ئالمۇتادا تونۇلغان ئۇيغۇر تارىخچىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى

0:00 / 0:00

31-ئۆكتەبىر كۈنى ئالمۇتادا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىنتېرنېت ئارقىلىق «ئالىم بىلەن ئىجادىي ئۇچرىشىش» يىغىنىدا تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى «ئۆلكىشۇناسلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر» بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابلەت كامالوف بىلەن ئۇچرىشىش بولۇپ ئۆتتى. ئالىمنىڭ 60 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان مەزكۇر ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا، گېرمانىيە، رۇسىيە، قىرغىزىستان، تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئالىملىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار، مەتبۇئات خادىملىرى ۋە باشقىلار بولۇپ، 40 قا يېقىن ئادەم قاتناشتى. يىغىن قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى، ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ئابلەت كامالوف ئەپەندى(ئوتتۇرىدا) فىرانسىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكىدە.
ئابلەت كامالوف ئەپەندى(ئوتتۇرىدا) فىرانسىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكىدە.

يىغىنغا بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىمجان ۋىلياموف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى يىغىن تەرتىپى بىلەن تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى، تېببىي پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى ئەبەيدۇللا جاپاروف ۋە باشقىلار تەبرىك سۆزلىرى بىلەن يىغىننى ئاچتى.

ئاندىن «ئالىمنىڭ ئاساسىي ئىلمىي-پېداگوگىكىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى» ماۋزۇسىدا تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوف دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ۋە ئېلان قىلغان ئەمگەكلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

«كەسىپداش ھەققىدە سۆز» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلغان ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور رىسالەت كەرىموۋا ئالىمنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىلمىي-پېداگوگىكىلىق پائالىيىتى، قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

يىغىندا سۆزگە چىققان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى قىپچاقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادېمىك بولات كۇمېكوف ئابلەت كامالوفنىڭ قازاقىستانغىمۇ، پۈتكۈل دۇنياغىمۇ ياخشى تونۇلغان ئالىم بولۇشى بىلەن بىر قاتاردا كىچىك پېئىللىق، ئېغىربېسىقلىققا ئوخشاش ئىنسانىي خىسلەتلىرى بىلەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئابلەت كامالوفنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا رۇسىيەنىڭ داڭلىق سانكىت-پېتېربۇرگ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىپ، ھازىر دۇنياغا تونۇلغان ئالىم بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە ئۇنى تەۋەللۇتى بىلەن سەمىمىي تەبرىكلىدى.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالېكساندىر قادىربايېف قازاقىستاندا پەقەت ئۈچ خەلقئارا دەرىجىلىك خىتايشۇناس ئالىمنى، يەنى كلارا خافىزوۋا، ئابلەت كامالوف ۋە كونستانتىن سىرويېجكىن تونۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سىلەر بىلىسىلەر، ھازىر ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە ئەڭ پاجىئەلىك، مۇمكىن ھەتتا ئەڭ ھالاكەتلىك ۋاقىتلار كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خەلقنىڭ خەلقئارا دەرىجىدە ئىشلەۋاتقان ۋەكىللىرى قاتتىق ئۆسۈۋاتىدۇ. مەن ئويلايمەنكى، ئۇيغۇر خەلقى ئابلەت كامالوف ئوخشاش ئەنە شۇنداق ئالىي ئاكادېمىيەلىك دەرىجىدىكى ۋەكىللىرىنى ساقلىشى ۋە مۇبارەكلىشى لازىم».

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى ئالېكساندىر ۋاسىليېف ئابلەت كامالوفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى كوللېكتىپى ھەم ئۇنىڭ مۇدىرى ئالىكبېر ئالىكبېروۋ يوللىغان تەبرىكنامىسىنى تونۇشتۇردى: «ھۆرمەتلىك ئابلەت قېيۇم ئوغلى! رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى كوللېكتىپى سىزنى، كۆرۈنەرلىك شەرقشۇناس ئالىمنى تۇغۇلغان كۈنى بىلەن چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيدۇ. ئىلىم دۇنياسىغا سىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقاتلىرىڭىز ياخشى تونۇش. سىز ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم ۋە ئاز ئۆگىنىلگەن مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئۈنۈملۈك ئىشلەۋاتىسىز. سىز ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ۋە يېقىن زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىش بويىچە ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپ ئىشلەپ كېلىۋاتىسىز. سىزنىڭ چوڭ ھايات تەجرىبىڭىز ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق، ئومۇمەن ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر بىلىشىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز سىزنى شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىۋاتقانلار سېپىگە قويىدۇ. سىزنىڭ چوڭ ئىلمىي-ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئىلمىي-تەشكىلىي پائالىيىتىڭىز سىزنىڭ كەسىپداشلىرىڭىزنىڭ ۋە مەركىزىي ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، رۇسىيە ھەم ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ سىزگە بولغان ھۆرمەت ۋە ئابرۇيىنى تەمىنلەيدۇ. سىزگە مۇستەھكەم سالامەتلىك، بەخت، غەيرەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز.»

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور رىسالەت كەرىموۋا مۇنداق دېدى: «بىز ئابلەت قېيۇم ئوغلى بىلەن ئاز دېگەندە 40 يىل مابەينىدە تونۇش. شۇ چاغدا ئۇ ئىنستىتۇتنى تاماملاش ئالدىدا بىزنىڭ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. مەن شۇ يەردە ئىشلەۋاتاتتىم. ئابلەت پەقەت ئىنستىتۇت رەھبەرلىگىنىلا ئەمەس، شۇنداقلا، بىز، ياش خادىملارنى، بىردىنلا مەھلىيا قىلىۋالدى. بىز تەييارلىقى زور، بىلىملىك، ئىقتىدارى يۇقىرى ھەم مۇناسىۋەتتىمۇ ئىللىق ياش يىگىتنى كۆردۇق. ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە، كېيىن ئون يىل داۋامىدا پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ بۆلۈمىدە بىللە خىزمەت قىلدۇق. ھازىر بولسا، ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە يەنە بىللە ئىشلەپ كېلىۋاتىمىز.

