ئالمۇتادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن بەش يىل مۇقەددەم، يەنى 2014-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، 1-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى مەملىكەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقىمۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. شۇ جۈملىدىن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، شۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى ياد ئېتىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.

بۇ يىلىمۇ ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ «ئەلا سۇلتان» رېستورانىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. بىر گۇرۇپپا مىللەتپەرۋەر شەخسلەر ۋە ياشلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، 150 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشتى.

ئالدى بىلەن دىنىي زات مەھەممەت ھاجىم مۇستەقىللىق، ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.

دەسلەپتە تىلشۇناس ئالىمە زەينەپ ئىسلاموۋا «ماتەم كۈنى. كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى. 1949-يىل 1-ئۆكتەبىر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، 1955-يىل 1-ئۆكتەبىر قۇرۇلغان كۈنى» ناملىق دوكلاتىدا كوممۇنىستىك خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ 70 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ھەر خىل ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە يۈز مىڭلىغان ئاھالىنىڭ، زىيالىيلارنىڭ، مىللىي كادىرلارنىڭ زەرداب چەككەنلىكىنى ھەم بۇ زۇلۇمنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۈگۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋال، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا، مۇستەقىللىققا تەشنالىقى ھەم شۇ يۆنىلىشتىكى كۈرىشى، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. شۇلارنىڭ بىرى تونۇلغان شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۆز سۆزىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئاتاپ ئۆتتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات مەھەممەت ھاجىم بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىستىك خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ 70 يىللىق تويىنى نىشانلاۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم ئىچىدە بولۇپ، ئۆز زېمىنىدىن، ۋەتىنىدىن، خەلقىدىن، كېلەچەك ئەۋلادلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار پاراۋان ھايات كەچۈرۈۋاتساقمۇ، لېكىن ۋەتىنىمىزدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىدىن، تىلىدىن، تارىخىدىن، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئايرىۋاتقانلىقىنى يىغىندا سۆزلىگۈچىلەر دەلىل-پاكىتلار ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتتى. ھەقىقەتەنمۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە ناھايىتى قاتتىق زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ قەھرىمان غوجامبەردى يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزدى.»

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە بېغىشلانغان مۇنداق پائالىيەتلەرنى نەزىر، خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ۋە باشقىلار شەكلىدە ئۆتكۈزۈش، ئىككىنچىدىن، ئوچۇق نامايىش شەكلىدە ئۆتكۈزۈش دېگەنگە ئوخشاش كۆزقاراشلار شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ جىددىي بەز-مۇنازىرىگە ئايلانماقتىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئالىمە دىلىنۇر قاسىموۋا مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىز ھېچ قانداق دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق كەلتۈرمەسلىكىمىز كېرەك. قازاقىستاندىمۇ ئۆز مەسىلىلىرىمىزنى قانۇنىي يول بىلەن يېشىشىمىز كېرەك.»

دىلىنۇر قاسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قوشنىدارچىلىق، ھەمكارلىق ھەققىدە شەرتنامىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىككى مەملىكەتنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوخشاش سىياسىي تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزمەكتىكەن.