ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق نورۇزدا لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملارنى كۈتۈۋالدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2023.03.22
noruz-amerika-uaa-1.jpg ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتنىڭ فەيىرفەكىس شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار خانىم سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 21-مارت.
Photo: RFA

21-مارت كۈنى كەچ سائەت يەتتىلەردە ۋىرجىنىيە شىتاتنىڭ فەيىرفەكىس شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ناھايىتى ئۆزگىچە بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئارىسىدا ئەتلەس كۆينەك كىيگەن خانىملار، بادام دوپپا، كانىۋاي كۆينەك كىيگەن ئەپەندىلەر تىزىلغان ئۈستەللەرگە نورۇز ئېشى تارقىتىۋاتاتتى. زالنىڭ ئالدى تەرىپىگە «نورۇز مۇبارەك» دېگەن خەتلەر ئېسىلغان ئىدى.

بۇ پائالىيەت پەقەتلا بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق بىلەن گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا سەھنىنىڭ ئارقا تەرىپىگە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ لاگېر ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا يېزىلغان «خىتاي لاگېرىدىن ھايات قالغۇچى» ناملىق كىتابى، ياپونىيەلىك كارتونىست تومومى شىمىزۇنىڭ لاگېر شاھىت قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ كەچمىشلىرىنى تەسۋىرلىگەن «مېنىڭ ھاياتىمدا يۈز بەرگەن ئىشلار» ناملىق تېز سىزمىلىق كارتون كىتابى ۋە رادىيومىز مۇخبىرى گۈلچىھرە خوجانىڭ يېقىندا نەشىردىن چىققان «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» ناملىق كىتابلىرى تىزىپ قويۇلغان ئىدى.

پائالىيەت ئالدى بىلەن جامائەت چوڭلىرىنىڭ نورۇزلۇق تەبرىكلىرى بىلەن باشلاندى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار خانىم بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ لاگېر شاھىتلىرىنى كۈتۈۋېلىش، نورۇز بايرىمىنى تەبىرىكلەش ۋە شۇنداقلا كىتاپ ئىمزالاش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغانلقىنى ئۇقتۇردى. ئارقىدىن قەلبىنۇر خانىم بىلەن گۈلباھار خانىمغا گۈل تەقدىم قىلىندى. ئۇلار سەھنىگە چىقىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ نورۇزلۇق سالاملىرنى يوللىدى.

ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتنىڭ فەيىرفەكىس شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 21-مارت.
ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتنىڭ فەيىرفەكىس شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 21-مارت.

قەلبىنۇر خانىم، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەسلىدە لاگېرلاردا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئۆيىدە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندا، پۈتۈن جامەئەت جىمجىتلىققا چۆمدى. قەلبىنۇر خانىم ئۆزىنىڭ بۈگۈن لاگېردىكى ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرىنى ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇزلۇق بايرىمىنى تەبىركلەپ شېئىر ئوقۇپ بەرگۈسى بارلىقىنى ئيتتى. ئۇ، قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە «نورۇز كەلدى» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

نورۇز كەلدى باھارغا بايرام،

لەرزان چىققان شامالغا بايرام.

ساخاۋەتتىن دىلى يايرىغان،

مىسكىن غرىپ ئاجىزغا بايرام.

ئارقىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى سۆز قىلىپ، ھەممەيلەننىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبىركلىدى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بېرىپ كىلىۋاتقان ۋە ئامېرىكادا بەرمەكچى بولغان گۇۋاھلىقلىرىنىڭ لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىنڭ ئازابتىن قۇتۇلۇشىغا يارىدىمى بولۇشىنى ئۈمد قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر سىدىق خانىم بىلەن فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق گۈلباھار خانىمنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان ئىكەن.

پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم سۆز قىلىپ، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قىلىشىغا قارىماستىن مىللىتى ئۈچۈن قىلغان پىداركارلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن لاگېر شاھىتلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى ۋە رەھمىتىنى ئىپادىلەشتى.

ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتنىڭ فەيىرفەكىس شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدە لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 21-مارت.
ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتنىڭ فەيىرفەكىس شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدە لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 21-مارت.

ئۇنىڭدىن كېيىن پائالىيەتنڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نورۇرغا ئاتالغان بالىلار نومۇرلىرىنى ئورۇندىدى.

ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى گۈلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۈلچىھرە خوجا قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىنى ستۋېلىپ، ئۇلارغا قوللايدىغانلىقنى بىلدۈرۈشتى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئۇيغۇر رايونىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە 30 يىلغا يېقىن خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان بولۇپ، لاگېرلار ئېچىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2019-يىلى ئۆكتەبىردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن گوللاندىيەگە يەرلەشكەن.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم 2016-يىلى 11-ئايدىن 2019-يىلى يازغىچە خىتاينىڭ قارامايدا قۇرغان لاگېرىغا قامالغان بولۇپ، 2019-يىلى 8-ئايدا فىرانسىيەدىكى قىزى بىلەن جەم بولغان.

بۇ ئىككى لاگېر شاھىتى ياۋروپادا تۇرۇشلۇق باشقا لاگېر شاھىتلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنىتلىرىدا لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قىين-قىستاقلار، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقى ھەققىدە ئىزچىل ھالدا گۇۋاھلىق بېرىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.