايدۇ. ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق قىممەت قارىشىنى كەمسىتىدۇ. زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلىمەي توي قىلىشىنى ‹قالاقلىق› دەپ تەشۋىق قىلىدۇ.»
BBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جون سۇدۋورز ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئىشلىگەن پىروگراممىسدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقى، ياشلىق ئارزۇلىرى ۋە ئەركىنلىكىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇر يىگىت-قىزلىرىنىڭ خىتاينىڭ تۈرمە سىستېمىسىدىكى زاۋۇتلىرىدا قۇلدەك ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.
تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ئامىلىيا پاڭ خانىممۇ ئۆتكەن يىلى مارتتا رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئايرىپ خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى، مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى يوقىتىدۇ. مانا بۇ خىتايلارنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى.»
رۇنې ستىنبېرگ ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي نىكاھنى مۇقەددەس بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا دىنىي نىكاھ قىلىپلا ئائىلە قۇرۇدىغانلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نىكاھ ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان دىنىي زاتلارنى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «2017-يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيىتى، روھىيىتىنى بۇزۇشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى زاتلىرى، زىيالىيلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن تازىلىدى. 2019-يىللىرىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى زوراۋانلىق بىلەن ۋەيران قىلىپ بولدى.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل-باھانە سەۋەبلەر بىلەن يۇرت- ماكانلىرىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى يولغا قويۇپ، ھەر ئائىلىگە خىتاي كادىرلارنى «تۇغقان»لاشتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا «قوشماق تۇغقانلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ھەر مىللەتتىن بولغان 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە بىلەن «تۇغقان»لاشقان. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنىڭ مەقسىتىنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىنى 24 سائەت بويىچە نازارەت قىلىش، دەپ كۆرسەتكەن.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەخسۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكچىلىكى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا توغرا ئاڭلىتىشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.