ئابلەت شەرق ۋە غەرب تىللىرىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرەتتى. ئۇ ئاسپىرانتۇرىدا ئوقۇۋاتقان پەيتىدە نېمىس تىلىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى. كۆپ ئۆتمەيلا قىيىن ئىلمىي مەتىنلەرنى تەرجىمە قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئۇ خىتاي ۋە ئىنگلىز تىلىدىن تاشقىرى، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار بىلەن ئىشلەش ئۈچۈن ھاجەت بولغان ئەرەب، نېمىس، فىرانسۇز تىللىرىنىمۇ بىلەتتى. ئابلەتنىڭ تۈركشۇناسلىق بويىچە نامزاتلىق ئىشىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇستازى لېنىنگرادلىق ئالىم سېرگېي كلياشتورنىي بولدى. خىتايشۇناسلىق بويىچە ئۇستازى تاڭ دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور لېۋ مېنشىكوۋ ئىدى. ئۇ شۇنداقلا قەدىمىي خىتاي تىلىنى ئاتاقلىق تىلشۇناس سېرگېي ياخونتوفتىن ئۆگەنگەن.

رىسالەت كەرىموۋا ئابلەت كامالوفنىڭ ئىنتايىن تىرىشچان، كۆزلىگەن مەقسىتىگە دائىم يېتەلەيدىغان، ئۆز ئىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ھەقىقىي ئالىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى شاىرەم باراتوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئابلەت كامالوفنىڭ تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان مەزكۇر ئۇچرىشىش ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ۋە ئالىي دەرىجىدە ئۆتتى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇنىڭغا بولۇپمۇ چەتئەللەردىن، جۈملىدىن ئامېرىكادىن گۈلنىسا نەزەروۋا، تۈركىيەدىن مەغپىرەت كامال، قىرغىزىستاندىن ئەكپەرجان باۇدۇنوف، رۇسىيەدىن ئالېكساندىر قادىربايېف، شۇنداقلا كلارا خافىزوۋا، ئاشىربېك مۇمىنوف ئوخشاش مەشھۇر قازاقىستانلىق ئالىملار قاتناشتى. شەخسەن مەن يىغىندىن ئابلەت كامالوف توغرىلىق كۆپ ۋە باي مەلۇمۇتلارنى ئالدىم ھەم ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دۇنياغا تونۇلغان ئالىم ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزدۈم. يىغىندا ئالىمنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىدىن تاشقىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋەكىللىرى ئۇنىڭ جەمئىيەتلىك ئىشلىرى ھەققىدىمۇ ياخشى گەپلەرنى قىلدى ۋە ئالىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئابلەت كامالوف 1961-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسى بىلەن 1963-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ خىتاي بۆلۈمىگە ئوقۇشقا چۈشىدۇ. 1984-يىلى مەزكۇر بىلىم دەرگاھىنى ئەلا باھاغا پۈتتۈرۈپ، ئالمۇتاغا قايتىپ كېلىپ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە، ئاندىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. ئابلەت كامالوف رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ لېنىنگراد، يەنى ھازىرقى سانكىت-پېتېربۇرگ بۆلۈمىنىڭ ئاسپىرانتۇرىيەسىنى تاماملىغان. ئۇ 1990-يىلى لېنىنڭرادتا «موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇر قاغانلىقى (744-840-يىللار)» ماۋزۇسىدا نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيە ياقلاپ، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى، ئاندىن 2008-يىلى ئالمۇتادا «تاڭ ئىمپېرىيەسىدىكى تۈركلەر ۋە ئىرانلىقلار (618-907-يىللار)» ماۋزۇسىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيە ياقلاپ، دوكتور دەرىجىسىنى ئالدى.

ئابلەت كامالوف «قەدىمىي ئۇيغۇرلار. 8-9-ئەسىرلەر»، «تاڭ ئىمپېرىيەسىدىكى تۈركلەر ۋە ئىرانلىقلار (618-907-يىللار)»، «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى»، «قازاقىستان تۇڭگانلىرى»، «ئوتتۇز ئوغۇل ئىجتىمائىي ئىنستىتۇتى: تارىخى ۋە ھازىرقى زامان» قاتارلىق 7 مونوگرافىيە ۋە كوللېكتىپلىق مونوگرافىيەلەرنىڭ، 350تىن ئوشۇق ئىلمىي ۋە ئىلمىي ئاممىبابلىق ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدە، شۇنداقلا ئەنگلىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، ۋېگرىيە، پولشا، تۈركىيە، ھىندىستان ئوخشاش مەملىكەتلەردە ئېلان قىلىنغان. ئۇ كۆپلىگەن جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا ئىلمىي لايىھىلەرنىڭ رەھبىرى، شۇنداقلا ھەر خىل دەرىجىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى.

ئابلەت كامالوف دۇنيادىكى يېتەكچى ئىلمىي مەركەزلەردە، شۇنىڭ ئىچىدە ۋاشىنگتون، ئوكسفورد، ئىندىانا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، فىرانسىيەنىڭ ئىنسان توغرىلىق پەن ئۆيىدە تەتقىقاتلار يۈرگۈزگەن. ئۇ ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانى تەتقىق قىلىش بويىچە جەمئىيىتىنىڭ باشقارما ئەزاسى، مەركىزىي ئاسىيانى تەتقىق قىلىش بويىچە ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى. ئابلەت كامالوف ھازىر ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خىزمىتىنى ئاتقۇرماقتا.