ئالمۇتادا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 34 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

6-ئاپرېلدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان قورغان رېستورانىدا 1990-يىلى 5-ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەنىڭ 34 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەخسلەر، زىيالىيلار، ياشلار قاتناشتى.

بارىن ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىل 6-ئاپرېل، ئالمۇتا
بارىن ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىل 6-ئاپرېل، ئالمۇتا (RFA/Oyghan)

خاتىرىلەش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى رەھىم مەڭسۈروف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇراسىمنى ئېچىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 34 يىللىقىنىڭ بۇ يىل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ روزا-رامىزان ئېيىغا توغرا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى كېلىۋاتقان روزا ھېيتى بىلەن تەبرىكلىدى. ئۇ يەنە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ھەم قارىلىدىغان مەسىلىلەرگە قىسقىچە توختالدى. ئاندىن ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى تۇرسۇنجان سايىتوف ئەپەندى مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە مۇنداق دېدى: «زەيىندىن باشلىق بىر توپ ياشلار خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى قوزغالدى، ئۇ يەردە نۇرغۇن ياشلىرىمىز شېھىت بولۇپ كەتتى. شۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر ئۆتكۈزدۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيادا بولۇۋاتقان يېڭىلىقلارنى تولۇقى بىلەن چۈشەندۈردى. ئامېرىكا پارلامېنتى قانچە قارار ئالدى، قانچىسى ئەمەلگە ئاشتى، قانچىسى ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرىدۇ دېگەنلەردىن مەلۇمات بەردى. كېيىنكى سۆزنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەخمەتوف ئالدى. ئۇ ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان 2-مايدىن 5-مايغىچە گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ھەم شۇ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇر ئۆيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بارىدىغانلارغا يوليورۇق كۆرسەتتى.

بارىن ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىل 6-ئاپرېل، ئالمۇتا
بارىن ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىل 6-ئاپرېل، ئالمۇتا (RFA/Oyghan)

تۇرسۇنجان سايىتوفنىڭ ئېيتىشىچە، قەھرىمان غوجامبەردى بارىن ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرى، خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.

قەھرىمان غوجامبەردى بۇ دوكلاتىدا يەنە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان ۋەزىپىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ كۈچىمىز نېمىدە؟ مىللەتنىڭ كۈچى، بىرىنچىدىن، مىللىي روھتا. بىزنىڭ كۈچىمىز نەچچە مىڭ يىللىق روھتا. ئۇ نېمىدىن چىقىدۇ؟ ئۇ تىل، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئۆرپ-ئادەتتىن چىقىدۇ. ئۇلار ئۆيدىن باشلىنىدۇ، مەكتەپتە داۋاملىشىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەربىيەلىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز شۇ. مىللىي كىملىكنى ساقلايدىغان ھەممە نەرسىنى تۇتۇشىمىز كېرەك. بىز كۈچلۈك ۋە ساغلام مىللەتچى بولۇشىمىز كېرەك. بۈگۈن تارىخنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا يۈكلەندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى بار. شەخسەن مېنىڭ يوللىشىم بىلەن بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى ئالغان قارار. ئۇ بولسىمۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى قايسى دۆلەتتە بولسۇن، شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت. بىز شۇنىڭ بىلەن كېتىپ بارىمىز. بىز ھېچ قاچان قانۇن بۇزمىدۇق. توغرا يولدا كېتىپ بارىمىز» .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىدىن كەلگەن سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇراسىمغا ھەقىقەتەن ۋەتىنىنى، خەلقىنى سۆيىدىغان شەخسلەرنىڭ يىغىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ چوڭ بىر قىرغىنچىلىق. بارى-يوقى 20 مىڭ ئاھالە تۇرىدىغان يۇرتتا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقىدىن، خەلقنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالغانلىقىدىن بولغان ئىش. ئەمما كىچىككىنە بىر يۇرتنىڭ خەلقى چوڭ بىر ئارمىيەگە قارشى تۇرۇپ، جەڭ قىلغىنى خەلقىمىزنىڭ ئازادلىققا ئىنتىلگىنىدىن دالالەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى شۇكى، شۇنىڭغا قاراپ ئارقىدىن غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى چىقتى. شۇنىڭدا قانچىلىغان ئادەملىرىمىز قىرىلدى. بىراق ئۇيغۇرلار تاجاۋۇزچى خىتايغا ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. مۇشۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى بارىن ۋەقەسىدىن ساۋاق ئېلىپ، خەلقنىڭ قوزغالغانلىقىدىن بولدى، دەپ ئويلايمەن. ھازىرقى كۆپ ياشلىرىمىز ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىلىق چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ ناھايىتى ئېچىنارلىق ئىش».

بارىن ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىل 6-ئاپرېل، ئالمۇتا
بارىن ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىل 6-ئاپرېل، ئالمۇتا (RFA/Oyghan)

سەيدالىم ئامۇتوف كېلەچەكتە ياشلارنىڭ، پۈتكۈل خەلقنىڭ سۆزسىز ئويغىنىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىگە، دېموكراتىك مەملىكەتلەرگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا مەكتەپلەر، گېزىت-ژۇرناللار، ئوقۇش قوراللىرى تەييارلايدىغان نەشرىياتلار، ئۇيغۇر تىياتىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇرلار شۇلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارىن ۋەقەسى ئوخشاش خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە مۇمكىنچىلىكلەر يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە چەكلەنگەن.