ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچى نامزاتى نىكولاس بۇرنس: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىتىلىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

20-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىتىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە نامزات كۆرسەتكەن پىشقەدەم دېپلومات نىكولاس بۇرنس ئەپەندىنىڭ ۋەزىپىگە لاياقەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى باھالاش مەقسىتىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىننى بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب مېنىندېز باشقۇرغان.

يىغىندا مەيلى سىېناتورلارنىڭ باياناتلىرى، مەيلى ئەلچى نامزاتى نىكولاس بۇرنىسنىڭ باياناتى ۋە ياكى سېناتورلارنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋاب قىسىملىرىدا بولسۇن، خىتاي تەھدىتى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇھىم سۆزلەر بولغان.

يىغىندا ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرى بوب مېنىندىز ۋە جىم رىش بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلغان. بوب مېنىندىز مۇنداق دېگەن:

«2021-يىلدىكى خىتاي 1971-يىلدىكى خىتاي ئەمەس، ھەتتا 2011-يىلدىكى خىتايمۇ ئەمەس. خىتاي بۈگۈن ئامېرىكاغا جەڭ ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دېپلوماتىيە قاتارلىق ھەر ساھەدە مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ھەتتا دۇنيانى باشقۇرۇشنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۈگۈنكى كۈندە شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى ۋە ئۇنىڭ ھەددىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك ئاساسىدىكى خىتاي، ئىلگىرى بىز بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇچ كەلگەن ھېچقانداق رىقابەتكە ئوخشىمايدۇ.»

بوب مېنىندىز سۆزىدە ئامېرىكانىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك تەھدىتلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالمىغانلىقىنى، نەتىجىدە بۈگۈن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە زومىگەرلەرچە سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ زور جاسارەت بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«نەچچە ئون يىل مابەينىدە، بىز خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىر دائىرىسىنى، زومىگەرلەرچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى، قوشنا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ئىگىلىك ھوقۇق دەتالىشىنى، ئۇنىڭ تەيۋەنگە خىرىس قىلىشىنى، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسىنىڭ تارمار قىلىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى، ئۆز خەلقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالالمىدۇق. شۇڭا خىتاي بۈگۈنكى كۈندە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، يەنىمۇ زور ئاكتىپچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن قىلمىشلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

بوب مېنىندىز ئەپەندى بېكىتىلگەن ئەلچىنىڭ چوقۇم بېيجىڭنىڭ مۇددىئاسى ۋە ھەرىكىتىنى ئېنىق كۆزىتىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئارقىدىن مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئاز سانلىقلار رەئىسى جىم رىش سۆز قىلغان. جىم رىش سۆزىدە ئالدى بىلەن خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تەيىنلەشنىڭ بۇ كومىتېتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكاغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتى ۋە ھەرىكىتى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە، بولۇپمۇ ھىندى-تىنچ ئوكياندا ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشى، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىگە تەھدىت پەيدا قىلماقتا» دېگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھازىر-بىز چوقۇم جىددىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ئامېرىكانىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق تاشقىي سىياسىتىمىز بولۇشى كېرەك. بۇرنىس ئەپەندى ئەگەر سىزنىڭ باش ئەلچىلىكىڭىز مۇقىملاشسا، ئۇ ھالدا سىز بۇ رىقابەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولىسىز.»

ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتىدىغان تاشقىي سىياسەتلىرىنىڭ مۇھىم نوقتىلىرىنىڭ تۆۋەندىكىلەر بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

«بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى رايونلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ مەنپەئەتىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان يادرو قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. . . خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتىۋاتقان زوراۋانلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بىز يەنە خىتاينىڭ بىئولوگىيەلىك قورال تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىشىمىز، بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىمىزنى ئېھتىيات بىلەن قىلىشىمىز كېرەك. . . ئىككىنچىدىن، خىتايدىكى دېپلوماتىك پائالىيەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ مەقسىتىنى ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي جەھەتتە بىز تەمىنلەش ھالقىسىدىكى يوچۇقلارنى ھەل قىلىشىمىز، بولۇپمۇ تېخنىكا ۋە سەھىيە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى خىتايدىن يۆتكىشىمىز كېرەك. . . . ئەلۋەتتە، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىزنىڭ خىتاي سىياسىتىمىزدە داۋاملىق مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىنى ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئارقىدىن خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچى نامزاتى نىكولاس بۇرنس سۆز قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:

«تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىمىز بىللىنكېن مارتتا ئېيتقىنىدەك، ئامېرىكانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ گېئو-سياسىي سىناقتۇر. . . بىز خىتاي بىلەن كېلىمات ئۆزگىرىشى، سەھىيە ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش قاتارلىقلاردا ھەمكارلىشىمىز كېرەك. ئەمما بىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭنىڭ بىزگە پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەتلەرگىمۇ تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. خىتاي بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ۋە مەنپەئەتىمىزگە زىت ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتىدۇ.»

ئۇ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ چوقۇم شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي تەھدىتلىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىشىپ، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكياننى قوغدىشىمىز كېرەك، جۈملىدىن ئامېرىكانىڭ 21-ئەسىر تېخنىكاسىدىكى سودا ۋە ھەربىي ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك.»

نىكولاس بۇرنس ئەپەندى سۆزى داۋامىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىمۇ تىلغا ئېلىپ يەنە مۇنۇلارنى دېگەن:

«خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تىبەتتىكى دەپسەندىچىكلىكلىرى، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسى ۋە ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ھەمدە تەيۋەنگە قارىتىۋاتقان زومىگەرلىكى چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك.»

نىكولاس بۇرنس ئەپەندى سۆزىدە ئامېرىكانىڭ چوقۇم كەسكىن دېپلوماتىيىنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى، شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى، ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈشى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ئۆز كۈچىگە، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىگە ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ئامېرىكانىڭ چوقۇم ئىقتىسادىي ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، يېڭى زاماندىكى سوغۇق ئۇرۇشتا خىتايدىن ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكادا ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر يىغىن ئىككى سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسىمىدا بۇرنس ئەپەندى كۆپ قېتىم ئامېرىكانىڭ تەيۋەن دېموكراتىيەسىنى قوغدىشى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشى، خىتاينىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن نىكولاس بۇرنس پىشقەدەم دېپلومات بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان ئىكەن. نۆۋەتتە بۇرنىسنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان مەجلىس ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.