ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «2024-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» دا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.06.25
Mejburiy-Emgek-karton ئەمگەك ئەسلىھەلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار كارخانا لىنىيەسىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان كىيىملەرنى قاتلاۋاتماقتا.
Yettesu

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-ئىيۇن كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئەھۋالىغا ئائىت يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ دوكلاتىدا، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋەزىيىتى بىلەن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى باھالاپ چىقىدىغان بولۇپ، دوكلاتتا ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 188 دۆلەتنىڭ ئەھۋالى باھالاپ چىقىلغان ۋە رەتكە تۇرغۇزۇلغان.

خىتاي مەزكۇر دوكلاتتا ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى جەھەتتە ئەڭ ناچار دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىغان «3-دەرىجىلىك دۆلەتلەر» قاتارىغا تىزىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى، ئۇنىڭ بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلۈشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىللىق دوكلاتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئۇ سۆزىدە، «ھازىر ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكانىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئەتكەسچىلىكنىڭ دائىرىسى، كۆلىمى ۋە سۈرئىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ يىللىق دوكلاتتا رەقەملىك تېخنولوگىيە ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ نۇقتىلىق يورۇتۇلغانلىقى» نى دېگەن.

ئۇ دوكلاتتىكى سۆزىدە يەنە «ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ چىرىكلىك ۋە زوراۋانلىقنى كۈچەيتىپ، نورمال ئىقتىسادنى بۇرمىلايدىغانلىقى، ئەمگەكچىلەرگە زىيان سېلىپ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 27 مىليون كىشى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئەتكەسچىلەر مەيلى ھۆكۈمەتلەر بولسۇن مەيلى خۇسۇسىيلار بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش زورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىر گۇرۇپپا ئىنسانلارنىڭ چەتكە قېقىلىشى ۋە ياكى ئاجىزلىقىدىن پايدا ئالماقتىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلات تەييارلانغان مەزگىلدە، «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن ۋە تۈرمىگە سولاشنى ھەمدە كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئىبارەت ھۆكۈمەت سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويغان.»

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەتتىكى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەم شۇنداقلا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، قۇرۇلۇش پىلانىغا قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان. يۇقىرى مائاش ۋەدىسى بىلەن ئالداپ كېلىنگەن ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىتىش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى، ھەرىكەت ۋە ئالاقە ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشىدەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتلەردە ئىشچى قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرىنى يېتەرلىك نازارەت قىلمىغان، توختام ۋە ئەمگەك شارائىتىنى تەكشۈرمىگەن ۋە شۇ دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلارنىڭ ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنغانلارنى پەرقلەندۈرۈش ياكى ياردەم بېرىشتە ئىزچىل مۇۋەپپەقىيەتسىز بولۇپ كەلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە ئائىت يىللىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، لاگېر تۈزۈمى، لاگېرلاردىكى تەن جازاسى، مېڭە يۇيۇش، تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي دائىرىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى داۋاملىق سادىر قىلدى. جۈملىدىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى داۋاملاشتۇردى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ كەمسىتىش خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش، ئېتنىك-ئىرقىي ئارخىپلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا داۋاملىق ئىشقا سالدى. ھۆكۈمەت داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىغا چەكلىمە قويماقتا. بۇ ئۇلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن ۋە دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دۇچار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرماقتا.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان رايوندىكى قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى 1200 گە يېقىن لاگېرغا، يەنى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورۇنلارغا سولىغان. ئۇلار بىر قىسىم كىشىلەرنى لاگېر ئىچىدىكى ئەمگەك ئورۇنلىرىدا تىككۈچىلىك قاتارلىق ئىشلارغا مەجبۇرلىغان.

بۇ كىشىلەر لاگېرلاردىكى تۇتقۇن مەزگىلىدە ۋە ئاتالمىش «ئوقۇش پۈتتۈرۈش» تىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولغان ۋە ياكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھوقۇق بېرىلگەن تىجارەت ئورۇنلىرىدا ئەمگەككە سېلىنغان. ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ساھەلەر ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، ئۇ خىتاي ئىچى ۋە خەلقئاراغا توشۇلىدىغان كىيىم-كېچەك، ماشىنا زاپچاسلىرى، ئاياغ، گىلەم، يۇڭ يىپ، يېمەكلىك ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، بايرام بېزەكلىرى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ماتېرىياللىرى پولىسىيون ۋە باشقا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، چاچ مەھسۇلاتلىرى، تازىلىق بۇيۇملىرى، ماسكا، خىمىيەلىك بۇيۇملار، دورا ۋە باشقا بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە لاگېرغا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كەم دېگەندە 80000 نەپىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن باشقا ئۆلكىلەرگە يۆتكىگەن، ئالاھەزەل يۈز مىڭلىغان كىشىنى رەسمىي يوسۇندا ئەيىبلەپ، ئۇلارنى خىتاي مىقياسىدىكى 100 دىن ئارتۇق شەھەرنىڭ تۈرمىسىگە يۆتكىگەن بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇ تۈرمىلەردە قوشۇمچە مەجبۇرىي ئەمگەككە دۇچ كەلگەن بولۇشى مۇمكىنكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردىكى ئاز ساندىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق تۇتقۇنلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە قالغانلىرىنى ئاتالمىش سانائەت باغچىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتكەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 2023-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 3 مىليون 550 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرلۈك دېھقانچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا يۆتكىگەنلىكى، بىڭتۈەندە ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ھاشار ئەمگىكىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە «ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش، ئۇلارغا تۆلەم تۆلەش؛ بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرىنى بىكار قىلىش، ئىشچى يۆتكەش سىياسەتلىرىنى بىكار قىلىش» قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەرگەن. ئۇلار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك سىياسەتلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم ئەتكەسچىلىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى، قورال ئەتكەسچىلىكىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ خەلقئارا جىنايەت بولۇپ، ئىنسانلارنى ئالداش، مەجبۇرلاش، قورقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەمگەككە سېلىش، جىنسىي قۇل قىلىش، ھەتتا ئادەم ئىچكىي ئورگانلىرىنى سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن دوكلاتنىڭ تارقىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارالىق ئورگانلار، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلار ۋە شىركەتلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.