29-يانۋاردا ئالمۇتادا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىگىت باشلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەشرىپى قۇرۇلدى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، جامبۇل، ئىلى، تالغىر ناھىيەلىرىنىڭ باش يىگىت باشلىرى ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر مەشرەپ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئولتۇرۇشىنى تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ۋە جەمئىيەت ئەربابى ساۋۇت موللاۋۇتوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلىدى. بۇنىڭغا جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار ۋە باشقىلار قاتناشتى.
ئالدى بىلەن مەشرەپ رىياسەتچىسى مەشرەپنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئاندىن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل مەزكۇر مەشرەپنىڭ بىرىنچى ئولتۇرۇشىنى ئۇيۇشتۇرغان تالغىر ناھىيەلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى ئۆكتەبىر قۇربانىيازوفقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈدى، شۇنداقلا مەشرەپكە ئۇتۇقلار تىلىدى.

مەشرەپنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مەرھۇم ئالىم ساۋۇت موللاۋۇتوفقا بېغىشلانغان «ئەدەبىيات-ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ مەزمۇنى» ناملىق دوكلات ئوقۇلدى ۋە مەرھۇمنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسى ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىم كۆرسىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن تەبرىك سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى تەركىبىدىكى مىللىي قۇرۇلتاينىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف، قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ باش يىگىت بېشى ئۆمەرجان ھەمرايېف، قىرغىزىستان يۇقىرى كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموف ۋە باشقىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىدىن كېلىۋاتقان مىللىي ئەنەنىسى-مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشىدىكى رولى، ياش ئەۋلادلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇلار يەنە باشقا ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا كەڭ مۇمكىنچىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز تالغىر ناھىيەسىنىڭ بېساغاش يېزىسىدىكى «نۇر» رېستورانىدا ئۆتكەن مەشرەپ ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، تالغىر ناھىيەلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئۆكتەبىر قۇربانىيازوف ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى مەشرىپىمىزگە ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان رايونلارغا ۋەكىللىك قىلغان 200 دىن ئوشۇق يىگىت بېشى قاتناشتى. بۇ ئولتۇرۇشىمىز تۆت قىسىمدىن ئىبارەت بولدى. بىرىنچى قىسىمدا، مېھمانلار تونۇشتۇرۇلدى. ئىككىنچى قىسىمدا ئادەتتىكىدەك سۆزلىگۈچىلەرگە ۋە ساز-نەغمىگە ئورۇن بېرىلدى. ئۈچىنچى قىسمىدا، يەنى داۋا-دەستۇر قىسمىدا بىز تەرتىپ بۇزغانلارنى جازالاشنى كېيىنگە قالدۇرۇپ، ئىككى مۇھىم مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. يەنى بىزنى كۆپرەك ئويلاندۇرىدىغان مىللىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، شۇنداقلا تەشكىلىي ئىشلار ھەققىدە كۆپلىگەن پىكىر-تەكلىپلەر چۈشتى. تۆتىنچى قىسىمدا، رايونلاردىكى يىگىت باشلىرى تونۇشتۇرۇلدى. بۇ ئولتۇرۇشىمىز مەشرەپ قائىدىلىرى ساقلانغان ھالدا ئۆتتى. مەشرىپىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مەشرەپتىن ئىبارەت مىللىي ئەنەنىمىزنى تەرغىب قىلىش، ياشلىرىمىزنى مىللەتپەرۋەرلىككە، ۋەتەنپەرۋەرلىككە، ئادەمگەرچىلىككە چاقىرىش، مىللىي قەدرىيەتلىرىمىزنى ساقلاش ۋە ئاتاقلىق شەخسلىرىمىزنى خەلققە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى.»
ئۆكتەبىر قۇربانىيازوف، قازاقىستاندا ھەم ئۇنىڭ سىرتىدا كەڭ تونۇلغان «ياركەنت بۇلبۇللىرى» ئانسامبىلىنىڭ ۋەتەن، ئانا-يۇرت، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئىجرا قىلغان ناخشىلىرىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ يەنە ئېيتىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ساخا، يەنى ياقۇتىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن تونۇلغان قومۇزچى ئېركىن ئالېكسېيېفنىڭ ئىجرا قىلغان «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» ناملىق ئەسەر مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىدا زور تەسىرات قالدۇرغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساخا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەلاچىسى ئېركىن ئالېكسېيېف ئەپەندى مەشرەپكە «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدرۈپ، ئۇنىڭغا رەھمىتىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مۇنداق شەكىلدىكى پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم قاتنىشىۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ۋە بۇ خەلىقنىڭ مەدەنىيىتى بىلەنمۇ بىرىنچى قېتىم تونۇشتۇم. ماڭا بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتۈش تەرتىپى ئىنتايىن ياقتى. يەنى خەلق بىرلىشىپ، بىر داستىخاندىن تاماق يەيدىكەن، تونۇشىدىكەن، سۆھبەتلىشىدىكەن. ئۇنىڭ پروگراممىسىدا مەدەنىيەت مەزمۇنلىرى، يەنى ناخشا-سازلارمۇ ب باركەن. بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەتتا قارارلارنى قوبۇل قىلىپ چىقىدىكەن. مۇشۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ ‹مەشرەپ› دېگەن نام ئاستىدىكى بۇ چوڭ پائالىيەتكە كىرىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ماڭا ئۇيغۇر تىلى تونۇش بولمىسىمۇ، ئايرىم سۆزلەرنى مەن چۈشەندىم. چۈنكى بىزنىڭ تىللىرىمىز بىر پۈتۈن تۈركىي تىللار ئائىلىسىەە كىرىدۇ. بۇ پائالىيەت مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى، سەۋەبى بۈگۈن مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي تومۇرى بار خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ماڭا ۋە مەن ئارقىلىق ساخا خەلقىگە بولغان قاتتىق قىزىقىشىنى بايقىدىم. بۇ بىزنىڭ خەلقلىرىمىزنىڭ ھەر قەھەتتىن يېقىن ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق تۇغقان خەلقلەر ئارىسىدا ئالاقە ئورنىتىپ، مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈش پايدىلىق، دەپ ئويلايمەن. مەن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارغا سالامەتلىك، خاتىرجەملىك تىلەيمەن، ئالدىغا قويغان مەقسەتلىرىگە يېتىشىگە تىلەكداشمەن!»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ ئەنەنىسى قازاقىستاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەندىن بۇيان، تېز راۋاجلىنىشقا باشلىغان. ھازىر ناھىيەلىك، شەھەرلىك، جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن كېلىشكەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتىكەن.