ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 21-سېنتەبىر گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ خىتاي قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى سالمىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ ھاۋا كىلىمات ۋەدىسى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىت قوغداش خىزمىتىدىكى رولى، تىبەت دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت خىرىسى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھاۋا كىلىمات جەھەتتىكى ھەمكارلىق پۇرسىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ خىتاي قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى سالمىقى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ پۈتۈنلەي مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«خىتاينىڭ مۇھىت خىرىسى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىنكاسى» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنىغا دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىنىڭ بىرى بولغان جېف مېركىلېي رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مۇھىت قوغداشتا بەزى ئىجابىي قەدەملەرنى باسقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىستىبداتلىق خاراكتېرى كىشىلەرگە تراگېدىيەلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان.
جېف مېركىلېي مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي يېڭىلاشقا بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆتۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتا ياردەمچى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغان ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغىمۇ يېتەكچىلىك قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بەزى ئاممىۋى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيىتىگە يول قويغاندەك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزنىڭ كومىتېتنىڭ سىياسىي مەھبۇسلار سانلىق ئامبىرىدىكىلەرگە قىلغاندەك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى پاراكەندە قىلىش، تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. خىتاي مۇھىت قوغداشتا ئىجابىي قەدەملەرنى ئالغان تەقدىردىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىبداتلىق ماھىيىتى تراگېدىيەلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلدى».
جېف مېركىلېينىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىغا ئوخشاش يېڭىلاشقا بولىدىغان ئېنېرگىيەگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، بىراق بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش بەدىلىگە كەلمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
ئۇ: «دۇنيا ئىقتىسادى قانچە تېز بولسا شۇنچە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىغا ئوخشاش يېڭىلاشقا بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بىراق بىز بۇنىداق قۇل ئەمگىكىگە تايانساق بولمايدۇ. بىز قۇياش ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان مۇقىم تەمىنات زەنجىرىگە كۆچۈشىگە ياردەم قىلىشقا ئېھتىياج. بۇ تەمىنات زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى قىلىشقا ئېھتىياجلىق. بۇ دېگەن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى قۇرۇش، ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى تېز ماقۇللاش، پرېزىدېنت دەرھال ئىمزا قويۇپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر» دېدى.
«خىتاينىڭ مۇھىت خىرىسى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىنكاسى» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنى، بايدېن ھۆكۈمىتى ھاۋا كىلىمات مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىق يوللىرىنى ئىزدەۋاتقان، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئالدىنقى شەرت قوشۇپ، خىتاينى تەھدىت، دەپ قارىماسلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالماسلىق، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويۇلغان ئېمبارگونى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتىك ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسىنىڭ بىرى جېيمىس مىكگوۋېرن، خىتاينىڭ كىلىمات ھەمكارلىقىغا ئالدىنقى شەرت قويۇشىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەشتىن ۋاز كېچىشكە قىستاشتىكى بىر تاكتىكا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىكگوۋېرن مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ھاۋا كىلىمات ھەمكارلىقىنى باشقا مەسىلىلەر بىلەن باغلاپ، بولۇپمۇ ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىشنى توختاتمىسا ھەمكارلىقنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىتتە بولغان. بۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنى يوقىتىشقا ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قاماشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى توختىتىشنىڭ بىر تاكتىكىسىدەك قىلامدۇ؟»
جېيمىس مىكگوۋېرننىڭ قارىشىچە، كىلىمات مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك. ئۇ: «بىز بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. مۇھىت مەسىلىسىدىكى تەرەققىيات ھەرقانداق دۆلەتنىڭ دۆلەت خاراكتېرلىك ۋە يەرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا باغلىق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىلىمات ۋەدىسىگە مەركەزلىشىش خىتايدا قانداق ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزىتىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك» دېدى.
گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئامېرىكادىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى خىتاي مۇھىت مۇنبىرىنىڭ دىرېكتورى جېننىفېۋر تېرنېر، مىدېلبۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي پەنلەر دوتسېنتى قەسىكا تېتىس، كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە پەنلىرى پروفېسسورى ئەمىلى يېھ، ئەنگلىيەدىكى شېفېلت ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى خەلېنا كېنىدىي مەركىزىنىڭ تەمىنات زەنجىرى ئانالىزچىسى نيۇرولا ئەلىما گۇۋاھلىق بەردى.
نيۇرولا ئەلىمانىڭ يىغىندا ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى تەمىنات زەنجىرى پۈتۈنلەي مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدىكى قۇياش ئېنېرگىيە سانائىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئوچۇق. چۈنكى، 95 پىرسەنت قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ ماتېرىيالى پولى كرىمنېيغا تايىنىدۇ. 2020-يىلى دۇنيادىكى پولى كرىمنېي ماتېرىيالىنىڭ 75 پىرسەنتىنى دېگۈدەك خىتاي ئىشلەپچىقارغان……. شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ شىركەتنىڭ ئۆزىلا قۇياش ئېنېرگىيەسىگە كېرەكلىك پولى كرىمنېي ماتېرىيالىنىڭ 45 پىرسەنتىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. رايوندىكى ئەڭ چوڭ پولى كرىمنېي ئىشلەپچىقىرىدىغان خۇشېن شىركىتى دۆلەتنىڭ ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقان. شىنجاڭدىكى داكو، TBEA, شىنجاڭ GCL ۋە ئېست خوپ قاتارلىق تۆت شىركەتنىڭ ھەممىسىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىق ياكى بۇنىڭغا ئۇلارنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ قاتناشقانلىق خاتاسى بار».
نيۇرولا ئەلىما شۇ كۈنى يەنە مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ھەققىدىكى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى قۇياش ئېنېرگىيە سانائىتىگە دائىر گەۋدىلەندۈرمەكچى بولغان نۇقتىلىرىمنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شۇ نۇقتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلدىم. 3-تەرەپ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بىزگە شۇنىسى مەلۇم، ئەگەر بىرى نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ قويسا، مەيلى ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ئۇدۇل لاگېرغا يوللىنىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس».
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ يىغىندا يەنە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، خىتايغا قارىتا داۋاملىق قاتتىق قول بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان.
ئۇ: «شۇڭا، مېنىڭچە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا قاتتىق قول سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى ھەرقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى تەمىنلىمەسلىك كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. مەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا بىلدۈرمەكچى بولغان يەنە بىر مەسىلە، رايوندىكى قۇش ئېنېرگىيە تەمىنات زەنجىرىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسىدۇر. مەن يىغىندا ئېيتقاندەك بۇ شىركەتلەر كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغان. ئامېرىكا مەبلىغىنىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىشىپ، خىتايدىن باشقا رايونغا يۆتكىشىنى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمەن».
يىغىندا بەزى بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ مۇھىت مەسىلىسىدىكى ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئۇنىڭ كىلىمات ساھەسىدە ھەمكارلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سوۋازى بۇنىڭغا قارشى چىقتى.
تام سۇۋازى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىدىم. بىز سۆزلەشكەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن كۆپ كىشىلەر بار. ئۇ يەردە پۇقرالار مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامىلىپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان. كىشىلەر بۇنى ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت، دەپ سۈرەتلىمەكتە. مەن بۇنىڭدەك تېخنىكا ئئوغرىلىغان، خوڭكوڭدا كىشىلەرنى قولغا ئالغان، تىبەتلەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ناچار ئاكتىيورلارنى كۆرسەم، ئۇلار كىلىمات ئۆزگىرىشىدە ياخشى ئىش قىلسىمۇ ئىجابىي باھا بەرمەيمەن».
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى ب د ت نىڭ دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى كېلەر ئاي ئەنگلىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا چاقىرىلدى. 31-ئۆكتەبىر كۈنى باشلىنىدىغان يىغىنغا ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيە ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.