ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاۋاتقان شىركەتلەرگە مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سالغان
2024.04.20

ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسلىرى مايك گالىگېر ۋە راجا كرىشنامورتى 19-ئاپرېل كۈنى، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە شىركىتى بولغان MSCI ۋە خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش شىركىتى بولغان قاراتاش (BlackRock) شىركەتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئامېرىكا ۋول-سترېت كوچىسىدىكى مەبلەغ شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقى ۋە ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىگە شېرىك بولغانلىقىدەك سەۋەبلەر بىلەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 63 خىتاي شىركىتىگە 6 مىليارد 500 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغانلىقى مەلۇم بولغان.
بۇلار ئىچىدە، پەقەت MSCI شىركىتىنىڭ ئۆزىلا بۇ ئورۇنلارغا 3 مىليارد 700 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولسا، BlackRock نىڭ مەبلىغى كەم دېگەندە 1 مىليارد 900 مىليون دوللار ئىكەن.
دوكلاتتا، «ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سالغان بۇ شىركەتلەر خىتاي ئارمىيەسى ئۈچۈن ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە يادرو قوراللىرىنى ياساپ چىققان، ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن شىركەتلەردۇر» دەپ تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىنىڭ بىرى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كرىشنامورتى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى دېرىكتورى ئالىم سېيىتوفنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزىنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش ۋە باشقۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنىڭ بۇنچە چوڭلۇقى بىزنى ئەپسۇسلاندۇردى. »
راجا كىرىشنامورتى ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ۋول-سترېت كوچىسىدىكى قىسمەن شىركەتلەر كومىتېتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەۋسىيەلىرىدىن كېيىن خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن شىركەتلەر مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ قانۇن بويىچە چەكلەنمىگەن بولۇشى، ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«شىركەتلەردىن بۇنى سورىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلارنىڭ بىزگە بېرىدىغان بىرىنچى جاۋابى، بىز قانۇنلۇق سودا قىلىۋاتىمىز، دېيىش بولدى. ئىككىنچىدىن، ئۇلار بىز ئارزۇغا قاراپ تۇرۇپ مەبلەغ سالمايمىز، دەيدۇ. مەنچە، بۇ جاۋابلاردىن بىز يۇقىرىدىكىدەك خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكادا رەسمىي قانۇن تۈزۈپ چىقىشىمىز لازىملىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. »
دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەبلەغ سېلىنغان 63 خىتاي شىركىتى ئىچىدە، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرىنى يىغىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، نازارەت كامېراسى ياساش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قارا تىزىملىككە ئېلىنغان BGI گۇرۇھى، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەلىك ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، چىخو 360 بىخەتەرلىك تېخنىكىسى شىركىتى، داكو يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتى قارمىقىدىكى شىنجاڭ داكو يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتى، جېجياڭ داخۇا تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، جوڭشىڭ تېلىگراف شىركىتى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.
ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ تەكىتلىشىچە، MSCI شىركىتىنىڭ مەسىلىسى بار خىتاي شىركەتلىرىنى مەبلەغ كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈشى بۇ شىركەتلەرنى يوللۇق كۆرسىتىپ، ئۇلارغا مەبلەغ سېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. ئاندىن، BlackRock قاتارلىق مۈلۈك باشقۇرغۇچى شىركەتلەر مەبلەغ سالغۇچىلارغا بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ئاساستا مەبلەغ سالىدىكەن.
يۇقىرىقى كومىتېت دوكلاتىدا، ئامېرىكانىڭ بۇ شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىر بار بولغان مەۋجۇت بەلگىلىمىلەرنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ چوقۇم قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاي ئارمىيەسى، ھالقىلىق تېخنىكا ساھەلىرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كىرىشنامورتىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى بىر قانچە مەمۇرىي بۇيرۇق ئارقىلىق ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل، كۋانتۇم ۋە ئۆزەك تېخنىكىسى ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشتىن چەكلىگەن. بۇ ياخشى باشلىنىش. ئەمما بىز بۇنى قانۇنغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. شۇندىلا بىز ئۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئېنىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلالايمىز. بۇ چەكلىمە يەنە ئاكتىپ مەبلەغ ۋە پاسسىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك. »
ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى دوكلاتى ئاخىرىدا «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى مەخسۇس قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەر جۈملىدىن، باش ۋە تارماق شىركەتلەر ۋە پاي كونترول شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش؛ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن خىتايغا تەۋە شىركەتلەر ھەققىدىكى خەتەر ئامىللىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىش؛ ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى خىتاي بازىرىدىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىشنى كۈچكە ئىگە قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.
كومىتېت دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا «ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، مىلياردلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ ھاياتى بويىچە يىغقان پۇللىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋاملىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.