13-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتې ھوكسىترا ئەپەندى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلىغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم باش ئەلچى پېتې ھوكسترا ئەپەندىنىڭ شۇ كۈنى دېڭىز ساھىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دالا پائالىيىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى، كەچقۇرۇن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، 13-ئىيۇل كۈنىدىكى بۇ ئۇچرىشىش پائالىيىتىنى گوللاندىيەدە يېڭىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» بىلەن «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» تەشكىللىگەن ئىكەن.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ باشلىقى ئابلەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار دېڭىز ساھىلىدىكى ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان. پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن ئاۋۋال «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېزىلغان تەشەككۈر خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. بۇ خەتنى مەزكۇر جەمئىەتنىڭ ئەزاسى، گوللاندىيەدە قانۇن پەنلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئەخمەتجان ئوقۇپ بەرگەن.
تەشەككۈر خېتىدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يېقىندا ئامېرىكادا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا بولغان مىننەتدارلىقى بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىغا بولغان ئۈمىد ۋە ئارزۇلار ئىپادىلەنگەن.
تەشەككۈر خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، باش ئەلچى پېتې ھوكسىتىرا ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان. پېتىر ھوكسىتىرا ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى نەق مەيداندا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
باش ئەلچى پېتې ھوكسىتىرا ئەپەندى ئامېرىكانىڭ يېقىندا ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇ خىل قانۇن لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پېتې ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «دانولد ترامپ ئەپەندىنىڭ ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› نى ئىمزالىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن ھەم ناھايىتى مەمنۇنمەن. ئامېرىكاغا ئوخشاش گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مەن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇپ، يېقىن دوستلۇق ئورناتقان ئىدىم. مەن بۇ يەردە ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىنى قوللايمەن، مېنىڭ ۋەزىپەممۇ شۇ. بۇ نۇقتىدا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن ماقۇللىشى ئۈچۈن ھەمكارلىق قىلىۋاتىمىز. ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە ئۆز ئەنئەنىلىرى بويىچە ئېزىلگەن خەلقلەر ۋە ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان مىللەتلەرنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ. بىز بۇ خۇسۇستا زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىمىز.»
ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ 12-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى گوللاندىيە پايتەختى ئامېستېردامنىڭ دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدىكى فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇ ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ پائالىيىتىنى ماختىغان، سورۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىغان، ئۇلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامېستېردامدىكى دام مەيدانىدا 2 يىلدىن بۇيان يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىمۇ 14-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 12-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا باش ئەلچىسى پېتې ھوكسترا ئەپەندىنىڭ دام مەيدانىدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامىرىكانىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتې ھوكسىتىرا ئەپەندىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاممىۋى پائالىيەتتە تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.
«گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇراھمان ھاجىم ئامېرىكا باش ئەلچىسى پېتې ھوكسىتىرا ئەپەندىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاممىۋى پائالىيەتتە ئۇچرىشىشىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.