ئالاھىدە ئەلچى ناسان سەيلىس: بۇ لاگېرلار تېررورلۇق بىلەن ھېچ ئالاقىسىز

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئەلچىسى ناسان سەيلىس(Nathan Alexander Sales) خىتاينى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر قامالغان لاگېرلارنى دەرھال تاقاپ دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ يەنە بۇ غايەت زور لاگېرلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

سەيلس ئەپەندىمنى بۇ سۆزلەرنى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتتى. رادىئومىز ئۇنىڭدىن يەنە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا ئالاقىدار سوئاللارنى سورىدى.

مۇخبىر: يېقىندا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا ئېلان قىلغان بىر ئوبزورىڭىزدا: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇم ھەرگىزمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەس، بەلكى بىر يىرگىنچلىك زۇلۇم» دېگەن ئىدىڭىز. بۇنى شەرھلەپ بېرەمسىز؟

ناسان سەيلىس: بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى لاگېرلارغا، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ لاگېرلار تېخى ئەسلى رېئاللىقنىڭ ئايدىڭ بولغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى. چۈنكى بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامالغان كىشىلەردىن باشقا، يەنە بىر نەچچە مىليون ئادەم كۈندۈزلۈك لاگېرلاردا سىياسىي مېڭە يۇيۇشنىڭ ئازابىنى چېكىۋاتىدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆلىمى غايەت زور ۋە پايانى يوق. قىسقىسى، ئۇنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.

ئەمەلىيەتتە، ئۇ يەردە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دىنغا قارشى ئۇرۇش ئېچىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزى زەربە نىشانى قىلغان كىشىلەرنىڭ دىنىي، تىل ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: سىز خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ دېمەكچى، شۇنداقمۇ؟

ناسان سەيلىس: بەرھەق. ھەر بىر دۆلەتنىڭ ھەقىقىي تېررورلۇقتىن ئۆزى ۋە ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى بار. ئەمما، ئۇ يەردە بولۇۋاتقىنى ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بىر يىرگىنچلىك ئىرقىي ۋە دىنىي زۇلۇم.

مۇخبىر: ئەمما خىتاي بۇنى باشقىچە شەرھىيلەۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ كىشىلەرنى كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاشقۇن ئىدىيەلەر بىلەن يۇقۇملانغان روھىنى داۋالاتقانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قوشۇلامسىز؟

ناسان سەيلىس: بۇ پۈتۈنلەي يالغان. باشتىلا خىزمىتى بار ئادەملەرنى كەسپىي تەربىيەلەشكە يوللاش بىھاجەت. قايتا تەكىتلىسەم، تۇتقۇننىڭ كۆلىمى ۋە لاگېر سىرتىدىكىلەرگە يۈرگۈزۈلگەن تەدبىرلەر غايەت زور ۋە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ بىر تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ياكى كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇ بىر زۇلۇم، خالاس.

مۇخبىر: سىز خىتاي تەرەپكە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلمايۋاتقانلىقىنى، بۇنى توختىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ باقتىڭىزمۇ؟

ناسان سەيلىس: مەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى قارشى تەرەپ خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن دىپلوماتىك سۆھبەتلەر ھەققىدە توختىلىشنى خالىمايمەن. مېنىڭچە سىز بۇنى توغرا چۈشىنىسىز. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق مەۋقەدە ئىكەنلىكنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تولۇق چۈشىنىدىغانلىقىغا شەك يوق. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز پومپېيو بۇ مەسىلىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى، مەن ۋە باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق قىلىپ كەلدۇق. مەنچە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ھەممىگە ئايان.

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانداق تەدبىرلەرنى قوللانماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟

ناسان سەيلىس: بۇ ئىشتا ئەڭ مۇھىمى خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ئاشكارا بېسىمنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يەنى، بۇ باستۇرۇشنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئاساسىي پرىنسىپلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان نېگىزلىك دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان دەپسەندىچىلىك دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى ھەمدە بۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئورتاق ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەش. يەنە بىرى، ئاشكارا بېسىم شەكلى ئارقىلىق ئامېرىكا قوشقا شتاتلىرىنىڭ بۇنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەس، بەلكى زۇلۇم دەپ قارايدىغانلىقىدىن ئىبرەت مەيدانىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇش.

تېخىمۇ كونكرېت ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئويلىشىۋاتقان ياكى ئالماقچى بولغان بەزى تەدبىرلەرنى باشتا ئاشكارىلىمايمىز. ئەمما شۇنىسى شۈبھىسىزكى، بۇ ھۆكۈمىتىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغىچە كۆڭۈل بولىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ بولدى.

مۇخبىر: خىتاي ئومۇمەن مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى بۇ غايەت زور تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا سولاشقا باشلىغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. ئەپسۇسكى، ئاخباراتنىڭ بۇ تېمىغا بولغان قىزىقىشى بارغانچە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ دەل شۇنى، يەنى ئاخباراتنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئاجىزلىشىشنى كۈتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ. سىزنىڭچە، مۇشۇنداق شارائىتتا ئامېرىكا بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۈچلۈك دىققەت جەلپ قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟

ناسان سەيلىس: بىز بۇ ھەقتە سۆزلەشنى داۋام قىلىمىز. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىنىي ئەركىنلىك قىممەت قارىشىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر دۆلەت، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەقىقىي تېررور تەھدىتلىرىگە قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىشتا دۇنياغا يېتەكچى بولغان بىر دۆلەت. بىز قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە ئەندىشىلىرىمىزنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادە قىلىشىنى داۋام قىلىمىز. بىز يەنە بىز بىلەن بىر مەۋقەدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ يەردە ئالاھىدە مۇھىم بولغىنى، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز دىنىي قېرىنداشلىرى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك زەربە نىشانىغا ئايلانغاندا ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىمانغا قاراتقان ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىشى.

مۇخبىر: سىزنىڭچە خىتاي مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى ھەتتا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ قاماش ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچىدۇ؟

ناسان سەيلىس: ھازىر شاھىت بولۇۋاتقىنىمىز، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنىڭ يەنە بىر قەدىمى.

خىتاي كومپارتىيەسى دىنغا تېگىدىن ئۆچ. ئۇلار دىنىي ئېتىقادنى كومپارتىيە خىتايدا ھۇزۇرلىنىپ كەلگەن ھوقۇق مونوپوللۇقىغا تەھدىت دەپ قارىغاچقا دىنغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ پارتىيەنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى ئەزگىنىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ يىللاردىن بۇيان دىنغا قارىشى ئېلىپ كەلگەن قەدەملىرىنى، يەنى خرىستىيانلار، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلارغا قارشى ئالغان تەدبىرلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىشىمىز كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى دىنغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى دىنغا ئۇرۇش ئېچىپ كەلدى.

مۇخبىر: سىز ماقالىڭىزدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغاندەك، بۇ يەردىكى مەسىلە دىنىي مەسىلىلا ئەمەس، بەلكى، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئۇلارنىڭ كىملىك مەسىلىسى. سىز خىتاي ئۇ جايلاردا بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا پەقەت ۋە پەقەت دىنىي مەسىلە پەيدا قىلىۋاتىدۇ دەپ قارامسىز ياكى مەسىلە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپمۇ؟

ناسان سەيلىس: مەسىلە ئۇنىڭدىن ئېغىر. تىنچ يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ يوق قىلىنىشى بىز ئۇ يەردە شاھىت بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ نېگىزى. ئەمما بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. نارەسىدە بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن يۇلۇپ ئېلىنىپ، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى دارىلئېتاملارغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ يەردە ئۇلارغا پەقەت خىتايچىلا ئۆگىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىسىز ئۆزگەرتىلىدۇ. قىسقىسى ئۇلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىل ئەنئەنىلىرى ياكى ئۇلار مەنسۇپ بولغان مىراسلىرىدىن ئۈنۈملۈك ھالدا ئايرىۋېتىلدى.

مۇخبىر: بەزى تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندا مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى لاگېرغا سولاش ۋە دىستوپىيان ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىش ئارقىلىق دۆلەت تېررورىزمى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئىشەنسە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇ جايدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

ناسان سەيلىس: مەيلى قانداق ناملاردا ئاتالسۇن، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. بۇ پەقەت پارتىيە ئۆز ھوقۇقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەھدىت، دەپ قارالغان دىنىي، ئېتنىك ۋە باشقا ئاز سانلىقلارنى ئېزىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

مۇخبىر: بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى تېررورلۇق باھانىسىدە باستۇرۇشى، «11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى» دىن كېيىن، سابىق بوش ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك ۋە مۈجمەل بىر تەشكىلاتنى «چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى»، دەپ تىزىمغا ئالغاندا باشلانغان دەپ قارىشىدۇ. شۇنداق ئىكەن، سىزنىڭچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدەر زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا يانتاياق بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟

ناسان سەيلىس: ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ «11-سېنتەبىر» دىن كېيىنكى مەيدانىمىز بەك روشەن بولۇپ كەلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەممە دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپ تۇرۇۋاتقان تېررور تەھلىكىلىرى مەۋجۇت. شۇڭا بارلىق دۆلەتلەر مەيلى ئۇ تەھدىتلەرنىڭ قەيەردىن كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، يەنى، مەيلى ئەلقايدا بولسۇن، ئىسلام دۆلىتى بولسۇن، ھەزبۇللا بولسۇن ياكى ئىراننىڭ ھامىيلىقىدىكى باشقا تەشكىلاتلار بولسۇن، بۇلارنىڭ تېررور تەھدىتلىرىگە قارشى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ھالبۇكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي مەقسەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياكى دىنىي ۋە ئېتنىك زۇلۇمنى ئېغىرلاشتۇرۇش قورالى قىلىنماسلىقى كېرەك.

مۇخبىر: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» دىن يەر ئالغان شارائىتتا، كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سوئال قويسا، ھەتتا بەزىلىرى بۇنى قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس، دەپ تالىشىدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنى ئۆز تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈشنى ئويلاپ باقتىمۇ، ياكى بۇ تەشكىلاتىنى بۇ تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىش ئۈستىدە تەدبىرلەر ئويلىشىلدىمۇ؟

ناسان سەيلىس: تىزىملىككە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم بىر قارارنىڭ ئېلىنىدىغان ياكى ئېلىنمايدىغانلىقىغا ئائىت ئىچكى مۇزاكىرىلەر توغرىسىدا ئاشكارا سورۇندا توختالمايمىز. سىزگە چوڭ جەھەتتىن شۇنى دېيەلەيمەنكى، بىز ھەرخىل مەنبە ۋە ئۇسۇللاردا قولىمىزغا كەلگەن ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن دەلىل-ئىسپاتلارنى داۋاملىق باھالاپ، بىزدىكى «تېررورچىلار تىزىملىكى» نىڭ تولۇق يېڭىلىنىپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

مۇخبىر: خىتاي «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دىن قايتا-قايتا پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىدى. سىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، يەنى بوش ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتىنى «چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئەنگە ئېلىپ خاتالىق ئۆتكۈزدى، دەپ قارامسىز؟

ناسان سەيلىس: مەن ئوخشىمايدىغان دۆلەت خادىملىرى ئوخشىمايدىغان دەۋردە كۆپ يىللار ئىلگىرى ئالغان قارارلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلمايمەن. ئەمما بۈگۈن سىزگە شۇنى ئېيتالايمەنكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلارغا قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشىلىنىۋاتىمىز.

مۇخبىر: تەتقىقاتچىلار ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ دەۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى ياكى بۇ كرىزىسلاردا ۋاسىتىلىك ھالدا مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارغا ئېيتىدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟

ناسان سەيلىس: لاگېرلارنى تاقاپ، تۇتقانلارنى قويۇۋەت، لاگېر سىرتىدىكىلەرگە ئىز قوغلاپ ئەگىشىدىغان تەقىب دۆلىتى سىستېمىسىنى چۇۋۇپ تاشلا، بالىلارنى ئۆز ئائىلىسىگە، يەنى ئۇلار ئۆزى قەدىرلەيدىغان مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرى ئىلىكىدە تەربىيە ئالالايدىغان ماكانىغا قايتۇر.

مۇخبىر: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ كرىزىسلارنىڭ خەيرلىك ئاخىرلىشىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئېيتىدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟

ناسان سەيلىس: بۇ بىر دۆلەتنىڭ دىنغا قارشى ئاچقان تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇشى ئەمەس. دۆلەت ئىمان-ئېتىقادىنىڭ ئۇلنى كولاشقا ئۇرۇنغاندا ئىمان ھەر زامان غالىپ كەلگەن. تارىختا ئېزىلگەن گۇرۇپپىلارنىڭ مۇشۇ خىل جازالاشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار ۋە ئىمان-ئېتىقادىنىڭ زالىم ھاكىمىيەتتىن ھامان كۈچلۈك كەلگەنلىكىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار.