ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

2024-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى (دۈشەنبە) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان زۇلۇملار قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن (Antony Blinken) مەزكۇر دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھۆججەتلىرى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى داۋام قىلماقتا.»

دوكلاتنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى بۆلۈمىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باشقا زۇلۇملار دەلىللەر بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىنغان. دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا دۈشەنبە كۈنى مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ 24-ئاپرېلدىن 26-ئاپرېلغىچە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات دۇنياۋى ئاخباراتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە دۈشەنبە «بىلىنكىن خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى» دېگەن باش تېمىدا خەۋەر بەردى. ئۇلار خەۋىرىدە بىلىنكىن 2021-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى قارارىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئالاقىدە نۇقتىلىق مەسىلە بولماي كەلگەنلىكىمۇ تەكىتلەنگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر دوكلاتقا مۇنداق باھا بەردى: «ئادەتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى مارتتا ئېلان قىلىپ كەلگەن يىللىق دوكلاتىنىڭ بۇ قېتىم كېچىكىپ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ باشلىنىش ئالدىدىكى خىتاي زىيارىتى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما بىلىنكېننىڭ دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلىگەن بايانلىرى خىتاينى بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى بۇ بايانلار ھازىرقى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇ بايانلار پىرېزىدېنت بايدىن تەرىپىدىنمۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان تەكرارلىنىپ كەلمەكتە. دېمەك، بۇ ئاشكارا ھالدا خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بىز كونكرېت قەدەملەرنىڭ ئېلىنىشىغا موھتاجمىز. »

سوفى خانىم ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«مەن بىلىنكېننىڭ بۇ زىيارىتىدە بۇ ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن تەڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىشىشى ئۈچۈن كونكرېت قەدەم ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشى بەكمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىش، شۇنىڭدەك بۇ جىنايەتتە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىق ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش ئوخشاشلا مۇھىم. ئۆتكەن ئايدا ما شىڭرۈي رايوندا ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ خىل جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللانمىغاندا ئۇنىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەنلىك بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى، مەدەنىيىتى تەھدىت ئاستىدا بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى ئاستىدا تۇرماقتا. »

سوفى رىچاردسوننىڭ پىكرىچە، مۇشۇنداق بىر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارادا قوللاشقا ۋە بۇ ھەقتە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشقا يول ئاچقاندا تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ساھەسىدىمۇ تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش زۆرۈر.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق دوكلاتىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن مۇھىم نۇقتا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەخسلەرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە قىيناققا دۇچار بولۇشى، شۇنىڭدەك لاگېرغا قاماش تەدبىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق پىلانلىغان ۋە ئىجرا قىلغان قىلمىشلار ئىكەنلىكى ئېنىق بايان قىلىندى. مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا بۇ جىنايەتلىرىنى ھازىرمۇ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش، جىنسىي خورلۇق، كۆلەملەشكەن مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى قاتارلىقلار تەپسىلىي مىساللار ۋە پاكىتلار بويىچە شەرھلەنگەن.

دوكلاتتا لاگېر تېشىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، جازا لاگېرىدىن ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي قازا قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ. بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا 2023-يىلى 7-ئايدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى تۇمشۇق تۈرمىسىنىڭ قۇربان ھېيتتىن ئىلگىرى كەم دېگەندە 26 ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانلىقى، 2017-يىلى قولغا ئېلىنغان ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەشەببۇس قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ 2022-يىلى 12-ئايدا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي قازا قىلغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ مەزمۇنلىرىدىن لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نازارەت قىلىش، پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئوبرازىنى غەرەزلىك ھالدا خۇنۈكلەشتۈرۈش، دىنىي جامائەتنى قالاقلىقتا ئەيىبلەش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى قاتارلىقلارغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىلدىكى زۇلۇملار جۈملىسىدىن بولغان تەھدىت سېلىش ۋە باشقا قىلمىشلارنىڭ ھازىر ئاللىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ، ئەركىن دۇنيا تۇپراقلىرىدا يامراۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ قالغانلىقىمۇ تەپسىلىي شەرھلەنگەن.

«كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» نىڭ پائالىيەت ئىشلىرى دىرېكتورى لاۋرا خارت (Laura Harth) مەزكۇر دوكلات ھەققىدە رادىيومىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ سەھىپىسى خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بىلەن ئېچىلدى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. بىز بۇ تەكرار باھالاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمىز، بولۇپمۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاي كومپارتىيەسى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىككە داۋاملىق كۆز يۇمۇۋالغان بىر شارائىتتا بۇ تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتنى ۋە دوكلاتنى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا ئاشكارا ئېلان قىلىشى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچۈن ئۆزى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ياكى باسۇرۇپ قويماسلىق ھەققىدە ئېنىق سىگنال بولغۇسى.»

لاۋرا خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ دوكلات ۋە باھالار خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپلا قالماستىن يەنە چەتئەل تەۋەسىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنى قوغداشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا بۇ دوكلاتنىڭ ۋە باياناتلارنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشى تېخىمۇ مۇھىم. نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئالماقتا.