سوئال: سىزنىڭ ئىككى ھەپتە ئالدىدا گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىشىڭىزغا نېمە تۈرتكە بولدى؟
جاۋاب: مەن گوللاندىيەگە كەلگەندىن بۇيان بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى توغرۇلۇق ئازراق خەۋەر تاپقان. ئەلۋەتتە، مەن ئۆزۈمنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان ئىشلىرىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق خەۋەر تاپقانىدىم. ئەمما، بۇ مەسىلە (ئۇيغۇر مەسىلىسى دېمەكچى) ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە ئوخشاش قارايدىغان بىر مەسىلىدۇر. خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشتە (بىز گوللاندىيە بىلەن) مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ تۇرالايمىز. دېمەك، بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، بۇنداق قىلىشىمىز ھەق. ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مىللەت، زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئېتىقادچى خەلق. بۇ مەسىلە دەل ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە بىر ئىش قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.
سوئال: ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغاندا نېمىلەرنى دېدىڭىز؟
جاۋاب: بىز، «ئامېرىكا سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى قوللايدۇ، (گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر) جەمئىيىتىنىڭ بىخەتەر ھەم خاتىرجەم تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈنلەرنى توختىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. بۇلار ئامېرىكا پرېزىدېنتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، شۇنداقلا ئىككى پارتىيەلىك دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكاغا قارايدىغان بولساق، بۇ دۆلەتتە گەرچە ئىختىلاپلار بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىرلىككە ئىگە: جۇمھۇرىيەتچىلەر، دېموكراتلار، مۇستەقىلچىلەر، دۆلەت مەجلىسى ۋە ئىجرائىي تارماقنىڭ پرېزىدېنتى، ھەممەيلەن ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ناھەقچىلىكنى توختىتىشنى قوللايدۇ ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن داۋاملىق گەپ قىلىدۇ.
سوئال: زىيارەتتە بولغاندا، سىز خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتىڭىز. بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېردا تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقلۇقىغا ئۈچ يىل ياكى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق بولدى. سىز ئۇلارنى ئاڭلىغاندا قايسى ئىشلار سىزگە تەسىر قىلدى؟
جاۋاب: شۇنداق، بۇ يەردە ھەر شەخسنىڭ بىر ھېكايەسى بار. مەسىلەن، مەن دالا پائالىيىتىگە بېرىشتىن 10 كۈن بۇرۇن ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇ شۇ يەردە ئىدى، ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتۇق. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇنىڭدا يىللاردىن بېرى ئالاقىلىشەلمىگەن (زادى قانچە يىل بولغىنىنى پەرەز قىلالمىدىم) 17 نەپەر ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ رەسىمى بار ئىدى. بۇ بىر تراگېدىيە. ئەمما ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى، مەن دالا پائالىيىتىگە قاتناشقاندا جەمئىي 40تەك كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر توپ ئۇيغۇر بار ئىدى. مەن «قانچىڭلارنىڭ شەخسىي ھېكايىسى (تراگېدىيەسى) بار؟ قانچىڭلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلار بىلەن ئالاقىلاشالمايۋاتىسىلەر؟ قانچىڭلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكى، قانداق بولۇپ كەتكىنىنى بىلمەيسىلەر؟» دېگەن سوئالنى سورىسام، ھەممىسى قولىنى كۆتۈردى. مەن كونگرېستا ئىشلەپ بۇنداق سوئاللارنى سورىسام، بىر توپ كىشىلەرنىڭ يېرىمى ياكى بولمىسا ئۈچتىن بىرى قولىنى كۆتۈرەتتى. ئەمما ھەر بىر ئادەم قولىنى كۆتۈردى. ھەممىسىنىڭ شەخسىي تراگېدىيەسى بارلىقى خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئومۇملىشىپ كەتكىنىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سوئال: سىزنىڭچە، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق ياردەم قىلالايدۇ؟
جاۋاب: ئۇلار «دەردىمىزنى باشقىلار ئاڭلىسا، ئامېرىكا بىزگە كۆڭۈل بۆلسە» دەيدىغۇ دەيمەن. ئۇلارغا ئەڭ ئالدى بىلەن كۆرسەتكىنىمىز شۇ ئىدى. بىز تارىختا بۇنداق تراگېدىيەلەرنى جىق ئاڭلىغان، تۈرمىدە يېتىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بەزىلەر «ئامېرىكا بىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىمىز ۋە بېشىمىزغا نېمە ئىش كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بىزگە ياردەم قىلىپ تۇرىدىكەن، بىزگە بۇنىڭ نەقەدەر چوڭ ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلەپ بولالمايمىز» دېگەندەك گەپ قىلىپ بېرىدۇ. بىزمۇ شۇنى دەيمىزكى، ئامېرىكا سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشتىن خەۋەر تاپتى، سىلەرنى قوللايمىز، سىلەرنى ئۇنتۇمايمىز. ئاندىن يەنە بىر گەپ، مەيلى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا سەۋەبچى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشتە بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتا رول ئوينىغان كومپارتىيىگە جازا يۈرگۈزۈشتە بولسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىشىمىز توغرۇلۇق گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپادىكى قوللىغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا جاۋابكار بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق سىگنال بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
سوئال: سىز باياتىن ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوخشاش پىكىردە، دېدىڭىز، ئەمدى، سىزنىڭچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، گوللاندىيەگىلا ئەمەس، پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ دەپ قارايمەن. باش ئەلچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مەسىلىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئاڭلىتىش خىزمەت دائىرەمگە كىرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ ئۇ يەردە (ياۋروپا ئىتتىپاقىدا) رونالد گىدۋىتس دەپ بىر ئەلچىمىز بار، بىز دەنھاگدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بىلەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتىمىز. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بىرىنچى بولۇپ ئويلىشىدىغان ئىش توغرۇلۇق ۋەزىپە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ دېيىشىمىز. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدە ۋاشىنگتوندىن يوليورۇق ئالىدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا مەنچە بۇ ئىشنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان بىر ئىش دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك، بۇ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ ئۆز پىلانى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر ئىشتۇر.
سوئال: ئامېرىكا ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا كىرىشتى دېسەك، سىزنىڭچە قانداق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغاندۇ؟ بۇ سوئالنى بەلكىم سىزدىن سورىمىساممۇ بولاتتى.
جاۋاب: ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان سىياسىتى ۋاشىنگتوندا بېكىتىلىدۇ. گوللاندىيەدە دەنھاگدىن، ياۋروپادا بىريۇسسېلدىن بېكىتىلىدۇ. مەن باياتىن دېگەندەك، بىزنىڭ، ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتا رول ئوينىغان شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزۈش، ھۆكۈمەتكە يەنى كومپارتىيىگە جازا يۈرگۈزۈش دېگەندەك چارىلىرىمىز بار. ۋاشىنگتون بىلەن دەنھاگ بۇ مەسىلىنى ب د ت ۋەياكى باشقا خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ تونۇتۇش ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىگە كۈچلۈك بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆز قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىشى مۇمكىن.
سوئال: ئاخىرقى سوئالىم، يېقىندا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نوپۇس قىرغىنچىلىقى دەپ باھالاشسا، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەپ باھالاشقا باشلىغان. سىزچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى جىسمانىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ كېتىپ قالسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي پىلان تۈزەرمۇ؟
جاۋاب: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكى توغرۇلۇق قارار چىقىرىدۇ. گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. بىراق، بۇ قارارنىڭ ۋاشىنگتوندا داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىغىغا ئىشىنىمەن.
0:00 / 0:00