يېقىندا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ئىشتاتىغا يېقىنلىشىپ، «ھاۋا بوشلۇقىنى چارلاش» ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي ئىتتىپاققا تەھدىت دەپ قارالماقتا.
شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە قوماندانلىق ئىشتابى (NORAD) نىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ۋە كانادا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى 24-ئىيۇل ئالياسكا ئىشتاتىغا يېقىن خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ئىككى رۇسىيە ۋە ئىككى خىتاي بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى توسۇۋالغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن (Lloyd Austin) پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئالياسكا دېڭىز قىرغىقىدىكى خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي-رۇسىيە ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئالياسكىنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىرىڭ دېڭىزى بوشلۇقىدا «بىرلەشمە چارلاش» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور گوردون چاڭ (Gordon Chang) بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىنى قورقۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئالياسكىغا يېقىن يەرگە يادرو قوراللىرىنى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىش. بۇ قېتىم خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇنى قىلدى. ئۇلار ئامېرىكىغا ئەگەر ئاسىيادا ئۇرۇش يۈز بەرسە، بۇ پەقەت خىتايغا قارشى بولمايدىغانلىقىنى، رۇسىيەمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەلۋەتتە كۈچلۈك سىگنال».
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ «بىرلەشمە چارلاش» ھەققىدە بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى يىللىق ھەمكارلىق پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىرىڭ دېڭىزىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ‹بىرلەشمە ئىستراتېگىيەلىك ھاۋا چارلاش ئەترىتى› تەشكىللىدى. بۇ ھەرىكەت ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلمىغان، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ باياناتقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكىنى بىۋاسىتە نىشان قىلمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىغا كۈچلۈك سىگنال بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەگەر (خىتاي باياناتچىسى) جاڭ شياۋگاڭ دېگەندەك چارلاش ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا نېمىشقا ئامېرىكىنى ئەندىشىلەندۈردى؟ ئۇ چارلاش ئۈچىنچى تەرەپنى، يەنى ئامېرىكىنى بىۋاسىتە نىشان قىلمىسىمۇ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ خەلقئارا بوشلۇقتىكى ھەمكارلىقى ئامېرىكىغا سىگنال بېرىدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا قويماقتا. دېمەكچىمەنكى، خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ چارلاش ئامېرىكىغا ۋاسىتىلىك ئۇچۇر، يەنى سىگنال بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئامېرىكىنىڭ چېگراسىدا كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ».
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسەت پىروفېسسورى شېن يى ئۆزىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ كۈچىنى نامايان قىلىپ ئامېرىكىنىڭ بەزى قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولىدۇ؛ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئويناش ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ سىستېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئامېرىكىنى ئۈنۈملۈك ھالدا قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدۇ».
شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە قوماندانلىق ئىشتابى ئالىياسكاغا يېقىنلاشقان خىتاي ۋە رۇسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا ياكى كانادانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرمىگەنلىكىنى ۋە تەھدىت ھېسابلانمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ سىياسىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپى ئىرىس فېرگۇسون (Iris Ferguson) مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، بولۇپمۇ ھەربىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەھدىتى بارلىقىنى، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋاتىمەن».
ئۇنداقتا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالياسكىغا يېقىن يەرگە «ھاۋا بوشلۇقىنى چارلاش» ئۈچۈن يادرو قوراللىرىنى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىشى ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرەمدۇ؟
دوكتور گوردون چاڭ ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىن بىر يەردە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلەشمە چارلاش ئېلىش بېرىشى ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت. بولۇپمۇ رۇسىيەلىكلەر بىلەن خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بومباردىمانچى ئايروپىلاننى بۇ چارلاشتا قوللىنىشى پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك بىر ئەھۋال. بىز ئايروپىلانلارنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئەلۋەتتە، بۇ بىر تەھدىت. بىز خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئاممىغا تېخىمۇ ئوچۇق ۋە راستچىل بولۇشىمىز كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالدا خىتايلار ۋە رۇسلار بىزنى ئۇلاردىن قورقتى دەپ ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ بۇنداق ئويلاپ قېلىشىنى خالىمايمىز. ئەلۋەتتە، بۇ چارلاش تىنچ ئوكياندىكى جىددىيلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك».
خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ئىتتىپاقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ «چەكسىز شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» ۋە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىشى سەۋەبىدىن خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ «ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» دەپ قارىغانىدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 10-ئىيۇل ۋاشىنگتوندا ناتوغا ئەزا 32 دۆلەت رەھبىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «ناتو رەھبەرلىرىنىڭ ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتابنامىدە خىتاينىڭ ناتونىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى جاكارلانغانىدى.
دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى ۋە گوردون چاڭ قاتارلىقلار خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالياسكىغا يېقىن يەرگە بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىشىنى تىنچ ئوكيان ۋە شىمالىي قۇتۇپتا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيلىكتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغان ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى گىئۇ-سىياسى رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.