ئاكا ئۇكا مۇسابايوفلارنىڭ ئاتۇش ئېكساقتىكى ھەيكىلى چېقىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالغان، 1930-1940-يىللاردىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا ماددىي ۋە مەنىۋى ھەسسە قاتقان باۋۇدونباي مۇسابايۇپ ۋە ھۈسەنباي مۇسابايوفلارنىڭ ئاتۇش ئېكساقتىكى ھەيكىلى چېقىۋېتىلگەن. بۇ ئۇچۇر ئاتۇش ۋە قەشقەردىكى ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

1980-يىللاردىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ئۆتكۈنچى يۇمشاش دەۋرىدە، ئۇيغۇر خەلقى جۈملىدىن ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار، مىللەتپەرۋەر مەمۇرى كادىرلار ۋە ساخاۋەتچى تىجارەتچىلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا تارىختىكى ئۇيغۇر سەركىلىرىنىڭ ھەيكەللىرى تۇرغۇزۇلغان ۋە بۇ ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارغا مىللىي ئاڭ ۋە روھ سىڭدۈرۈشنىڭ چەكلىك بولسىمۇ بىر يولى ئېچىلغانىدى. مانا بۇ جەھەتتىكى ئەمگەكلەرنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە، 1990‏-يىللاردا ئاتۇش ئېكساقتا ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلارنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرگەنىدى.

لېكىن، ئالدىنقى يىلى تۋىتتىردا چىققان بىر ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، مۇسابايوفلارنىڭ ئېكساقتىكى ھەيكىلى چېقىپ تاشلانغان. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ ئېنىقلىشىچە، مۇسابايوفلارنىڭ ھەيكەللىرى 2018‏-يىلى چېقىۋېتىلگەن.

2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلگەن ھەددىدىن زىيادە ئۇچۇر چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، مەزكۇر خەۋەر يىپ ئۇچلىرى ئۈستىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋام قىلدى. ئۆتكەن ھەپتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئالاقە خادىمى، دەسلەپتە، ھەيكەللەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە زىيارەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز جەمئىيەتتە تارقالغان ھەيكەللەرنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇ خادىمنىڭ سەمىگە سالغىنىمىزدىن كېيىن، ئۇ ئۆزى ئېرىشكەن ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىنى يەنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمىنىڭ ئالاقە نومۇرىنى تەمىنلىدى. ئالاقىدار مەسئۇل خادىم، مۇسابايوفلارنىڭ قەبرىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئەمما ھەيكىلىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ يەنە مۇسابايوفلارنىڭ قەبرىسىنىڭ پەقەت ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى ئۈچۈنلا مەۋجۇتلۇقى، مەخسۇس خاتىرە سارىيى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى. 1990‏‏-يىللاردا مەزكۇر ھەيكەللەرنى زىيارەت قىلغان، نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ، چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن ئەينى يىللاردا بىر خاتىرە سارىيى سېلىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقى، پەقەت مۇسابايوفلار 19-ئەسىردە ئۆزلىرى ئاچقان ئىكساك پەننى مەكتىپىنىڭ ئورنىدىكى ئېكساق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرى بارلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر ساقچى خادىمى، ھەيكەللەرنىڭ نېمە ئۈچۈن چېقىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، خىتاينىڭ مۇسابايوفلارنىڭ ھەيكىلىدىن نېمە ئۈچۈن بىئارام بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇسابايوفلار ۋە تۇرپاندىكى مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئوينىغان تارىخىي روللىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.