ئۆزبېكىستاندا ئەينى ۋاقىتلاردا پەقەت جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ كەڭ تونۇلغان كۆپلىگەن ئۇيغۇر دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ، ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ، يازغۇچىلىرىنىڭ، رەسساملىرىنىڭ ياشىغانلىقى مەلۇم. ئۇلارنى ئۆزبېكىستانلا ئەمەس، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ياخشى بىلەتتى ھەم ئەسلەيتتى. يېقىندا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ئەنە شۇنداق شەخسلەرنىڭ بىرى، تونۇلغان سازەندە، كومپوزىتور، مەملىكەتتىكى تۇنجى ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىلىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ھاكىم خېلەموف 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، ھاكىم خېلەموف ئۆزى قازاقىستاندا تۇغۇلغان بولسىمۇ، كېيىنكى يىللىرى ئۆزبېكىستاندا ئوقۇپ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزبېكىستان رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتى يېنىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەم راۋاجلىنىشىغان سەرپ قىلغانكەن.

بىز مەرھۇم ھاكىم خېلەموفنىڭ ھازىر تاشكەنت شەھىرىدە ياشايدىغان كەسپدىشى، سەپدىشى، پېشقەدەم سەنئەتكار تۇرسۇن شاۋدۇنوف بىلەن ئالاقىلاشتۇق.
تۇرسۇن شاۋدۇنوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئانسامبىلدا مەرھۇم بىلەن ئۇزۇن يىللار بىرگە ئىشلىگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئانسامبىل قۇرۇلۇپ، 30 دەك ئادەم ئىشلەپ كەلگەن ئىدۇق. ئىشلەش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 12 مۇقامىنى رەتلەش مەسىلىسى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزبەكىستاننىڭ رەھبىرى شەرەپ رەشىدوف ‹12 مۇقامىڭلارنى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي يامان قىلىۋاتىدۇ، يوق قىلىۋاتىدۇ، شۇنى بۇ يەردە سىلەر تىكلەڭلار، › دەپ ئېيتقاندىن كېيىن ئۇنى تىكلەشكە ھەرىكەت قىلىپ، ياركەنتتىن، ئالمۇتادىن، بىشكەكتىن بەش مۇقامچىنى يىغىپ ئېلىپ كەلگەن. شۇلار 7-8 ئايدەك يېزىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا سۇلتانمۇرات ئاكا رەزەموفنى ئېلىپ قالدى. ئۇ مۇقام باشلىقى بولۇپ، 12 مۇقامنى رەتلەپ چىقتۇق. شۇ مۇقامنى بىزنىڭ ئۇيغۇر ئانسامبىلى تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىدىن تارتىپ ئېيتىلىپ كەلگەن ناخشا-سازلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىز لېنتاغا يېزىپ، پۈتتۈرگەن.»
تۇرسۇن شاۋدۇنوف يەنە مەزكۇر ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە دۆلەت كومىتېتىدىن دۆلەت فىلورمونىيەسى قارمىقىغا ئۆتۈپ، مەملىكەت ئىچىدە، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار تۇرىدىغان كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلىرىغا كونسېرت قويۇپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئانسامبىل قاتناشقۇچىلىرىنىڭ يېشى توشۇپ، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سانى ئازىيىپ، كېيىن ئۇنىڭ پائالىيىتى تامامەن توختىغانىكەن.
تۇرسۇن شاۋدۇنوف ئانسامبىلنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن باغلىنىشىنىڭ تامامەن بولمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا بىر پۇرسەت تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتتى: «فىلورمونىيادە ئىشلەۋاتقاندا بىز ئالاقە قىلغان ۋاقتىمىزدا بىزنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلدى. بىز بارىدىغان بولۇپ، بارغاندىن كېيىن ئۇلار بۇ ياققا كېلىدىغان بولۇپ كېلىشكەن. كېيىن تۇيۇقسىز فىلورمونىيە دىرېكتورى ئۆزبېكىستان بولغاندىكىن بىرىنچى بولۇپ ئۆزبېكلەر بارسۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەر بېرىڭلار. ھازىر سىلەر بارساڭلار سەل ناقولاي بولۇپ قالىدۇ، دەپ، بىزنى قالدۇرۇپ، ئۆزبېك گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتتى. ئۇلار بارغاندا بىزدىن خالىسخان قادىروۋا ۋە سۇلتان مەمەتوف ئۈرۈمچىدە ئىكەن. ئۈرۈمچىدىكىلەر بىزنى كېلىدۇ دەپ ھەممە ياققا ئېلان قىلىپ بوپتىكەن. كېيىن بىز بارالماي، ئۆزبېك گۇرۇپپىسى بارغاندىن كېيىن ھەيران بولۇپ، بەرىبىر كونسېرتنى ئۆتكۈزۈش كېرەك دەپ، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ كونسېرت قىلىپ، خالىسخان بىلەن سۇلتاننى شۇنىڭغا قوشۇپ قويۇپتۇ.»
