ئالمۇتادا قەدىمىي تۈركىي ۋە ئۇيغۇر دەۋرىدىكى يېزىق مەدەنىيىتىگە بېغىشلانغان كۆرگەزمە ئېچىلدى

0:00 / 0:00

9-مارتتا ئالمۇتادىكى مەركىزىي دۆلەت مۇزېيىدا «6-14-ئەسىرلەردىكى قەدىمىي تۈركىي دەۋرى ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر دەۋرىدىكى يېزىق مەدەنىيىتى» ماۋزۇسىدا كۆرگەزمە ئېچىلدى. ئۇنى مەركىزىي دۆلەت مۇزېيى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسى ۋە خەلقئارا قازاق ئىلمىي-تەتقىقات مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ ساھىبى «تاجىنىسا» ئۇسسۇل ئانسامبىلى تەرىپىدىن قازاق ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇللىرى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن كۆرگەزمىنى مۇزېي مۇدىرىنىڭ ئىلمىي ئىشلار بويىچە ئورۇنباسارى غالىيا تېمىرتون ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ قازاقىستاندا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ھەمكارلىق قىلغانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئالمۇتادا ئېچىلغان «6-14-ئەسىرلەردىكى قەدىمىي تۈركىي دەۋرى ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر دەۋرىدىكى يېزىق مەدەنىيىتى» كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 9-مارت، قازاقىستان.

سۆزگە چىققان ئا ق ش نىڭ ئالمۇتادىكى باش كونسۇلى كېرولاين سېۋىدژ، مارغۇلان نامىدىكى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئالېكسېي روگوژىنسكىي، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى قرىم ئالتىنبېكوف ۋە باشقىلار بۈگۈنكى كۈندە قەدىمىي تۈركىي دەۋرى ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر دەۋرىدىكى يازما مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر لايىھىگە ئا ق ش ئەلچىسىنىڭ مەدەنىي مىراسنى ساقلاش بويىچە فوندى تەرىپىدىن خىراژەت ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا تونۇلغان ئالىملارنىڭ جەلپ قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بولۇپمۇ مۇنداق يادىكارلىقلارنى ۋە لايىھىلەرنى جامائەتچىلىك ئالدىغا قويۇپ، تەرغىب قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئالمۇتادا ئېچىلغان «6-14-ئەسىرلەردىكى قەدىمىي تۈركىي دەۋرى ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر دەۋرىدىكى يېزىق مەدەنىيىتى» كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 9-مارت، قازاقىستان.

سۆزگە چىققانلاردىن «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف مەزكۇر لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يېتەكچى رول ئوينىغان خەلقئارا قازاق ئىلمىي-تەتقىقات مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا مىننەتدارلىق ئىزھار قىلدى. ئۇ يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەۋرىدىكى يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېسابقا ئالغان ھالدا، ئۆزىنىڭ بۇ ماۋزۇ دائىرىسىدە ئىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ناتىق بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي دەۋردە ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ، مەركىزىي ئاسىيادا يېتەكچى رول ئوينىغانلىقىنى، ئۇيغۇر قاغانلىقى ۋە تۇرپان ئىدىقۇتى دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقىدا يادىكارلىقلارنىڭ كەڭ تارالغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئابلەت كامالوف قازاقىستانلىقلارغا مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئەنە شۇ قەدىمىي تۈركىي ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر دەۋرىدىكى يازما يادىكارلىقلار بىلەن يېقىندىن تونۇشۇشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالمۇتادا ئېچىلغان «6-14-ئەسىرلەردىكى قەدىمىي تۈركىي دەۋرى ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر دەۋرىدىكى يېزىق مەدەنىيىتى» كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 9-مارت، قازاقىستان.

سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، مەنبەشۇناس، دوكتور ژانىمخان ئوشان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن چوڭ يېڭىلىقلارغا گۇۋاھچى بولۇۋاتىمىز. كونا تۈركىي يېزىقلار مۇشۇ كۈنگىچە ئاساسەن موڭغۇلىيەدە، خاكاسىيەدە، يېنىسەي بويىدا تېپىلغانىدى. قەدىمىي تۈركىي دەۋرى يېزىقلىرى ئەنە شۇ تۈرك ئىمپېرىيەسى، موڭغۇلىيە، خىتاي، ھازىرقى قازاقىستاننىڭ چوڭ تېررىتورىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆتمۈشتىن قالغان يېزىقلار ھازىر قازاقىستان زېمىنىدىمۇ تېپىلىۋاتىدۇ ھەم كېلەچەكتىمۇ تېپىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇلارنى تېپىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئېلان قىلىش چوڭ مەسىلە. ئەگەر ئۇلار تەتقىق قىلىنمىسا، دېمەك ئۇلار يوق دېگەن سۆز. شۇنىڭ ئۈچۈن بار نەرسىنى تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق. ئۇلارنى تۈركىيشۇناسلىق ئىلمى بولامدۇ، قەدىمىي تارىخ ئىلمى بولامدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىقى بىز ئۈچۈن چوڭ دۇنيا. پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق دۇنيا. قازاقىستان يېرىدە تېپىلىۋاتقان يادىكارلىقلار پەقەت قازاق خەلقىنىڭلا تارىخى ئەمەس، بۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل تۈركىي خەلقەرگە ئورتاق مەدەنىيەت، ئومۇمىي قەدرىيەتلىرىمىز. مەن بۈگۈن كۆرگەزمىدە چوڭ يېڭىلىقلارنى كۆردۈم. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە ئىلمىي ئەمگەكلەر يېزىلسا، چوڭ لايىھەلەر يۈرگۈزۈلسە بىز بارلىقىمىز ئۈچۈن خۇشال بولىدىغان ھادىسە، چوڭ ئىلمىي يېڭىلىق بولار ئىدى، دەپ ئويلايمەن».

مەزكۇر لايىھە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرى، تىلشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ لايىھىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، 8-9-ئەسىرلەردە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر قاغانلىقى ۋە 9-13-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى دۆلىتى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان يازما يادىكارلىقلار كىتاب تېكىستى شەكلىدە ۋە ھۆججەتلىك فىلىم شەكلىدە تۇنجى قېتىم قازاقىستان جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇلغان.

ئالمۇتادا ئېچىلغان «6-14-ئەسىرلەردىكى قەدىمىي تۈركىي دەۋرى ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر دەۋرىدىكى يېزىق مەدەنىيىتى» كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 9-مارت، قازاقىستان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «لايىھىگە باشتىن قاتناشقان ئابلەت كامالوف بۇ لايىھەدە ئۇيغۇر قاغانلىقى يادىكارلىقلىرى توغرىلىق قىسىمنى ئورۇنلىدى. ئۇيغۇر قاغانلىقىغا ئائىت ئالتە يادىكارلىق بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلدى. شۇلارنىڭ بەشى دەسلەپكى ئۇيغۇر پادىشاھلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يېزىلغان بولسا، ئاخىرقىسى، يەنى قارابالغاسۇن يېزىقى ئۇيغۇر قاغانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرنىڭ ئاخىرقى ئون يىللىقلىرىدا يېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قىسىمغا سۇجى مەڭگۈ تېشىمۇ كىرگۈزۈلدى. بۇ قىسىمغا شۇنداقلا يېقىندا موڭغۇلىيەدە تېپىلغان ئىككى قەبرە تاش تېكىستىمۇ كىرگۈزۈلدى. ئۇلارنىڭ ئىككىنچىسى تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى شىئەندە تېپىلغان. بۇ قىسىمدا بۇ يېزىقلارنىڭ ئېچىلىش تارىخى، يەشمىسى ۋە يېزىقلارنىڭ نەشر قىلىنىشى توغرىلىق مەلۇماتلارمۇ بېرىلگەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەرجىمىلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان. بارلىق تېكىستلار ئۈچ تىلدا، يەنى قازاق، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا بېرىلگەن».

مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىل 1-نويابىردىن 2023-يىل 31-مارتقىچە خەلقئارا قازاق ئىلمىي-تەتقىقات مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى دائىرىسىدە «ئۇيغۇر قاغانلىقى (خانلىقى) دەۋرىدىكى تۈركىي يېزىق يادىكارلىقلىرى قەدىمىي تۈركىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش مەنبەسى سۈپىتىدە» ناملىق ئىلمىي لايىھە يۈرگۈزۈلۋاتماقتا. ئۇ 6-14-ئەسىرلەردە ياۋرو-ئاسىيانىڭ كەڭ تېررىتورىيەسىدە ۋە ھازىرقى موڭغۇلىيەدىن تا شەرقىي ياۋروپاغىچە بولغان ئارىلىقتا تېپىلغان قەدىمىي تۈركىي ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىق يادىكارلىقلىرىنىڭ سۈرەتلىك كىتابىنى تەييارلاشنى ۋەزىپە قىلغان. ئىككىنچىدىن، تۈركىي رۇنىك يېزىقى يەشمىلىرىنىڭ تارىخى، موڭغۇلىيە ۋە قازاقىستاندا تاشقا ئويۇلغان يېزىقلار، 744-840-يىللاردىكى ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدىكى تاش يادىكارلىقلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر يېزىقى يادىكارلىقلىرى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم چۈشۈرۈشنى كۆزدە تۇتقان. لايىھىگە شۇنداقلا تۈركشۇناس ئالىم نەپىل بازىلخان، ئارخېئولوگ ئالېكسېي روگوژىنسكىيلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئالمۇتادا ئېچىلغان كۆرگەزمە 24-مارتقىچە داۋاملاشماقچى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەزكۇر كۆرگەزمە قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدىمۇ ئېچىلغانىدى.