نەفىسە ئوغۇزنىڭ تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ « قانۇنسىز ئۇچۇرلار»نى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 20 ياشلىق ئوقۇغۇچى نەفىسە ئوغۇزنىڭ 4 خىل تىلدىكى باياناتى ئىجتىمائىي ۋە رەسمىي ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپ نەفىسەنىڭ سوئاللىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. نەفىسەگە دەسلەپتە ئالداش پوزىتسىيەسىنى تۇتقان ئەلچىخانا، 3 ئايدىن كېيىن، ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە نەفىسەگە ئۆزلىرىنى قايتا ئىزدىمەسلىكنى ئېيتىپ، تېلېفوننى قوپاللىق بىلەن قويۇۋەتكەن. كېسىم يىلىنى «ئون نەچچە يىل» دەپ مۈجمەل ئۇقتۇرغان ئەلچىخانا كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

نەفىسەنىڭ ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىم 2017 ‏-يىلى 8 -ئاينىڭ 27 كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى تەۋە بولغان باخۇلياڭ ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان باخۇلياڭ ساقچىخانا خادىمى، ئالىم ئابدۇكېرىم دېلوسىنىڭ سەزگۈر بىر دېلو ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى «خالىس خەلقئارا سودا شىركىتى» نىڭ كومپيۇتېر ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئالىم ئابدۇكېرىم، ئادەتتە تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئائىلىسىگە ئاتىغان، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەردىن ئۆزىنى تارتىپ تۇرىدىغان ئېھتىياتچان كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇ ئاساسەن تۇرمۇش ۋە خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەنلا ئۆتكەن ئىكەن.

نەفىسە ئوغۇز تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ سۈرىتىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈش
نەفىسە ئوغۇز تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ سۈرىتىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈش (نەفىسە ئوغۇز)

نەفىسەنىڭ غەيرىي رەسمىي مەنبەلەردىن يەنە ئۇقۇشىچە، ئالىم ئابدۇكېرىم كورلا تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان بولۇپ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. دېيىلىشىچە ، نەفىسە ئوغۇز ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يۇرتى—پەيزاۋات مىشادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يەرلىك ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان ۋە بەلگىلىك ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان.

بىز ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ كېسىلىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پەيزاۋاتتىكى مىشا ساقچىخانىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق. بىز ئالاقىدار خادىمدىن مىشا يېزىسىدىن كورلا تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان قانچە كىشى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا « 10 كىشى» دەپ جاۋاب بېرىش بىلەن بىرلىكتە، بۇلاردىن بىرىنىڭ ئالىم ئابدۇكېرىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئالىمنىڭ كېسىلگەنلىكىنى ۋە25-26 ياشلاردا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خادىم، ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ «قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە ، «قالايمىقان كىشىلەر بىلەن تېلېفونلىشىش» ۋە «قانۇنسىز دىنىي زاتلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش» مۇ ئۇنىڭ جازاسىنى ئېغىرلاشتۇرغان سەۋەبلەر ئىكەن.

نۆۋەتتە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان نەفىسە ئوغۇز تاغىسىنىڭ يۇقىرىقى تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى:

« ئەلۋەتتە، بۇ يالغۇز مېنىڭ تاغاملا ئەمەس، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى . شۇنداقلا بۇ تۇتقۇننىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى—ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى».

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز يۇرتلىرىغا ئاپىرىپ سوتلانغان ۋە ياكى سوت ھۆكۈمى ئۆز يۇرتىدىكى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يەتكۈزۈلگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خادىمنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى ئەنە شۇ سوت ھۆكۈمىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇش جەريانىدا ئېسىدە قالغانلىرى بولۇپ، سوت ھۆكۈمىدە ئېنىق يەنە نېمىلەر دېيىلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.