USCIRF خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى
2024.01.11
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، يەنى USCIRF يېقىندا يېڭى سىياسەت تەۋسىيە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ Hikvision يەنى خەيكاڭ شىركىتىگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلاشقان خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يېڭى دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، يالغۇز تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارا بولۇشنىلا تەلەپ قىلىش، سابىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لوبىيچىلارنى خىتاي خېرىدارلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىشتىن توسۇشتا يېتەرلىك بولمايدىكەن. دوكلاتتا، سابىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى Hikvision، يەنى خەيكاڭ شىركىتى ئۈچۈن لوبىيچىلىق قىلغانلىقى، ھالبۇكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەيكاڭ شىركىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىشىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك جازالىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئىلگىرى سابىق ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئانتونى موفېت، سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى دەيۋىد ۋىتتېر ۋە باربارا بوكسېرنى لوبىيچىلىققا ياللىۋالغانلىقى، باربارا بوكسېرنىڭ كېيىنرەك بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى دىنىي توپلارنى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى، خىتاي بىلەن ئالاقىسى بولغان باشقا كىشىلەرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى، تىبەت بۇددىستلىرىنى، فالۈنگوڭچىلارنى توختاۋسىز نازارەت قىلماقتا، پاراكەندە قىلماقتا ۋە قورقۇتماقتا» ئىكەن. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يامان غەرەزلىك سىياسىي لوبىيچىلىق پائالىيىتىنىڭ «دىنىي ئەركىنلىك ۋە كەڭ دائىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى» ، بۇ، ئامېرىكانىڭ «تېگىشلىك دىققەت بېرىشى ۋە ئەمىلى سىياسىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن. «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» نىڭ رەئىسى ئابراھام كۇپېر (Abraham Cooper) 10-يانۋار بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تاشقى سىياسەتتىكى باشقا جىددىي مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى، دائىم دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ چەتتە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابراھام كۇپېر مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى يېتەكچى كۈچ بولۇش سۈپىتىدە، ئۇنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىقتىسادىي شېرىكى بولغان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ئوتتۇرىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىدىغان، نىسبەتەن ئىجابىي مۇھىت يارىتىدىغان بىر پوزىتسىيەدە بولۇشى زېرىكىشلىك بولسىمۇ، مۇھىم. ئەمما دىنىي ئەركىنلىكنى، تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتقان بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىز بۇنىڭدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىمىز. چۈنكى، بىخەتەرلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى سىياسەتتە ئالدىنقى ئورۇندا باشقا مەسىلىلەر دائىم دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنىڭ بىر چەتتە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» .
ئابراھام كۇپېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ نەتىجىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدىكى تەنقىدلەرگە پىسەنت قىلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئابراھام كۇپېر: «بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مەيلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىشىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى ھەقىقىي رەۋىشتە دىققەتكە ئالمايۋاتىدۇ. شۇڭا، دېموكراتىك دۆلەتلەر زۆرۈر بولغان جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا ھالقىلىق تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشنى كونترول قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشى تەلەپ قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تېخنولوگىيەلىك ئىستىبداتلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېتەكچى رول ئويناۋاتقان بولۇپ، «ئەقىللىق شەھەر» تېخنولوگىيەسىنى ئەسەبىيلىك بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق خىتايدا كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئېلىپ بارماقتىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نازارەت تېخنىكىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتە خىرىستىيان ۋە فالۈنگوڭچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي گۇرۇپپىلارنى نىشانغا ئالماقتا. ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەت رايونى بولغان شىنجاڭ بىلەن تىبەتتە، بۇ خىل تېخنولوگىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى، تىبەت بۇددىستلىرىنى شىددەتلىك باستۇرۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ كەلدى. باستۇرۇشتا مىليونلىغان ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالدى، تەن جازاسى، باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە بالا چۈشۈرۈشكە ئۇچرىدى».
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابراھام كۇپېرنىڭ 10-يانۋار رادىيومىزغا تەكىتلىشىچە، خىتاي تېخنىكا ئىستىبداتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
ئابراھام كۇپېر مۇنداق دەيدۇ: «نۇقتىلىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق ساھە-خىتاينىڭ تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ، تېخنىكا ئىستىبداتلىقىنى يولغا قويۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە يېتەكچى رول ئويناۋاتقانلىقىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، دۆلەت سىرتىدىمۇ سۈنئىي ئەقىل، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، بىيولوگىيەلىك ئۇچۇر يىغىش، چىراي، يۈرۈش-تۇرۇش، ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹ئەقىللىق شەھەر› تېخنولوگىيەسىنى ئەسەبىيلىك بىلەن يولغا قويۇپ كەلدى. (دائىرىلەر) بۇ ئارقىلىق پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا نازارەت ئېلىپ بېرىپ، خىرىستىيانلارنى، فالۈنگوچىلارنى ۋە ئۇيغۇر، تىبەتلەر قاتارلىق ئېتنىك-دىنىي گۇرۇپپىلارنى نىشانغا ئالماقتا».
ئابراھام كۇپېرنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي «ئەقىللىق شەھەر» نامىدىكى تېخنىكا ئىستىبداتلىقىنى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە ئېكسپورت قىلماقتىكەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى، پىرېزىدېنت بايدېن ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سان-فرانسىسكودا ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ‹مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش› قا كېلىشكەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يۇمشاشقا قاراپ مېڭىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدىكى پىكىرلەر «ھەقلىق ئەندىشىلەر» ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن 11-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا «نورمال دۆلەت» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ھازىرقى لوبىيچىلىق قانۇنى خىتايدەك «بىنورمال دۆلەتلەر» نىڭ پائالىيىتىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمەيدىكەن. ئۇ، بۇ نۇقتىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ لوبىيچىلىق پائالىيىتىنى توسۇش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنلارنى چىقىرىشىنىڭ بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆزىنىڭ 6 بەتلىك سىياسەت تەۋسىيە دوكلاتىدا، سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشى، بىخەتەرلىك قاتارلىق تاشقى سىياسەتتىكى جىددىي مەسىلىلەر، شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنى «مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش، خىتاي بىلەن بولغان ئورتاق مەنپەئەتتىكى ھالقىلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشى» كۆپ ھاللاردا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنىڭ چەتتە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ شېرىك دۆلەتلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن خىتاينىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا بەزى جىددىي ھەرىكەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغانلىقىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
دوكلاتتا، خىتايغا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش، خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ بېكىتىش، پىكىرداش دۆلەتلەر بىلەن خىتاينى ب د ت دا تەنقىدلەش، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىش قوللىنىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە بولغان خىتاي ئاگېنتلىرىنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش قاتارلىق بەزى جىددىي ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.