ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا «ئالاھىدە كۆچمەنلەر ۋىزىسى» بېرىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار 22-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پايتەختىدىكى ئاقساراينىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا «ئالاھىدە كۆچمەنلەر ۋىزىسى» بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىق قىلدى.

مەزكۇر نامايىشقا ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە لاگېر شاھىتلىرى قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سالىھ خۇدايار ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ ماتەم كۈنى. 73 يىل بۇرۇن، 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى قانۇنسىز ھالدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىكى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانىدىكى مۇستەملىكچىلىكىنى، ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇكرائىناغا ياردەم قىلغاندەك شەرقى تۈركىستانغىمۇ ياردەم قىلىشنى سورايمىز».

ئۇ ئاخىرىدا ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئەركىنلىكىنى سۆيىدىغان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلاردىن ئۆزىنى زۇلۇم چېكىۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىشىنى ۋە بىزنىڭ ئىلتىجالىرىمىزغا قۇلاق سىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ چىقىپ پاناھلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرگە پاناھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى ئىجتىمائىي تارتقۇلىرىدا تارقاتقان مەزكۇر نامايىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا «خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە 73 يىل توشقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا (P-2) سالاھىيىتى يەنى ‹ئالاھىدە كۆچمەنلەر ۋىزىسى› بېرىشنى» تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇسىتتىن باشلاپ تالىباندىن قېچىپ ئامېرىكاغا كەلگەن ئافغانىستان پۇقرالىرىغا (P-2) پروگراممىسىنى يولغا قويغانىدى.

مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقان تەشكىلاتلار يەنە خەلقئارا ھۆكۈمەتلەرنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ «نۆل كوۋىد» سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىش قاتناشقۇچىلىرى ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى نامايىشىنى يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرغا قارىماستىن 2سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلدى. ئۇلار «خىتاي، ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات! خىتاي، شەرقى تۈركىستاندىن يوقال!» دېگەندەك شوئارلار بىلەن نامايىشىنى تىنچ بىر شەكىلدە ئاخىرلاشتۇردى.