ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى شادلاندۇردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.11.07
Trump-Harris-2-1920 پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى 6-نويابىر سەھەردە مەلۇم بولغاندىن كېيىن سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 2025-يىلى 20-يانۋاردا ئاق سارايغا كۆچۈپ كىرىپ ئىش بېجىرىدىغانلىقى مۇقىملاشتى
Photo: RFA

پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى 6-نويابىر سەھەردە مەلۇم بولغاندىن كېيىن سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 2025-يىلى 20-يانۋاردا ئاق سارايغا كۆچۈپ كىرىپ ئىش بېجىرىدىغانلىقى مۇقىملاشتى. بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى تولىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىشى، جۈملىدىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق زور ۋەقەلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ چۇقانلىرىنى بېسىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ سايلامغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. بۇ ھال ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاز سانلىقلار رەھبىرى مىچ مەككونېل (Mitch McConnell) نىڭ «بۇ قېتىمقى سايلام 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ خەتەرلىك پەيتكە توغرا كەلدى» دېگەن سۆزلىرىدىمۇ ئەكس ئەتكەن بولۇپ، دونالد ترامپ دەۋرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا بۇ ھەقتە كۆپلىگەن سوئاللارغا دۇچ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق 2017-يىللىرىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا تاشقى دۇنياغا بىلىنىشكە باشلىغاندىن كېيىن ھەر تەرەپلىمە تىرىشچانلىقلار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتلىرى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى توپلىغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا 2021-يىلى 19-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو (Mike Pompeo) ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى قىرغىنچىلىقتۇر» دېگەن تارىخىي ھۆكۈمنى ئېلان قىلدى. بۇ كۈن دەل ترامپ ھۆكۈمىتى ئاقسارايدىن ئايرىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا بىر كۈن قالغان ۋاقىت بولغاچقا بۇ تارىخىي قارارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئەندىشىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ھالبۇكى يېڭىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئانتونى بىلىنكىن (Antony Blinken) بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا بۇ قارار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ مەسىلىدە مېنىڭ قارارىممۇ مۇشۇنداق» دېيىش ئارقىلىق بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۆزگەرمەس قارار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بەزى ئەمەلىي قەدەملەرنى ئالدى. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ناملىق قانۇنلار رەسمىي ئىشقا ئېشىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى يادرولۇق مەزمۇنلار قانۇن بويىچە بىر ياقلىق قىلىنىدىغان تېمىلار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ساھە بويىچە بىر قاتار ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ بىر قاتار تەرەققىياتلارغا ئاساس سالغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كېلىشى مۇھاجىرەتتىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلغان ۋەقەلەردىن بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر سايلام نەتىجىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ خەيرلىك ئىشلارغا سەۋەب بولۇشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارار سابىق پىرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدە ئېلان قىلىنغان ھەمدە بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىجرا قىلغانلىقتەك رېئاللىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباسنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇ يېڭىدىن ئىش باشلاش ئالدىدا تۇرغان ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى ئىجرا قىلىش ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ترامپ ھۆكۈمىتى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مەسىلە «قانۇنسىز كۆچمەنلەر» ۋە ئامېرىكا چېگراسىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىمقى سايلامدا دونالد ترامپنىڭ يېڭىپ چىقىشى ئامېرىكا تەۋەسىدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى بىلەن تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئەندىشە پۈتۈنلەي ئورۇنسىز. چۈنكى دونالد ترامپ تەكىتلەۋاتقان «كۆچمەنلەر» مەسىلىسى قانۇنسىز ھالدا «تام ئاتلاپ» كىرىۋالغان كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردەك قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىپ پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان ئۇيغۇرلار بۇ خىل «قانۇنسىز كۆچمەنلەر» دىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسى تاشقى جەھەتتە ھەرقاچان چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قوللاشلىرىغا موھتاج بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن روشەن ئابباس بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىرىكلىشىۋاتقاندا بۇ ھال ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇر داۋاسىغا بەزى ئىجابىي پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا ئوخشىمىغان مەۋقەدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.