كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستانلىق ئالىملار قازاق ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن تاشقىرى يەنە باشقىمۇ مىللەت ئەدەبىياتلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرىغا بېغىشلانغان تەتقىقاتلىرىنى داۋام قىلماقتا. مەزكۇر تەتقىقاتلار بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىياتنىڭ پوئىزىيە، پروزا ۋە دراماتورىگىيە ساھەلىرىدە يورۇق كۆرگەن ئەسەرلەرنى قازاق، رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىمۇ كەڭ قانات يايغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپلىگەن تونۇلغان تەرجىمانلار جەلپ قىلىنغان.
ئەنە شۇنداق ئەمگەكلەرنىڭ بىرى يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «پرىنت ئېكسپرېسس» نەشرىياتىدىن يورۇق كۆردى. «مېنىڭ تەقدىرىمدىكى قازاقىستان» دېگەن بۇ ئانتولوگىيەگە شېئىرىي ئەسەرلەر كىرگەن بولۇپ، كىتاب ھەجمى 478 بەتنى تەشكىل قىلىدۇ. ئانتولوگىيە مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى تەرىپىدىن تەييارلاندى.
مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتىكەن. بولۇپمۇ بۇ ئىشتا سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ھەمدە يۇقىرىدا نامى ئاتالغان ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، ئۇلار تەرىپىدىن كۆپلىگەن تەتقىقاتلار، ئەسەرلەر توپلاملىرى يورۇق كۆرگەن.
ئالىمجان ھەمرايېف مۇنداق دېدى: «ئەسلى بۇ ئىككى توملۇق توپلام. بىرىنچى توپلام پوئىزىيەگە بېغىشلانغان. ئىككىنچى توپلىمىغا پروزىدا يەتكەن ئۇتۇقلىرىمىز كىرمەكچى. بىرىنچى توپلامغا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى.»
ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ دېيىشىچە، توپلامغا قازاق، رۇس، ئۇيغۇر، گېرمان، تاتار، ئۆزبېك، كۇرد ۋە بېلورۇس شائىرلىرىنىڭ ۋەتەن، ئانا يۇرت، تۇغۇلغان يەر ماۋزۇلىرىدىكى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا بۈگۈنكى قازاقىستان ئۇيغۇر پوئىزىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلگەن ۋە ھېلىمۇ ۋەكىللىك قىلىپ كېلىۋاتقان ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، پاتىگۈل سابىتوۋا، جەمشىت روزىئاخۇنوف، پاتىگۈل مەخسەتوۋا، تېلمان نۇرئاخۇنوف، گۈلنارە ئاۋۇتوۋا، تاشگۈل ھېزىياروۋا قاتارلىق تونۇلغان ئەدىبلەر، شۇنداقلا شائىرەم باراتوۋا، ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف، ئالبىنا ئەمەتوۋا، سابىرەم ئەنۋەروۋا كەبى ياش ئىجادكارلارنىڭ شېئىرلىرى ئورۇن ئالغان.
ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتا چېگرا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئانا دىيارىمىزدىكى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ دىققەت-نەزەر قويۇلماقتا. ئۆز ۋاقتىدا ئانا دىيار ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىشتا نەبىجان تۇرسۇن بىلەن مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ياخشى ئۈلگە يارىتىپ كەتكەن ئىدى. بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىمىز ناھايىتى باي ئەدەبىيات. شۇڭلاشقا خەلقئارادا ئۇنىڭغا بولغان كۆزقاراشنىڭ قەتئىي ئۆزگىرىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ياش ئىجادكارلاردىن كۆپ ئۈمىدلەر كۈتمەكتىكەن. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى «ۋارىس» ئەدەبىي-ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، تونۇلغان شائىر ۋىليام مولوتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى تاڭدا قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ياشلىرىمىزدىن ئوتتۇزدىن كۆپى ‹ۋارىس› بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى. ئۇلار ھازىرقى پەيتتە قىزغىن ئىجادىيەت ئۈستىدە. ياشلىرىمىز ئاساسەن ئانا يۇرت، ئائىلە، ئاتا-ئانا، ياشلىق، ھايات، ۋەتەن ماۋزۇلىرىغا قەلەم تەۋرىتىپ كەلمەكتە.»
ۋىليام مولوتوف يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشتا ياش ئىجادكارلارنىڭ توختىماي ئىجاد قىلىپ، ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتقان بۈيۈك ئەدىبلەرنىڭ يولىنى داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.
0:00 / 0:00