ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باياناتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.01.24
jenwe-namayish-4 نامايىش ئاخىرىدا تىبەت ۋە ئئۇيغۇر نامايىشچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.
RFA/Hebibulla Izchi

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا ئېچىلىۋاتقان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئۇنىۋېرسال قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى مىشېل تەيلور خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە 8 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش ئەلچى مىشېل تەيلورنىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىكىنىڭ تور بېتىدە ۋە باش ئەلچىنىڭ ئېكىس (X) ھېسابىدا ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، خىتايچە، تىبەتچە تىللاردا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.

ب د ت دىكى 45-نۆۋەتلىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى ئاخىرىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.
ب د ت دىكى 45-نۆۋەتلىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى ئاخىرىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.
RFA/Hebibulla Izchi

ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ ب د ت يىغىنىدا ئېلان قىلغان كۈچلۈك باياناتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتېر ئېرۋىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

پېتىر ئېرۋىن مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىستېمىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، شۇنداقلا خەلقئارا سەھنىلەردە خىتايغا قارشى بېسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ بۇ باياناتى تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گەرچە بۇ قېتىمقى يىغىندا نەتىجە بىز كۈتكەندەك بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينى ئەيىبلەيدىغان دۆلەتلەر سانىنىڭ ئېشىشى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ب د ت كۈچلۈك تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىزنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئوچۇق تىلغا ئېلىشى، بۇ قېتىم شىۋېتسارىيەنىڭمۇ بۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ تەكىتلىشى بىزنى تېخىمۇ ئۈمىدلەندۈرىدۇ! »

نامايىش ئۈچۈن ئەتىگەندە ميۇنخېندىن يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.
نامايىش ئۈچۈن ئەتىگەندە ميۇنخېندىن يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.
RFA/Hebibulla Izchi

‏باش ئەلچى مىشېل تەيلورنىڭ 8 تۈرلۈك باياناتىدا مۇنۇلار بايان قىلىنغان:

‏1. شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تىلغا ئالغان خالىغانچە قولغا ئېلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش؛

‏2. شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى ۋە چەت ئەللەردىكى شەخسلەرگە قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك سېلىش، نازارەت قىلىش ۋە تەھدىت سېلىشنى توختىتىش؛

‏3. ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى ياكى ئېتىقادىغا بولغان كەمسىتىشنى توختىتىش؛ تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

‏4. پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى قىيناش، تۇرالغۇ جايىغا ناھەق نەزەربەند قىلىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىش؛

‏5. شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش، تۇغۇت چەكلەش، تۇغماس قىلىۋېتىش، بالا چۈشۈرۈش ۋە ئائىلىلەرنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشنى توختىتىش؛

‏6. خوڭكوڭدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ياكى توپىلاڭ چىقىرىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قانۇنلىرىغا ئوخشاش مۈجمەل دۆلەت قانۇنلىرىنى بىكار قىلىش؛

‏7. خوڭكوڭ ۋە ماكاۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاياللار، ئەر-ئاياللار ھەمجىنس ۋە غەيرىي جىنسلىق ئىنسانلار، ئەمگەكچىلەر، شۇنداقلا دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

‏8. بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەتكە ب د ت نىڭ توسالغۇسىز ۋە ئەھمىيەتلىك زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇش.

ب د ت دىكى 45-نۆۋەتلىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى مەزگىلىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت ئالدىدىكى نامايىشچىلارغا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.
ب د ت دىكى 45-نۆۋەتلىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى مەزگىلىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت ئالدىدىكى نامايىشچىلارغا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.
AFP

‏باياناتتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «بىز شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى؛ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا، جۈملىدىن ئىچكى موڭغۇل، تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى؛ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنىڭ يوقىتىشى ۋە چەت ئەللەردىكى شەخسلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلارنى ئەيىبلەيمىز. »

ئامېرىكا باش ئەلچىسى مىشېل تەيلورنىڭ يۇقىرىقى 8 تۈرلۈك باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغان پېتېر ئېرۋىن يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ مەجبۇرلىشى ياكى مەنپەئەت بېرىشى بىلەن خىتاينىڭ پايدىسىغا بايانات بەردى. بۇلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تۇزىقىغا چۈشۈپ قالغان ياكى ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەردۇر. ھالبۇكى بىز بۇ قېتىم يەنە ب د ت غا ئەزا ئون نەچچە دۆلەتنىڭ خىتايغا قارشى ناھايىتى كۈچلۈك باياناتلارنى بەرگەنلىكىگىمۇ شاھىت بولدۇق. »

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىشېل تەيلور خانىمنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدىكى باياناتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكا باش ئەلچىسى تەيلور خانىمنىڭ ب د ت دىكى يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق تەكىتلىشى، خىتايغا بېرىلگەن بىر كۈچلۈك سىگنال، دېدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى مېشىل تەيلور خانىم ئۆزىنىڭ ئېكىس (X) تىكى شەخسىي ھېسابىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» دەپ يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.