ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ئانالىزچىلار «ئالياسكا يىغىنى» ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى قارارلىرى توغرىلىق پىكىر بايان قىلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكانىڭ ئالياسكا شتاتىنىڭ مەركىزى ئانكورىج شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن رۇس تىللىق مەتبۇئاتلارنىڭمۇ قىزىقارلىق تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن ۋە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دىپلوماتىيەگە مەسئۇل ئەزاسى ياڭ جيېچى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ئالاقىلەر بىلەن بىر قاتاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالياسكادىكى بۇ ئۇچرىشىش جىددىي ۋە كەسكىن ھالەتتە، يەنى ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە داۋاملىق تەنبىھ بېرىپ تۇرۇشى بىلەن داۋام قىلغانكەن.

«ۋ ۋ س رۇس خىزمىتى» ئېلان قىلغان «ئۆزارا ئەيىبلەشلەر ۋە بىر سائەتلىك جېدەل: ئا ق ش ۋە خىتاي ئالياسكادا مۇزاكىرە يۈرگۈزدى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنگە نىسبەتەن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن. باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىر قاتاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىپ، يىتىمخانىلارغا ئەۋەتىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يوشۇرۇن لاگېرلارنى قۇرۇپ، مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئاياللارنى تۇغماس قىلىش، تەن جازاسى ۋە زورلۇق-زومبۇلۇققا ئوخشاش دەھشەتلىك ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. بۇنىڭ بارلىقى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە كانادا ۋە گوللاندىيەمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان.

رۇسىيەنىڭ «روسبىزنېسكونسالتىنگ» مېدىيا گۇرۇپپىسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئا ق ش غا ئۆز دېموكراتىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى» ناملىق ماقالىدا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەر تەپسىلىي يورۇتۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىبلەش سىياسىتى، خوڭكوڭدىكى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ قوپال باستۇرۇلۇشى ۋە تەيۋەننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەتسىزلىك بىلدۈرۈشى ئامېرىكا تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىت قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«گازېتا رۇ» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن ئالېكسېي پوپلوۋسكىينىڭ «يۇمشاقلىققا ئىمكان: ئا ق ش ۋە خىتاي ئالياسكادا ئۇچراشتى: خىتاي ۋە ئا ق ش بايدېن ھۆكۈمىتىدىكى تۇنجى مۇزاكىرىلەردە قانداق قىلىپ بىر-بىرىگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىسىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا خېلى كەسكىنلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ بېيجىڭنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەيىبلىشى شۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولغانكەن.

ئالياسكادا ئۆتكەن ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى بارمۇ؟

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەنىدىنىڭ پىكرىچە، مەزكۇر مۇزاكىرە نەتىجىلىك بولمىسىمۇ، ئەممە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىككەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، ئامېرىكا خىتايغا ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى دائىرىسىدىكى پرىنسىپلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا خوڭكوڭ، تەيۋەن، تىبەت مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە كەڭ دائىرىدە ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستان، يەنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە قەتىي قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ قويغان تەلەپلەرنىڭ كەڭ ۋە پرىنسىپلىق خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بايدېن باشلىق ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خوڭكوڭ، تەيۋەن، تىبەت مەسىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى قويۇدىغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىدە كەڭ دائىرىدە، خەلقئارا پرىنسىپ-نورمىلار بىلەن بىللە ۋە يېڭى ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىللە قويىدىغانلىقى روشەن بولۇۋاتىدۇ.»

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندى ئالياسكادىكى ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ يەنە بىر قېتىم سەھنىگە چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا خىتاينى خەلقئارا مەيداندا كۆز بويامچىلىق سىياسىتىنى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكانى باشقا دۆلەتلەرگە كۈچ قوللىنىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا پاكىتلار ئاساسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستاندا، تىبەتتە ۋە خوڭكوڭدا ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قاتتىق بېسىۋاتقان ۋە تەيۋەنگە قارىتا قوللىنىۋاتقان تەژاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ھازىرقى ئامېرىكانىڭ يېڭى پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇرۇنقى پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قارىتىلغان سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. مەن ئويلايمەنكى، ئامېرىكا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، دۇنيا دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا، يەنى ئۇيغۇرىستاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىك، مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى قوللىنىۋاتقان ھەرىكىتى خىتاينى بەكمۇ بېئارام قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئىچكىي مەسىلىسى ئەمەس. بۇ مەسىلە خەلقئارا مەيداندىكى ئەڭ ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى ۋە ئايلانماقتا. ئالياسكادا ئۆتكەن ئۇچرىشىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر تايانچ دەپ ھېسابلايمەن. سەۋەبى ئامېرىكا دۇنيا دېموكراتىك كۈچلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت. چۈنكى بىز دۇنيا دېموكراتىك كۈچلىرىگە، مەملىكەتلىرىگە چوڭ ئۈمىد بىلەن قارايمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، 22-مارت كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان نارازىلىقنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىكەن.