ئالمۇتادا قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى خاتىرىلەندى
2024.12.13
7-دېكابىر كۈنى ئالمۇتا شەھەرلىك دوستلۇق ئۆيىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدار يازغۇچىلىرىدىن زىيا سەمەدى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىغا بېغىشلانغان «قەلىمى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان خەلق يازغۇچىسى» ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن كارلىن مەخپىروف رەھبەرلىكىدىكى ئالمۇتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندى ئۇيۇشتۇرغان.
قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى ئىجادىيىتىنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىيەت مەنىۋى مىراسلىرى سىستېمىسىغا ماسلىشىشىنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر مۇراسىمغا كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، شائىر، ئالىم، تىجارەتچىلەر، ياشلار ۋە زىيا سەمەدىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشتى. پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان بوستانلىق ناھىيەسى ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مۇراسىمنىڭ بېشىدا زىيا سەمەدىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ھەققىدىكى ۋىدىيو كۆرسىتىلدى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققانلار ئىچىدە تونۇلغان تىجارەتچى دىلمۇرات قۇزىيېف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شائىر جەمشىت روزاخۇنوف، شائىر، «ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئېرشات ئەسمەتوف ۋە باشقىلار بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە جەڭگىۋار ئىزلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى جامائەت بىلەن ئورتاقلاشتى. جەمشىت روزاخۇنوف ۋە ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفلار زىيا سەمەدىگە بېغىشلانغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بەردى.
شۇ جۈملىدىن تىجارەتچى دىلمۇرات قۇزىيېف مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلار، بۈگۈن بىز ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى، كۆزگە كۆرۈنگەن بۈيۈك يازغۇچى ۋە دىراماتورگ زىيا سەمەدى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بىز كىچىك چاغلىرىمىزدىن تارتىپ زىيا ئاكامنىڭ «مايىمخان»، «ئەخمەت ئەپەندى» ۋە باشقا كىتابلىرى بىلەن تەربىيلەندۇق. ئەلۋەتتە، ھەربىر ئىنساننىڭ ۋەتەنپەرۋەر بولۇشىغا، ئۆزىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنىتىنى سۆيۈشىگە، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىگە ۋە شۇلار بىلەن پەخىرلىنىشىگە بىرىنچى بولۇپ ئائىلىسى، ئىككىنچى نۆۋەتتە مەكتەپ سەۋەب بولسا، ئۈچىنچى نۆۋەتتە، مانا شۇ زىيا سەمەدى ئاكا ۋە ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىگە ئوخشاش كىتابلارنى ئوقۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۈگەنگەن. مەن زىيا ئاكام بىلەن پەقەت كىتابلىرى ئارقىلىقلا تونۇشمىدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئادەملەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ مۇڭداشقان ئادەملەرنىڭ بىرى. »
دىلمۇرات قۇزىيېف شۇ قاتاردا زىيا سەمەدىدىن كۆپلىگەن مەسلىھەتلەرنى ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈرەشلىرى، ئۆزىنىڭ ۋەتىنى، ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن قىلغان ئەركەكلىكى ھەققىدە ئىنتايىن كۆپ ھېكايە قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇراسىمدا مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف «زىيا سەمەدى ئىجادىيىتىدە ئەركىنلىكنى سۆيۈش ئىدىيەسى» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر جەمشىت روزاخۇنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «زىيا سەمەدىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە يازغۇچىمىز زىيا سەمەدى ئىجادىيىتىنىڭ ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىيەت مەنىۋى مىراسلىرى سىستېمىسىغا ماسلىشىشى ھەققىدە كۆزلىگەن مەقسەت ئادا بولدى، دەپ ئويلايمەن. زىيا ئاكىنىڭ قالدۇرغان مىراسى، ئۆزىنىڭ مىللىتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ھەققىدە يېزىلغان قۇرلىرى مېنىڭچە بۈگۈنكى كۈننىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى دەپ ھېسابلايمەن. بۇنى يازغۇچىغا بولغان چوڭ ھۆرمەت دەپ بىلىمەن».
جەمشىت روزاخۇنوف بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا زىيا سەمەدىدەك شەخسلەرنىڭ بىر ئەسىردە بىر قېتىم تۇغۇلىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى مۇراسىملارنى چوڭ دائىرىدە ھەم پات-پات ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خادىملىرىدىن ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا قىلىنغان دوكلاتلاردىن ۋە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ نۇتۇقلىرىدىن زىيا سەمەدىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە خىلمۇ-خىل ۋە قىزىقارلىق پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «زىيا سەمەدىنى ھەقىقەتەنمۇ قەدىرلەشكە ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك قەلەم ساھىبلىرىنىڭ بىرى، دەپ ھېسابلايمىز. سەۋەبى بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىز زىيا سەمەدى ئەسەرلىرى ئىجادىيەتنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە يەتكەن، ئىجادىيەت قاينىمىدا زىيا ئاكا قەلەمنى راۋرۇس تەۋرىتىپ يۈرگەن دەۋرلەرگە توغرا كەلدى. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمىزدە، ياش ۋاقتىمىزدا زىيا ئاكىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ھايات كەچۈردۇق. زىيا ئاكىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، بىرىنچىدىن، تارىخىمىزدىكى ناھايىتى مۇھىم سەھىپىلەرنى ئېچىپ بەرگەن. ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە دېگۈدەك خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدىن ناھايىتى ئوبيېكتىپ، ھەققانىي، راستچىل پاكىتلارنى ئۇچرىتىمىز. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇ خەلقىمىزگە يېڭىچە روھ بېغىشلايدىغان، ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلىرىمىزدىن ساۋاق ئالىدىغان بىر ئالاھىدە مەزمۇنغا ئىگە. زىيا ئاكىنىڭ يەنە بىر ئۇلۇغلۇقى ئۇ ئۇيغۇر بەدىئىي تىلىنىڭ ماھىرى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈزۈلۈشىگە، راۋانلىشىشىغا، بارلىق ساھەلەردە جانلىق ئىشلىتىلىشىگە ئالاھىدە تەسىر قىلدى دەپ ئويلايمەن.»
ئېرشات ئەسمەتوف شۇنىڭدەك بۈگۈنكى كۈندە داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابلىرىنى قايتا نەشر قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا يازغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بېلىقىز سەمەدى ۋە رىزا سەمەدى «دۈگلەك ئۈستەل» يىغىنىغا قاتناشقۇچىلارغا ئۆز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلىپ، سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، زىيا سەمەدى 1914-يىلى 15-ئاپرېلدا قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدىكى خونىخاي يېزىسىدا ئورتا دېھقان-باغۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1944-يىلى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى» پارتلىغاندىن كېيىن زىيا سەمەدى ئازادلىق كۈرىشىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. زىيا سەمەدى پولكوۋنىك ئۇنۋانىدا مىللىي ئارمىيە باش ئىشتابى رازۋېدكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋە «ئىنقىلاب تېڭى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. زىيا سەمەدىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى يۇقىرى باھالىنىپ، ئىككى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» نىڭ «ئىستىقلال» ئوردېنى ۋە باشقا مېداللىرى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي خىزمەتلەردە بولغان زىيا سەمەدى 1950-يىللىرىدىن باشلاپ خىتايدا ئەۋجىگە چىققان ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلەردە يۈزلىگەن، مىڭلىغان مىللىي كادىرلار قاتارىدا جازالىنىدۇ. لېكىن ئۇ خىتايغا قارشى كۈرەشنى توختاتمىغانلىقتىن 1958-يىلى بارلىق خىزمەتلەردىن بوشىتىلىپ، ئەمگەك لاگېرىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 1960-يىلى سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەنلىكتىن لاگېردىن ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، سەپداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن 1961-يىلى قازاقىستانغا چىقىپ كېتىدۇ. زىيا سەمەدى 2000-يىلى 20-نويابىردا 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.