خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى كۈچەيگەن؛ بۇ سىياسەتنى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى تەنقىت قىلىپ، ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ جاكارلاۋاتقان بىر ۋاقىتتا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەملىكەتنىڭ بەرگەن مۇمكىنچىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئانا تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان ئۇستاز-مۇئەللىملەرنى تەقدىرلەش مۇرەسىمى ئۆتكۈزدى.
قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى قازاقىستان بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «مۇئەللىملەر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇرىيەتلىك دوستلۇق ئۆيىدە «ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىش» شتابى، يەنى ئانالىتىكىلىق مەركىزى بىلەن بىرلىكتە «مۇئەللىمگە مەدھىيە» ناملىق تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزدى. بۇ مۇراسىمغا قازاقىستان بىلىم ئىدارىلىرى ۋەكىللىرى، ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىكى ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى، ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى، مۇئەللىملىرى، پېشقەدەم ئۇستازلار، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ جانكۆيەرلىرى ھەمدە زىيالىيلار قاتناشتى.
تەنتەنىلىك مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئەزاسى ئېرشات ئەسمەتوف ئۇستازلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا دۆلەت رەھبەرلىكىنىڭ، شۇ جۈملىدىن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئەللىملەرگە ھۆرمەت-ئىھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەڭ ئىلغار مۇئەللىملەرنى تەقدىرلەش مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاندىن ھازىر چەت ئەلدە سەپەردە بولۇۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ ۋە دۆلەت پرېزىدېنتى يېنىدىكى مىللىي قۇرۇلتاينىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف تور ئارقىلىق سۆزگە چىقىپ، ئۇستازلارنى كەسپىي بايرىمى بىلەن سەمىمىي تەبرىكلىدى. ئۇ يېڭى قازاقىستان قۇرۇشتا، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان كادىرلارنى تەييارلاشتا، قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا، بارلىق شارائىتلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، ئەينە شۇلارنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا مۇئەللىملەرنىڭ ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر مۇراسىمدا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى «ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىش» ئانالىتىكىلىق مەركىزىنىڭ «قەدەم» تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن «مىللىي مائارىپ-مىللەتنىڭ يۈرىكى» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى. ئاندىن كېيىن ئانالىتىكىلىق مەركەزنىڭ رەئىسى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف سۆزگە چىقتى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا قازاقىستاندا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ جىددىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش تارىخى توغرىلىق تەپسىلىي توختالدى. ئۇ قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن قېلىپلاشقان ئېغىر ۋەزىيەتتە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۇت ئەھۋالى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىش، ھال سوراش ۋە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش، ئانالىز قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كارلىن مەخپىروف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «مىللىي مائارىپ-مىللىتىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ يۈرىكى!» دەپ، كۆپچىلىكنى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئورۇنلاشقان ئىسمائىل تاھىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىليار نۇرخالىقوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شتاب ئۆزىنىڭ بىر يىللىق ھېساباتىنى بەردى ۋە ئورۇندايدىغان ئىشلىرى ھەققىدە بىر ئاز ئېنىقلىمىلار بەردى. بىز ئۆز نۆۋىتىدە بۇ شتابنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغان تالاي ئىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولىمىز. يەنە ئۇلارنىڭ مىللىي مائارىپقا قوشقان ئۈلۈشى بېباھا بولدى. كەچ بولسىمۇ، مىللىي مائارىپقا چوڭ جۇشقۇنلۇق، چوڭ ئىلھامنىڭ بېرىلىشى بىز ئۈچۈن چوڭ خۇشال بولارلىق ئەھۋال.»

مەزكۇر تەنتەنىلىك يىغىندا سۆزگە چىققان ئالمۇتا ۋىلايەتلىك بىلىم باشقارمىسىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى بويىچە بىلىم بۆلۈمى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى ئالماگۈل ئۇناقبايېۋا مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئەھمىيىتىنى يۇقىرى باھالىدى. ئۇ ئۇستازلارنىڭ قايسى تىلدا ياكى قايسى جايدا بولمىسۇن، خەلقلەر دوستلۇقى مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتەرگەن ھالدا ياش ئەۋلاتلارغا بىلىم ۋە تەربىيە بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئالماگۈل ئۇناقبايېۋا ئالمۇتا ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ چوڭ ناھىيە-ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدىكى بىر نەچچە مەكتەپلەرنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان مۇدىرلار ۋە مۇدىر ئورۇنباسارلىرىنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەكتەپلەرنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ تىلىغا، مىللىتىگە قارىماي، ئۇلارنىڭ بىلىم بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بارلىقىغا بىر پۈتۈن دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى سۈپىتىدە تەڭ قاراشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇستازلارنىڭ ئەمگىكىنى مۇناسىپ باھالاۋاتقانلارغا چوڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، دوستلۇقى ۋە بىرلىكى ياراشقان بىر پۈتۈن خەلقنى قازاقىستاننىڭ كۆك تۇغىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتىرىشكە چاقىردى.
ئۇيغۇر ناھىيەسى تۈگمەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مېھىردىن خوجايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىش ناھايىتى ئورۇنلۇق ۋە مەقسەتلىك ئۇچرىشىش بولۇپ، مەزمۇنى جەھەتتىن ئۇستازلار ئۈچۈن چوڭ ھۆرمەت قىلىش دەپ ھېسابلايمەن. ئۇچرىشىشتا قارالغان مەسىلىلەر ئاساسەن مىللىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھاياتى، بالا توپلاشتا ئېلىپ بېرىلغان ئىش-چارىلەرنىڭ يەكۈنلۈك بولۇشى كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىپ، دىلىمىزنى يورۇتتى. ئانالىتىكىلىق مەركەزنىڭ يىل داۋامىدا قىلغان ئىشلىرى ئۆز ئەكسىنى تاپالىدى، دەپ ھېسابلايمەن. ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتى ئۇستازلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەش ئۈچۈن مۇكاپاتلاش ناھايىتى ئورۇنلۇق دەپ ئېيتقۇم كېلىدۇ. ئەمدىكى مەقسەت بالىلارنى توپلاشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا يۇقىرى، سۈپەتلىك بىلىم بېرىش زۆرۈردۇر.»
دوستلۇق ئۆيىدە ئۆتكەن بۇ يىغىندا سۆزگە چىققان «ئۆرلېۋ» ئالمۇتا ۋىلايىتى بويىچە كەسپىي راۋاجلىنىش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگۈچى خۇرشىدەم مەسىموۋا، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف ۋە باشقىلار قازاقىستاندىكى مىللىي مائارىپنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى ۋە كېلەچىكى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى مۇئەللىملىرىنىڭ قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇتۇقلىرى، ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىشتىكى جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى موتتۇرىغا قويدى.
مۇراسىم ئاخىرىدا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتكەن يۈزدىن ئوشۇق مۇئەللىملەر قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەشەككۈرنامىلىرى، مەركەزنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ «غەمخور» ناملىق مېدالى، شۇنداقلا ئايرىم مىللىي مائارىپ جانكۆيەرلىرى «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ «دوستلۇق» مېدالى بىلەن تەقدىرلەندى. ئۇنىڭدا يەنە «مىللىي مائارىپ-مىللەتنىڭ يۈرىكى» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.