«ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيەلەردىمۇ داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە باشلانغان «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيەلەرگىمۇ كېڭەيدى

تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدە ئايلاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىگە كېڭەيمەكتە. 16-فېۋرالدىن باشلاپ بۇ نامايىش گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، دورتمۇند، فرانكفۇرت، ستۇتگارت ۋە بېرلىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان.

تۈركىيەدە باشلانغان نورۋېگىيەگە كېڭەيگەن «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-فېۋرال، ئوسلو، نورۋېگىيە.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ كېلىپ قاتناشقان. نامايىش بىر ئاي داۋام قىلىدىكەن. بۇ نامايىشقا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلىپ نۇتۇقلار سۆزلىگەن.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن بىرقانچە كۈنلەردىن بۇيان «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى گېرمانىيەنىڭ دورتمۇند، فرانكفۇرت، ستۇتگارت ۋە بېرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.

«ئائىلەم نەدە؟» نامايىشى 22-فېۋرالدىن باشلاپ يەنە نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھرىدىمۇ باشلانغان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نورۋېگىيەدىكى بۇ نامايىش ئايلارچە داۋام قىلىدىكەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ 22-فېۋرال ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۈگۈن بۇ نامايىش ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشنى نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە كېڭەيتىش تەشەببۇسىدا بولدى.