ئالمۇتادا تونۇلغان ئالىمە ۋە پېداگوگ بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋانىڭ 90 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىشلەپچىقىرىش، يېزا-ئىگىلىكى ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە چوڭ ئۇتۇقلار قازىنىپ، پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ تونۇلغان شەخسلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن ئايال كىشىلەرمۇ بولغان. شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاندىكى مائارىپ ئەلاچىسى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن خادىمى، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا مىللىي مائارىپ مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللانغانىدى.

يېقىندا، يەنى 29-مايدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋانىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر يىغىن قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېياسى يېنىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى، مەركەز يېنىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى ۋە ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانكەن. «بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋانىڭ ئىلمىي مىراسى: ئالىمە ئەمگەكلىرىگە يېڭىچە كۆز قاراش» دەپ ئاتالغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئالىملار، ماگېستىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، يازغۇچىلار، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ھەر خىل جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى قاتناشتى.

تور ئارقىلىق ئۆتكەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان يېزا ئىگىلىكى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور، قازاقىستان ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىمجان ۋىلياموف يىغىننىڭ باش مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئاندىن كېيىن سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ 6-چاقىرىلىم ئەزاسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەر ساھەلەردە يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى تەكىتلەپ، بۈگۈنكى كۈندە بولۇپمۇ مىللىي مائارىپ مەسىلىلىرىگە چوڭ دىققەت بۆلۈنۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋانىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقا تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ ئىشىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشقارما ئەزالىرى بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋانىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي-پېداگوگىكىلىق پائالىيىتىگە توختىلىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىشىغا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى.

سۆزگە چىققانلار ئىچىدە مەرھۇمنىڭ سىڭلىسى، قازاقىستان مائارىپ ئەلاچىسى، پېشقەدەم ئۇستاز نۇرۋانەم ئەلاخۇنوۋا بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋانىڭ قازاقىستاننىڭ مەشھۇر شەخسلىرى قاتارىدا ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فىلولوگىيەسى ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف «بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا مەكتەپلەردە ئۆمەر مۇھەممەدىنىڭ ھاياتى ۋە ئىژادىيىتىنى ئوقۇتۇش ھەققىدە»، يەنە شۇ ئوقۇش ئورنىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شائىرەم باراتوۋا «بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋانىڭ مائارىپ ھەم ئىلىم-پەن ساھەلىرىگە قوشقان ھەسسىسى»، مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرىنىڭ مۇئەللىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمژان ھەمرايېف «ئالىمە بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا تەتقاتلىرىدا ئەدەبىياتنى ئوقۇتۇش مەسىلىلىرى» ماۋزۇلىرىدا دوكلات قىلدى.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەنجۈمان ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئەنجۈماننى پەقەت كۆرنەكلىك ئالىمىمىز، جەمئىيەت ئەربابىمىز بۈۋىخان ئانا ئەلاخۇنوۋانىڭ تەۋەللۇتى سۈپىتىدىلا قوبۇل قىلمايمىز. بۇ ئەنجۈماننى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنىڭ كېلەچەكتە تېخىمۇ روناق تېپىشىنىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ياش ئەۋلادقا ئەۋلادلار ۋارىسلىقىنىڭ سىڭىشى ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغان ناھايىتى مۇھىم پائالىيەت دەپ ھېسابلايمەن.»

يىغىندا سۆزگە چىققان بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋانىڭ كەسىپداشلىرى ۋە شاگىرتلىرى ئىبادەت جاھانوۋا، زېرىپ مولوتوف، كامالدىن مەڭسۈروف، زەھىدەم شاكىروۋا، قىزى روشەنگۈل مەشۈروۋا ۋە باشقىلار مەرھۇمنى ئەسلەپ، مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فىلولوگىيەسى ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شائىرەم باراتوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مۇستەقىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە خەلقىمىز ئۈچۈن يارىتىلىۋاتقان شارائىت-پۇرسەتلەرنى چوڭقۇر ھىس قىلغان ئالىمە بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا يولدىشى ھاكىم مەشۈروف بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سىنىپلىرىنى ئېچىش، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىلىدىغان مەھكىمىلەرگە بالىلارنى جەلب قىلىش ئوخشاش خەلقىمىز تەقدىرىگە ئائىت مۇھىم ئىش-چارىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مىللىي مائارىپىمىز جانكۆيەرلىرىنىڭ بۇ پائالىيىتى بۈگۈنكى كۈندىمۇ شاگىرتلىرى ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتقانلىقى، يەنى بۇ تەۋەررۈك يولدا مېھنەت-ئەجرىنى سەرىپ قىلىۋاتقان ئىزباسارلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەم ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئارىسىدىكى ئىزچىللىقنى مەمنۇنلۇق بىلەن تىلغا ئالىدىغان بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن ئەللىك يىل ئىلگىرى مۇھىم بولغان ئۇيغۇر سىنىپلىرىغا بالا توپلاش مەسىلىسى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆز يېشىمىنى تاپالمايۋاتقانلىقى، خەلقىمىزنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرى سەۋىيەسىگە سىڭىپ قالغان مەھكۈمچىلىكتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى، ئەلۋەتتە، ئېچىنىشلىق. بۇ تەشۋىشلىك ۋەزىيەت يەنە قانچە يىللار داۋام قىلىدىغانلىقى بەلگىسىز. بىزنىڭ پەرەز قىلىشىمىزچە، ھەر بىر ئاتا-ئانا پەرزەندىنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا ھېچ بىر كۈچنىڭ تەسىرىسىز، ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېتەكلەپ ئاپىرىدىغان پەيتلەر كەلگەندىلا بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا ۋە ھاكىم مەشۈروفلارنىڭ ھايات چېغىدىكى ئىستەك-ئارمىنى ئەمەلگە ئاشىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا 1931-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەنىكەن. ئۇ يۇرتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا بىلىم ئالغان. 1952-يىلى مەزكۇر ئوقۇش ئورنىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ كەتمەن يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنىنىڭ مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىگەن. بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا 1958-يىلى قازاقىستان مائارىپ مىنىسترلىقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئىبراي ئالتىنسارىن نامىدىكى پېداگوگىكا پەنلىرى ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. بۇ يەردە ئاسپىرانتۇرىنى تاماملاپ، ئىلمىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن. 1972-يىلى ئۇ ئاتاقلىق ئالىملار مالىك غابدۇللىن ۋە مۇرات ھەمرايېف رەھبەرلىكىدە «ئۆمەر مۇھەممەدىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنى ئوقۇتۇش مېتودىكىسى» ماۋزۇسىدا ئىلمىي ئەمگىكىنى قورغاپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بىرىنچى بولۇپ پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى ئىلمىي دەرىژىسىگە ئېرىشكەن. بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە كۆپلىگەن پروگرامما، دەرىسلىك، مېتودىكىلىق قوللانمىلار ۋە يۈزدىن ئوشۇق ئىلمىي ماقالىلارنىڭ ئاپتورى، بىر قاتار ھۆكۈمەت مۇكاپاتلىرىنىڭ ساھىبى. ئۇ 2013-يىلى 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.