ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 1998-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت بەلگىلەش ئىشلىرىغا مەسلىھەت بەرگۈچى مۇستەقىل گەۋدە بولۇش سۈپىتىدە يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. بۇ خىلدىكى يىللىق دوكلاتتا ھەرقاچان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ شۇ بىر يىل ئىچىدە دىنىي ئەركىنلىك ھەقلىرىنى قايسى دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقى ئومۇمىييۈزلۈك باھالاپ چىقىلىدىغان بولۇپ، 2021-يىللىق دوكلاتمۇ مۇشۇ شەكىلدە تەييارلاندى.
108 بەتلىك ھەجىمدىكى بۇ يىللىق دوكلاتنى تەييارلاپ چىقىشقا مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسسارلىرى پائال ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى 26 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەقلىرىنى قايسى دەرىجىدە قوغدىغانلىقى ياكى ۋەيران قىلغانلىقى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلدى. يېڭى بايقاشلار، تەكلىپلەر ۋە مۇلاھىزىلەر بولسا تەتقىق قىلىش، گۇۋاھلىق ئۇيۇشتۇرۇش، يۈز تۇرانە سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئاساسىدىكى پاكىتلار بويىچە تەييارلاندى. بۇ يىللىق دوكلاتتا تەكشۈرۈش ئوبېكتى بولغان دۆلەتلەر ئاساسلىقى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە «ئالاھىدە ئەندىشىلىك دۆلەتلەر» قاتارىدا تەۋسىيە قىلغانلار بولۇپ، يەنە بىرى «ئالاھىدە كۆزىتىش تىزىملىكىگە قوشۇش» تەۋسىيە قىلىنغان دۆلەتلەر بولدى. بولۇپمۇ خىتاي، بېرما، شىمالىي كورىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىقلار سىستېمىلىق ۋە ئىزچىل رەۋىشتە داۋاملىق ھالدا «ئالاھىدە ئەندىشىلىك دۆلەتلەر» قاتارىغا تىزىلدى.
دوكلاتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بۆلۈكىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قايسى دەرىجىدە ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن پاكىتلار ۋە مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلدى. جۈملىدىن خىتاينىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دىنىي كىملىكنى دىنىي جامائەتنى باستۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىشى، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادىنى تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە باغلاپ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگىرلارغا قامىۋېلىشى، لاگىرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن سىرت لاگىر تۇتقۇنلىرىنىڭ زور كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، ئەمدىلىكتە دىنىي مۇئەسسەلەر بولغان مەسچىتلەر ۋە مازارلارنىڭ چېقىلىشىنى مەزمۇن قىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ يامراۋاتقانلىقى تەپسىلى ئورۇن ئالدى.
دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە مەخسۇس بايانلار بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تەدبىرلىرى، جۈملىدىن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» قارارىنى قوبۇل قىلىش، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا جاۋابكار خىتاي شىركەتلىرىگە، مۇئەسسەلىرىگە ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو قويۇش، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن لايىھىسى ماقۇللاش دېگەنلەرگە ناھايىتى يۇقۇرى باھا بېرىلدى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئىزچىل رەۋىشتە ئىجرا قىلىش، مۇمكىن بولسا بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپلەر سۇنۇلدى.
بۇ قېتىمقى دوكلاتتا بايدىن ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان تەكلىپلەردىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نى تولۇق ۋە ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئىجرا قىلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان ھەمدە باستۇرۇش ئوبېكتى بولۇپ قالغان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇش قىلمىشى داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنى ئۇلغايتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا كەسكىن چەك قويۇش، جۈملىدىن كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ كەشىنى توغرىلاش، «ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» گە ئوخشاش قانۇنلارنى تېزدىن ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلەندى.
بۇ يىللىق دوكلاتتا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىشى سەۋەبلىك ئۆز ماكانلىرىنى تاشلاپ چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ ئىلتىماسىنى تېزلەشتۈرۈپ بېجىرىش ھەققىدىكى تەكلىپمۇ مۇھىم ئورۇن ئىگىلىدى. بايدىن ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 15 مىڭ مۇساپىرغا پاناھلىق بېرىش ھەققىدىكى چەكلىمىنى 125 مىڭغا كۆپەيتكەن ھەمدە بۇنى 2021-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىشتا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان زىيانكەشلىكنىڭ بىۋاستە زىيىنىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار، روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ھەمدە ئىراق، سۈرىيە مۇساپىرلىرى قاتارلىقلارنى ئالدىن ئويلىشىدىغان گۇرۇپپىلار قاتارىغا ئېلىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قېتىم بۇ مەسىلىلەر يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلگەن ھالدا بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەرنى خاتا ھالدا قايتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق تەكلىپلەرمۇ ئورۇن ئالدى.
دوكلاتتا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، كومىسسار گەرىي باۋر ئەپەندى خىتاي ھەققىدىكى پىكرىنى ئىخچام قىلىپ بايان قىلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە خاس خۇداغا ئىبادەت قىلىشتەك ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۆزلىرىنى دۇنياۋى ئۈلگە ئورنىغا چىقىرىش ھەمدە باشقىلارغا تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كەسكىن تەنقىدلىدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامېرىكا ھالاك بولۇشقا مېڭىۋاتىدۇ» دېگەن چۈشەنچە بويىچە زالىملىقنى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ «ئامېرىكا ئىلگىرى ناتسىستلار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتلىرىنى بەربات قىلغان. بىزنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلاردىكى شىجائىتىمىز ھېلىھەم جايىدا. خىتاينىڭ خاتالىشىۋاتقانلىقى پات يېقىندا ئىسپاتلىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىللىق دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى سىياسەت تەدبىرلىرىنى قارار قىلىشىدا مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىكەن.