دولقۇن ئەيسا: «خىتايدىن ھېساب ئېلىشتا سوت بىلەن دىپلوماتىيەنىڭ ھەر ئىككىسى مۇھىم»

0:00 / 0:00

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولەك قاتارلىقلار ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئامېرىكانىڭ ئارگېنتىنانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارك ستەنلى (Mark R. Stanley) ئۇلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، بۇ قېتىم ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنۇلغان ئەرز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىق تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشتا ئوينايدىغان رولى قاتارلىقلار ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.

دولقۇن ئەيسا بۇ كۆرۈشۈش ھەققىدە تىۋىتتېردىن ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكانىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارك ستەنلى بىزنى بوئېنوس-ئايرىستىكى ئۆيىدە قىزغىن كۈتۈۋالدى، بىز قانداق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايدىن ھېساب ئالالايمىز دېگەن مەسىلىدە مۇزاكىرىلەشتۇق. دۇنيادا بىزنى قوللايدىغان دوستلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈش بىزنى بەكمۇ ئۈمىدلەندۈردى».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ باش ئەلچى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قانات بۇ كۆرۈشۈش ھەققىدىكى تەسىراتىنى تىۋېتتىردا بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە رەھمەت ئېيتقان ۋە: «ئارگېنتىنادىكى سوت ئارقىلىق خىتايدىن ھېساب سوراش تىرىشچانلىقىمىز داۋام قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ھەق-ئادالەت ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش پۇرسىتىمىز بولدى» دېگەن.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكانىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارك ستەنلىمۇ ئۆز ھېسابىدا ئىنگلىزچە ۋە ئىسپانچە تىۋىتتېر يوللاپ مۇنداق دېگەن: «بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش ئەھۋالىدىن تېخىمۇ كۆپ خەۋەردار بولدۇق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلىق شەرىپىنى قوغداش كۈرىشىگە داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «باش ئەلچى مارك ستەنلى بىلەن بولغان بۇ كۆرۈشۈش بۇ قېتىم ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنۇلغان ئەرزىمىز ئۈچۈن كۈچلۈك ئىلھام بولدى، بىزگە غەيرەت-جاسارەت بېغىشلىدى» دېدى.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات قاتارلىقلار يەنە ئارگېنتىنادىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلار ۋە يەھۇدىي زاتلىرىدىن رابى دىياگو ئاپرېل (Diego Ariel) بىلەن كۆرۈشكەن. دىياگو ئاپرېل ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى سوتقا تارتىشتا سوت بىلەن دىپلوماتىيەدىن تەڭ پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن بولغان ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سوتقا مۇداخىلە قىلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن سىياسىيونلار، ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە دىنىي داھىيلار بىلەن كەڭ ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارگېنتىنا ئۆز ۋاقتىدا ناتسىستلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ كەلگەن يەھۇدىيلارغا پاناھلىق بەرگەن دۆلەت بولۇپ، بۇ يەردىكى سوتمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلەشتە مۇستەقىل سوت ئاچالايدىغان ھوقۇققا ئىگە ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ قېتىم ئارگېنتىنادا پائالىيەت قىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇۋېتىپتۇ.