ئامېرىكادىن كەلگەن پائالىيەتچى ياشلار ئەنقەرەدە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
2024.08.14
13-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكادىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى كەسپى ئوقۇغۇچىسى زىلالە مەمەت، تىبەت ئوقۇغۇچى قىز تسەتان نامدول (tsetan namdol)، كەشمىرلىك پائالىيەتچى ھاشام خان (Hasham Khan) ۋە كالىفورنىيەلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچى ياش مەردان مەخمۇت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئاخمەت كامىل ئەرئوزان، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئالپەر ئاقدوغان، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە كەشمىر سىياسىتى توغرىسىدا سوئاللار سورىدى.
مەزكۇر پارتىيەلەر مەسئۇللىرى ئۆز پارتىيەلىرىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان سىياسىتىنى بايان قىلدى. ئۇلار تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتەلمەيۋاتقانلىقىنى، ھەتتا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى.
قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئۇچرىشىش ئاخىرىدا مۇنۇلارنى دېدى: «بۈگۈن بۇ ياشلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزدىن بەك خۇرسەن بولدۇم. بۇ ياشلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر بېسىم توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدە تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ بۇ توغرىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»
ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى سۆھبەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بىلەن كۆرۈشكەن ياشلار پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىقلارلا ئەمەس، تىبەت ۋە كەشمىرلىك ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ئۆز مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. مۇزاكىرە ئاخىرىدا بۇ ھەقتە بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلساق ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى ئېنىق بولدى.»
ئىيى پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئاخمەت كامىل ئەرئوزان ئەپەندى ئۇچرىشىش ئاخىرىدا سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ياشلارنىڭ بىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولدۇق. بىز ئېلىپ بارغان سۆھبەت جەريانىدا بۇ ياشلارنىڭ ئۆز دەۋاسى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. ئۇيغۇر مەسىلىسى، كەشمىر مەسىلىسى ۋە تىبەت مەسىلىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم تارىخنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى بار. كۈتكەنلىرىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىساڭلارمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، ئىزچىل ھالدا نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ پارتىيەمىز ھەر دائىم سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار بولىدۇ.»
بارلىق ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىلالە مەمەت بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىستانبۇل بىلەن ئەنقەرەگە زىيارەت ئېلىپ باردۇق. بىز تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قانداق ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدۇق. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق.»
كالىفورنىيەلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچى ياش مەردان مەخمۇت تۈرك سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈرك سىياسەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق. ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا ئۇلار بىزگە مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئۇنداق ئاسان بولمايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى دېدى. بىز كۆرۈشكەن سىياسىي پارتىيەلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدىكەن، لېكىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىشتى.»
ياش تىبەت پائالىيەتچى قىز تسەتان نامدول ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تۈركىيەگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم. مەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە سېلىمپاشا دېگەن جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئۇيغۇر بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. مەن پۈتۈن ئۇچرىشىشلاردا تىبەت مەسىلىسىنى ئاڭلاتتىم. تۈركىيەدە تىبەتلەرنىڭ ئاۋازى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.»
مەزكۇر 4 نەپەر ياشنىڭ ئېيتىشىچە «ئامېرىكا ئۇيغۇر ياشلىرى» نامىدىكى بۇ ياشلار گۇرۇپپىسى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھىندىستان ۋە تەيۋەنگە بېرىپ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە كەشمىر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىدىكەن.