رۇسىيە ئاكا-ئۇكا شەھرىزات ۋە شاھدىيارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى يەنە رەت قىلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا رۇسىيە فېدېراتسىيەگە تەركىبىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە سىياسىي پاناھلىق ئالالمايۋاتقان قوش كېزەك ئاكا-ئۇكا شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەتلەرنىڭ پاناھلىق ئېلىش ئىلتىماسى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەنە رەت قىلىندى.

بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ بىر قاتار ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر قىلدى. «قازان فۆست»، «رېيالنويې ۋرېميا»، «ئازادلىق» ۋە باشقىمۇ مەتبۇئاتلاردا «قازاندىكى سوت خىتاي پۇقراسى بولغان قوشكېزەك تاتارغا پاناھلىق بېرىشتىن ۋاز كەچمەكتە»، «قازاندىكى سوت ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشتىن باش تارتىشنى قانۇنلۇق ھېسابلىدى»، «خىتايدىكى تاتارلارغا قازاندا ئورۇن تېپىلمىدى»، «رۇسىيە خىتايدىن كەلگەن تاتارغا پاناھلىق بېرىشتىن باش تارتتى» دېگەندەك ماقالە-خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.

«كوممېرسانت» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىن كەلگەن تاتارلارغا قازاندىن ئورۇن تېپىلمىدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن تاتار ئاكا-ئۇكا شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەت ئۈرۈمچىدە تاتار-ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قازان شەھىرىدە ئۆتكەن سوتتا شەھرىزات خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتقان. 2015-يىلى ئۇلار قازان شەھىرىدىكى «فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» گە ئوقۇشقا كىرگەن. ئادۋوكات رۇسلان ناگىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن پۇلىنى تاتارلارنىڭ دۇنيا قۇرۇلتىيى تۆلىگەن. لېكىن ئۆتكەن يىلى ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى توختىتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتتىن چىقىرىلىپ، ۋىزىسى توختىتىلغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەت رۇسىيەدە قېلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق پاناھلىق ئىلتىماسىنى سۇنغان.

بىز شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەتنىڭ سوت ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى زۆھرە ھەمرايېۋاغا مۇراجىئەت قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شەھرىزاتنىڭ 25-نويابىردا قازان شەھىرىنىڭ ئاۋىياستروىتېل ناھىيەلىك سوتىدا دېلوسى قارالدى. ئۇنىڭ ۋاقىتلىق پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىندى. بىز ئەمدى رۇسىيەنىڭ ئالىي سوتىغا بۇ ھەقتە ئەرز سۇنماقچىمىز. ئەمدى شاھدىيارنىڭ ئىلتىماسى مۇشۇ يىلى 12-دېكابىردا ئالىي سوتتا قارالماقچى. ھازىر ئەھۋال مانا شۇنداق. مۇبادا ئالىي سوت بۇ ئىلتىماسنى رەت قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى رۇسىيە قانۇنلىرى بويىچە مەمۇرىي جاۋابكارلىققا تارتىش ھەم رۇسىيە چېگراسىدىن چىقىرىۋېتىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ئۇ ۋاقىتتا ھۆكۈم چىققاندىن كېيىنلا بىز كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ياۋروپا سوتىغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەسلىكى ھەققىدە چارە قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىمىز.»

قازاندىكى تاتار پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى فارىت زاكىيېف شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەتنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ ياۋروپا سوتىدا قارىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلارنى قوغداش مەقسىتىدە كېيىنكى ھەپتىدە بىر نەچچە كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمىز. بىزچە مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇشى كېرەك. ھازىرچە پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ياقلايدۇ دەپ ئويلايمەن. مۇسۇلمان ئەللەر بۇ ھەقتە ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقىغا قارشى. ئەلۋەتتە، بۇ نامايىشقا ھۆكۈمەت رۇخسەت بېرىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»

موسكۋادىكى ئۆزبېك پائالىيەتچىسى بەھرام ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەتنىڭ ئىشىدا ئىككى چوڭ مەملىكەتنىڭ، يەنى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئۆز-ئارا سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇ رۇسىيەنى باشقا مەملىكەتلەرگە ۋە خەلقلەرگە تۇتقان مەۋقەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ بىرىنچىدىن، مۇسۇلمانلارغا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك مەۋقەسى بار. ھازىر ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان پاجىئەلىك ئەھۋالنىڭ ياۋروپا سوتلىرىدا قارىلىۋاتقىنى مەلۇم بولسىمۇ، رۇسىيە بۇ ھەقتە ئۈندىمەيۋاتىدۇ. رۇسىيە بۇ يەردە ئون، يۈز يىللاپ كېلىۋاتقان خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ. رۇسىيە خىتاينى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ھەم شېرىكى سۈپىتىدە تونۇيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەقىبلەشنى توختىتىشقا ھېچ قانداق ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ. مېنىڭ ئويۇمچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ ئالدى بىلەن سىياسىي مەسىلىدۇر. ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسى پۈتكۈل خەلقئاراغا مەلۇم بولۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ رۇسىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن باش تارتماقتا. شەخسەن مېنىڭ پىكرىمچە، ئۇيغۇرلار ھازىر سىرتتىن ياردەمگە ناھايىتى موھتاج. ئۇلار ئۆزلىرى يالغۇز بۇ ئېغىر ئەھۋالدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ياردەمسىز قېلىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭ بارلىقىنى كۆزىتىۋاتىمىز.»

بەھرام ھەمرايېف مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئىسلام ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانداقتۇر بىر ھېسسىداشلىق مەۋقەسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەتنىڭ تەقدىرىگە ھېسسىداشلىق قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىرچە كۈچىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بەھرام ھەمرايېف قازان جامائەتچىلىكى ۋە بەزى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن شەھرىزات ۋە شاھدىيارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىرگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ھازىرچە ئۇلارنىڭ مۇخبىرلارغا سۆھبەت بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.