ئامېرىكانىڭ لوس-ئانژېلىس شەھىرى ۋە ئاۋسترالىيەدىمۇ «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

6-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكانىڭ غەربىي قىرغىقى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زور نامايىشىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس-ئانژېلىس شەھىرىگە يىغىلىپ، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ناملىق نامايىش ئۆتكۈزگەن.

بۇ نامايىشقا غەربىي قىرغاقتىكى ئۇيغۇرلار، ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار، خرىستىيانلار، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىك، خوڭكوڭلۇق ۋە ۋېيتناملىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، 250 دەك ئادەم قاتناشقان. سان-فرانىسكو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 5 سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، بۇ نامايىشقا قاتناشقان.

بۇ نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى، كالىفورنىيەدىكى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لوس-ئانژېلېستىكى نامايىش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.

6-ئاپرېل كۈنى يەنە ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى بىلەن مېلبورندىكى ۋىكتورىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا مېلبورن شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مېلبورندىكى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار مېلبورن شەھىرىدە 6-ئاپرېل كۈنى زور نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىش جەريانىدا يەنە ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان. نامايىش جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلغان.

نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشقا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئاۋسترالىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئىلمىي خادىملار، تەشكىلاتچىلار، يازغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، كۆپ ساھە كىشىلىرى قاتناشقان.

نامايىش جەريانىدا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ۋىكتورىيە ئىسلام بىرلىكىنىڭ رەئىسى ۋە باشقا ھەر ساھەدىكى يېتەكچى كىشىلەر نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇلار بىردەك ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مېلبورندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى تاراتقۇلارنىڭ دىققەتىنى قوزغىغان. ئاۋسترالىيەدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن س پ س تېلېۋىزىيە قانىلىدا نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا ئاۋسترالىيەدىكى تۈركچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ نامايىش ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.