ئالمۇتادا ئۆتكەن دۇنيا ئەزەربەيجانلىرىنىڭ پىكىرداشلىق كۈنى مۇراسىمىدە ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىندى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 1989-يىلى 31-دېكابىر كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ناخىچېۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىدە بىر توپ ئادەملەر سوۋېت-ئىران چېگرىسىنى بۇزغان ئىدى. مىڭلىغان ئەزەربەيجانلار ئاراكس دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىراندىكى قان-قېرىنداشلىرى بىلەن ئۈز كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. دەل شۇ كۈنى ئىستامبۇلدا دۇنيا ئەزەربەيجانلىرىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتتى. ئەنە شۇ ئىككى ۋەقە 31-دېكابىرنى دۇنيا ئەزەربەيجانلىرىنىڭ پىكىرداشلىق كۈنى دەپ ئېلان قىلىشقا سەۋەب بولدى. تۇنجى قېتىم مەزكۇر كۈن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى گېيدار ئالىيېف تەرىپىدىن 1991-يىلى 16-دېكابىردا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 27-دېكابىردا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «قازاقىستان» مېھمانخانىسىنىڭ مەجلىسلەر زالىدا دۇنيا ئەزەربەيجانلىرىنىڭ پىكىرداشلىق كۈنى مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. دۇنيا ئەزەربەيجانلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇراسىمغا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى، «نۇر ئوتان» پارتىيەسى، ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار ۋە ياشلار قاتناشتى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققانلار ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئازاب-ئوقۇبەتلەر، بۈگۈنكى ئۇتۇقلىرى، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، ھەمكارلىق، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى. بۇ جەھەتتە ئۇلار ھازىر خەلقىارا سەھنىدىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرى تاتار-باشقۇرت مەدەنىيەت مەركەزلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئىلمىرات ۋافىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار يۇرتىنى ۋەتىنى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر ۋە تاتارلارنىڭ تەقدىرى جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن خەلقلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تەقدىرىگە كېلىدىغان بولساق، مەن يېقىندا تۆت توملۇق›شىنجاڭ تاتارلىرى‹ناملىق چوڭ كىتابىمنى نەشىر قىلدىم. مەن 15 يىل داۋامىدا تاتارلارنىڭ شىنجاڭغا قانداق كېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن يانمۇ-يان ياشىغانلىقى ئۈستىدە ئىشلىدىم. 1-توم›تاتارلار‹، 2-توم›قەھرىمان ئۇيغۇرلار‹، 3-توم›شىنجاڭ ۋە رۇسىيە‹، 4-توم›شىنجاڭ تاتارلىرى. ئادەملەر تەقدىرلىرى‹دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرلار تەقدىرى تاتارلار تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىنىشقان. تاتارلار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى قول ئاستىدا بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇڭلاشقا بىز ئوخشاش شارائىتتا تۇرىمىز. ھەر ئىككى ئىمپېرىيەنىڭ مەنتىقىسى بىردەك. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار توغرىلىق قانۇن قوبۇل قىلدى. يا رۇسىيە، يا قازاقىستان، مەسىلەن، مۇنداق قانۇن قوبۇل قىلالمايدۇ، سەۋەبى ئۇلار خىتايغا بېقىندا.»

ئىلمىرات ۋافىن دۇيادىكى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا رۇسىيە ۋە خىتاي ئوخشاش ئىمپېرىيەلەرنىڭ يول قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھەرلىك قىرىم تاتارلىرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى سېيىت بابالىيېف ئەپەندى ئەزەربەيجان خەلقىنى بىرلىك كۈنى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىدا كۆپلىگەن مىللەتلەر قازاقىستاندا، شۇ جۈملىدىن ئالمۇتادا ياشايدۇ. يەنە بىر ئېيتىدىغان نەرسە، ھازىر ھەممە نەرسىنى ياخشى دېيىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، خىتايدىكى ئۇيغۇر مىللىتى. ھازىر ئۇ يەردە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىشقا قىينىلىمەن. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. مەن ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى، خاتىرجەم بولۇشىنى، ئۆزلىرىنى بىر مىللەت سۈپىتىدە ھېس قىلىشىنى تىلەيمەن. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. پۈتكۈل دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ۋەتىنىمىز قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئوخشاش ئەركىن ياشىشىنى تىلىگەن بولار ئىدىم.»

ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، كاندىدات-دوكتور تۆرەلى قىدىر ئەپەندى پۈتكۈل دۇنيادىكى تۈركىي خەلقلەرنى كېلىۋاتقان يېڭى يىل بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېز ئازاد بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا ئېلىشىغا چىن يۈرەكتىن تىلەكداشمەن. ئومۇمەن تۈرك دۇنياسىدا مۇنداق چۈشەنچە بار. ئىشتا بىرلىك، پىكىردە بىرلىك، ئويدا بىرلىك. مۇشۇ بىرلىك ئەمەلگە ئاشقاندىلا تۈرك دۇنياسى مەلۇم بىر يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەردىن ئەندىشە قىلىپ تۇرىمەن. بىر مەزگىللەردە پرېزىدېنت بولغان ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ ‹تۈركىستان قايغۇسى› كىتابىدا ‹كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، تۈركىي خەلقلەر بىرلىككە تەييار بولۇشى كېرەك› دەپ ئېيتقان ئىدى. ئەنە شۇ ساغۇنىي ئېيتقانداك، تۈركىي خەلقلەر بىرلىشىشى كېرەك.»

تۆرەلى قىدىر يەنە مۇشۇ يىلى قەدىمىي تۈركىي خەلقلەر ئانتولوگىيەسىنى تەييارلاپ، ئۇنىڭدا تۈرك خەلقلىرى روھىي جەھەتتىن بىر تۇتاش خەلقلەر دېگەن ئىدىيەنىڭ مەركەز قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئەزەربەيجانلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى مۇسوبېي نورۇزوف ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، باشقۇرت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەزەربەيجانلارنىڭ پىكىرداشلىق كۈنىنى تەبرىكلەپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تۈرك كېڭىشىنىڭ باكۇدا ئۆتكەن ئاخىرقى يىغىنىدا مۇستەقىل تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىر بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا بىز مەدەنىيەت، ئىقتىسادتىن باشقا يەنە ئۆزىمىزنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك دېيىلگەن. ھەر قايسىمىزنىڭ ھاياتىدا سىياسىي بۇرۇلۇشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتا مۇشۇنداق ھەمكارلىق ھەممىمىزگە كېرەك بولىدۇ. بىزمۇ ھازىر قايغۇلۇق خەۋەرلەرگە ئىگە بولۇۋاتىمىز. خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ئۇيغۇر تۈركلىرى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. بىز، تۈرك دۇنياسى، ھەممىمىز بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا بىر پىكىردە بولۇشىمىز كېرەك. ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە، ئۆز يېرىدە ئازاد ياشىشىنى خالايمىز ھەم شۇنىڭغا ئۈمىد قىلىمىز.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت فوندىنىڭ رەئىسى، دۇنيا تۈركىي خەلقلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى كارلىن مەخپىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان خەلقى بىز، ئۇيغۇرلارنى، بېشىمىزغا ئېغىر كۈن چۈشكەن پەيتتە قوللاپ-قۇۋەتلەپ، بىزگە مەدەت بەردى. ھازىر خەلقىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر زۇلۇم چۈشتى. مېنىڭ خەلقىم ھازىر ھايات ياكى ماماتنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ. شۇنداق ئېغىر بىر ۋاقىتتا بىز بولۇپمۇ قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا، ياردىمىگە ئىنتايىن مۇھتاجمىز. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ خەلقى نامىدىن قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقىگە ئەركىنلىك، پاراۋەنلىق، چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن. ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ تېخىمۇ بىرلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا تىلەكداشمەن.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ئەزەربەيجانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 50، 5 مىليون، قازاقىستاندا بولسا 100 مىڭغا يېقىن ئادەمنى تەشكىل قىدىدىكەن. ئەزەربەيجانلارنىڭ قازاقىستانغا دەسلەپ كېلىشى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى كاۋكاز خەلقلىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ بارغان تەقىبلەش سىياسىتى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 24-دېكابىردا ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ شەھىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا فاتىما مامېدوۋا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئەزەربەيجانلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر بايرىقىنى تۇتقان ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قاشاسى ئاستىغا قارا رەڭلىك گۈللەرنى تىزىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى، لاگېرلاردىكى بارلىق مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە، ئەنەنىلىرىگە، دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.