ئامېرىكا قاتارلىق 9 دۆلەت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئورتاق باياناتىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئېلان قىلدى
2024.09.26
نۆۋەتتە جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 57-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش تېمىسى بولۇشنى داۋام قىلماقتا.
24-سېنتەبىر كۈنى مەزكۇر كېڭەشنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندىكى ئومۇمىي مۇنازىرىدە 9 دۆلەت ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى مەخسۇس ئورتاق باياناتىنى ئېلان قىلغان. ئورتاق باياناتنى ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مىشېل تايلور (Michèle Taylor) خانىم ئوقۇپ ئۆتكەن.
ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، لىتۋا، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئېلان قىلىنغان بۇ ئورتاق باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن:
مەن بۇ باياناتنى ئىككى يىل ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنازىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان يادرولۇق گۇرۇپپىلارغا ۋاكالىتەن ئوقۇۋاتىمەن. ئۇ باھالاش دوكلاتىدا ‹ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەمسىتىش خاراكتېرلىك ۋە خالىغانچە تۇتقۇننىڭ خەلقئارالىق جىنايەت، جۈملىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن، › دەپ بايان قىلىنغان ئىدى. . . ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تولۇق ئىسپاتلارغا تايانغان بۇ ئەندىشىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئورنىغا پاكىتنى رەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلمىدى».
ئورتاق باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن چىن دىلىدىن ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشقا؛ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شىنجاڭدا خالىغانچە ۋە قانۇنسىز يەرگە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە؛ يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئورنىنى دەرھال ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىخەتەر ئالاقە قىلىشى ۋە كۆرۈشۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىمىز.»
ئورتاق باياناتتا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ۋە ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەدھىيەلىنىش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان:
«بىز ئالىي كومىسسار ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ بۇ مەسىلىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى، مۇستەقىل خىزمەت قىلىشى ۋە بۇنداق باھالاشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە بۇنى قارشى ئالىمىز. بارلىق ئىنسانلارنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىش، ھەممىمىزگە پايدىلىق ۋە ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى.»
يىغىندا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى توماس ۋاگنىر (Thomas Wagner) ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىكى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ئىنتايىن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى قايتا تەكىتلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى تەۋسىيەلىرىگە ھەمدە يەنە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك».
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى باياناتىنىڭ تولۇق نۇسخىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى، كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، تەقىبلەش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي ئەركىنلىكلەرگە قارىتىلىۋاتقان چەكلىمىلىرىنى تىلغا ئالغان.
ئۇلار، خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى، ب د ت ئىرقىي كەمسىتىش ۋە قىيناشقا قارشى تۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق بارلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇئەسسەسەلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدا خىتاي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن «گۈلشەن ئابباس، ئەكبەر ئەسەت، راھىلە داۋۇت، خۇشتار ئەيسا، يالقۇن ئەيسا، تاشپولات تىيىپ ۋە ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى ئىلھام توختى شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋايىت» لارنىڭ ئىسىملىرى مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان.
ئومۇمىي مۇنازىرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز باياناتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەندە، ئامېرىكا ۋەكىلى مىشېل تايلور قايتىدىن سۆز ئېلىپ ئامېرىكانىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئۇ بۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بىز يەنە خىتاينىڭ تىبەتتىكى تىل ۋە مەدەنىيەت بېسىمىنى، خوڭكوڭدىكى ۋەدە قىلىنغان ئاپتونومىيەنى چەكلىشىنى ۋە شۇنداقلا يەنە دۆلەت ھالقىغان بېسىم ۋاسىتىسى ئارقىلىق چەت ئەللەردىكى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيمىز».
كېڭەشتىكى خىتاي ۋەكىلى چېن شۈ يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە «بۇ خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. خىتاي ۋەكىلى چېن شۈ ئۆزىنىڭ بىر قانچە دۆلەتكە ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىدە، «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي خىتابنامىسى ۋە شۇنداقلا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدۇر» دەپ سۆز قىلغان. ئۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلغان.
بۇ يىغىندا كۇبا ۋەكىلىمۇ خىتاينى ياقىلاپ سۆز قىلغان. ئۇ، «ئۆزىنىڭ 80 دىن ئوشۇق دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى» بايان قىلغان.
خىتاي ۋەكىلنىڭ ئارقىدىن سۆز ئالغان لىتۋا ۋەكىلى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نېگىزلىك پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان چەكلىمىلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىز خىتاينى شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز… رەئىس ئەپەندى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەل قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئەمەس. بىز بارلىق دۆلەتلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز.»
مەزكۇر ئومۇمىي مۇنازىرىدە لىتۋادىن باشقا يەنە، ياپونىيە، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئىرېلاندىيە، شىۋېتسارىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋەكىللىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇلار باياناتلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغىنىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە كونكرېت بىر ئىز قوغلاش خاراكتېرلىك ھەرىكەت بولمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تەۋسىيەلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يۇقىرىقى 9 دۆلەتنىڭ ئورتاق باياناتىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «بۇ باياناتلار خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي جاۋابكارلىققا تارتىلمىغۇچە ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقى ھەققىدە خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ» دېدى.