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «گۈلدەستە» ئانسامبىلى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتماقتىكەن. بولۇپمۇ ياشلاردىن تەركىپ تاپقان مەزكۇر ئانسامبىلغا تۇرسۇن شاۋدۇنوف يېقىندىن ياردەم بېرىپ كەلمەكتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھاكىم خېلەموفنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى پۈتكۈل ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن چوڭ جۇدالىق بولۇپ، بۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئېغىر قايغۇغا مۇپتىلا قىلغانكەن ھەم مەرھۇمنىڭ ئىجاد قىلغان ناخشىلىرى قازاقىستان سەنئەت ھەۋەسكارلىرىغا ياخشى تونۇشكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆزبېكىستاننىڭ تونۇلغان سەنئەتكارلىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان ھەم ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرى دەپ ھېسابلايدىغان قازاقىستانلىق سەنئەتكار ھەلىمە شاۋايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆتكەن ئۆمرۈم ئېسىمگە چۈشۈپ كەتتى. ھاكىم ئاكا بىزنىڭ ئائىلىگە دوست ئىدى. 1978-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، تاشكەنتكە تىياتىر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا چۈشتۈم. بۇ يىللىرى رادىيو ئاڭلىتىش كومىتېتىنى خېلەم خۇدابەردىيېف باشۇراتتى. شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى ھاكىم ئاكا خېلەموف ئىدى. مەن ئىش تەجرىبەمنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن شۇ ئانسامبىلغا تېز-تېز بېرىپ، ناخشا ئېيتىپ، دىكتورلۇق قىلىپ يۈردۈم. ھازىر شۇلارنى ئەسلەپ، ئۆزۈمنى بەخىتلىك دەپ ھېسابلايمەن. ھاكىم ئاكا كىچىك پېئىل، يۈرىكى كەڭ، خۇشخوي، تالانتلىق سازەندە ھەم كومپوزىتور. نەچچىلىگەن ئوركېسترلارغا سازلار، ناخشىلارغا مۇزىكىلار يېزىپ قالدۇرغاندى.»
قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ رەھبىرى نىياز تۇرسۇنوف ئەپەندى زىيارىتىتمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھاكىم ئاكا ئۆزىنىڭ بارلىق ھاياتىنى پەقەت سەنئەتكە بېغىشلىغان. مەن تاشكەنت ئاقارتىش تېخنىكومىدا ئوقۇۋاتقان پەيتىمدە ھاكىم ئاكىنىڭ ناخشىلىرىنى، سازلىرىنى ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئارتىسلىرى ئورۇنلىشىدا ئاڭلاپ، ناھايىتى بەھرىمان بولاتتىم. 1977-يىلى مەن تاشكەنت مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىغا چۈشكەندە مېنى شۇ ئانسامبىلغا تەكلىپ قىلغان. شۇ پەيتتە ھاكىم ئاكا خېلەموف ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا رەھبەر ئىدى. شۇ يىلى سەمەرقەنتتە ئۆتكەن دۇنيا مۇقامچىلار فېستىۋالىغا قاتناشقان ئىدۇق. شۇ پەيتتە ئانسامبىل ئورۇنلىغان نومۇرلار تىزىمىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ھاكىم ئاكا ئۆزىنىڭ سەنئەتكار ھەم سازەندە، راۋاپچى سۈپىتىدە ئانسامبىلنىڭ نومۇرلار تىزىمىنىڭ بېيىشىدا كۆپ خىزمەت قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىگە كەڭ تونۇلغان ‹سالام، ئەزىز قېرىنداشلار›، ‹كەلسە›، ‹كۆزىنىڭ خۇمارى بار›، ‹ئانامغا› ئوخشاش نۇرغۇن ناخشىلارنى ئىجاد قىلغاندى. ‹ناۋا› ئانسامبىلى ناخشىچىلىرىمۇ شۇ تىزىمدىن ئېلىپ، خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان ئىدۇق.»
نىياز تۇرسۇنوف ھاكىم خېلەموف رەھبەرلىكىدىكى ئانسامبىلدا ئارۇپجان مۇھەممەتوف، ئەنۋەرجان باقىيېف، سۇلتانمۇرات رەزەموف، ھاۋاخان ئەزىزوۋا ئوخشاش داڭلىق سازەندىلەرنىڭ ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ھاكىم خېلەموف 1936-يىلى ئالمۇتا ۋىلايتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1958-يىلى ئالمۇتا كونسېرۋاتورىيەسىنىڭ چالغۇ ئەسۋابلار فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشكەنىكەن. ئۇ قازاقكونسېرت بىرلەشمىسى يېنىدا قۇرۇلغان ئانسامبىلدا ئىشلەپ، ئاندىن تاشكەنت دۆلەت كونسېرۋاتورىيەسىگە ئوقۇشقا چۈشكەن. ئائىلە شارائىتى بىلەن ئۇ مەزكۇر بىلىم دەرگاھىنى پۈتتۈرەلمەي، ھەمزە نامىدىكى مۇزىكىلىق مەكتەپتە بىلىم تەھسىل قىلغان. 1966-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانسامبىلىدا ئۇ ئانسامبىل رەھبىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە راۋاپچى بولۇپ ئىشلەپ، كېيىن 20 يىل داۋامىدا ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1968-يىلى ھاكىم خېلەموف باشقىمۇ ئاتاقلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە 12 مۇقامنى رەتلەش، ماگنېتلىق لېنتاغا چۈشۈرۈش ۋە پلاستىنكىغا ئېلىشقا زور تۆھپە قوشقان. ئۇ 100 دىن ئوشۇق مۇزىكا ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورى.