بايدېن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 18-مارت كۈنى ئالياسكا شتاتىنىڭ مەركىزى ئانكورىج شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا تەرەپتىن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان، خىتاي تەرەپتىن خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دىپلوماتىيەگە مەسئۇل ئەزاسى ياڭ جيېچى بىلەن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشقان. مەزكۇر ئۇچرىشىش پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ يىل يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى، ئىقتىساد ۋە سودا قاتارلىق مەسىلىلەرنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسى، ئەقلىي مۈلۈك جاسۇسلۇقى، تور ھۇجۇمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ «بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەر بىرى يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان خەلقئارالىق قائىدىگە ئاساسلانغان تەرتىپكە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان سۆھبەتنىڭ باشلىنىشىدا مۇنداق دېگەن: «بىز توقۇنۇش بولۇشىنى خالىمايمىز. ئەمما كەسكىن رىقابەتتىن قاچمايمىز. ئامېرىكا خەلقى ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۆز پرىنسىپلىرىمىزدا چىڭ تۇرىمىز.»
خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ياڭ جيېچى ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باھانە قىلىپ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن قالايمىقان پايدىلاندى. خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىياتىغا تەھدىد سالدى. شىنجاڭ، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن خىتاي تېرىتورىيەسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بىز ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، » دېگەن.
راند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور سىكوت ھېرولد ئالدىنقى ھەپتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە ئالدىن مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەنچە، خىتاي تەرەپ ئامېرىكانىڭ تەلەپلىرىدىن ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ يىغىن خىتايغا نىسبەتەن دۆلەت ئىچى سىياسىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۇچرىشىشنى قوبۇل قىلىشىدىن قارىغاندا، ئۇلار بۇ يىغىننى دۆلەت ئىچىدە قانداقتۇر شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىك غەلىبىسىدەك ۋە خىتاي ئامېرىكانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈچلۈك تۇرغاندەك تەشۋىقات قىلىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا مەنچە خىتاي يىغىندىن كېيىن ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەرنى كۆپرەك يورۇتىدۇ، مەسىلەن، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى ‹ئامېرىكا بىزنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماقچى بولدى،› دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. »
خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ قېتىملىق يىغىننى «تىل ئۇرۇشى ۋە ئۆز ئارا ئەيىبلەشلەرگە تولغان بىر سائەت بولدى،» دەپ تەسۋىرلىگەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا مەزكۇر يىغىن ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ئەمەلدارلىرى ئالياسكاغا بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن كەلمەپتۇ. خىتاينىڭ تەكەببۇر ئەمما ئۆزىگە ئىشەنچسى يوق رەھبەرلىرى ئەڭ خەتەرلىك. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىسى ئامېرىكانىڭ ئورنىنى قايتا تىكلەش. بۇ خىتاي دىپلوماتلىرى ئۆزلىرىنى زادى كىم دەپ ئويلايدۇ؟ ئۇلارنى ئوبدانراق ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدىغان پەيت كەلدى. »
گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق يىغىن باشقا ھەرقانداق ‹ئىلگىرىلەش› خاراكتېرلىك يىغىنلارغا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر خىتاي ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› نى، ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› نى، ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاشنى توختاتمىسا، مۇناسىۋەتنى ‹ئىلگىرىلىتىش› نىڭ ھاجىتى يوق. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغىنى خىتاي ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشساق بولمايدۇ. بۇ بەزىلەرنىڭ قۇلىقىغا خۇشياقمايدۇ، لېكىن بىز راستتىنلا دىكتاتور بىر ھاكىمىيەت بىلەن ئېلىشىۋاتىمىز. بىز ئۆزىمىزنى، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى ۋە دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنى قوغدىشىمىز كېرەك. قىسقىسى، بۇ مەدەنىيەتنىڭ كۈرىشىدۇر. »
NBC خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ماھىيەت جەھەتتىن ئىلگىرىلەتمەكچى بولسا، ئىلگىرىكى يۆنىلىشنى چوقۇم ئۆزگەرتىشى كېرەك. »
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئالياسكادا ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېنغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپى ھەققىدە خەت يازغان. خەتتە ئامېرىكا تەرەپنىڭ بېيجىڭدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، سەۋەبسىز تۈرمىلەرگە قامالغانغانلارنى قويۇۋېتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مەزكۇر خەتتە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ABC خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۈمىد ئاز. شۇنداقتىمۇ ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى دىپلوماتىك پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋە ھەمكارلىق ساھەلىرىنى تېپىپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىشتى. »
سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا ئانتونىي بىللىنكېن مۇنداق دېدى: «دەرۋەقە، بىز ئۆزىمىزنى مۇكەممەل ۋە كەم-كۈتىسىز دەپ قارىمايمىز، بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا خاتالىق سادىر قىلىمىز. ئەلۋەتتە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كېلىمىز، ئۇ چاغدا چېكىنىشنى بىلىمىز. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بىز تارىختىن بۇيان بۇ خىل خىرىسلارغا ئوچۇق-ئاشكارا مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز بۇلارنى يوشۇرمايمىز، يالغاندىن ‹مەۋجۇت ئەمەس› دەيدىغان قىياپەتكىمۇ كىرىۋالمايمىز. بۇ خىل ئەمەلىيەت بەزىدە ‹ئاچچىق› بولىدۇ، ‹سەتچىلىك› بولۇپ كۆرىنىدۇ. ئەمما ھەر قېتىمقى ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن، بىز تېخىمۇ كۈچلىنىمىز، تېخىمۇ ياخشى بولىمىز ۋە پۈتۈن دۆلەت ئىتتىپاقلىشىمىز. »
بىللىنكېن ئەپەندىدىن كېيىن جەيك سۇللىۋان سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن ئېتىراپ قىلالايدۇ. توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. مانا بۇ بىزنى ‹ئامېرىكا› قىلغان بىر سىر. بىزدىكى يەنە بىر سىر بولسا، بىزنىڭ خەلقىمىز مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپىدە تۇرىدىغان بىر خەلقتۇر. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلالايمىز.»
ئىككى تەرەپ 18-مارت كۈنى كەچتە ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۈچىنچى ۋە ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەت 19-مارت كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن.