مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.06.11
tramp-trump-shi-jinping ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ گ-20 يىغىنىدا. 2019-يىلى 29-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە.
AP

دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ خېلى جىددىيلىشىۋاتقانلىقى بايقالماقتىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇنى كۆپىنچە تىبەت، تەيۋەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت بىلەن باغلاپ ئانالىز قىلماقتا. بۇ جەھەتتە ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتارلىق ھېسابلايدىغان رۇسىيەنىڭمۇ بۇ ئىككى مەملىكەتكە نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەسىلىگە ئايلانماقتا.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان رۇسىيەنىڭ «ۋزگلياد» (يېڭىلىقلار) ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان يېۋگېنىي كرۇتىكوفنىڭ «قانداق قىلىپ ئا ق ش خىتاينى ئونلىغان ئايرىم كىنەزلىكلەرگە پارچىلاشقا ئۇرۇنماقتا» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى ئۇنىڭ ئاپتونومىيەلىرىدىن بۆلۈۋېتىشكە ھەم مىللەتلەر ئارا توقۇنۇشلارنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان بىر تۈركۈم بىلدۈرۈشلەرنى ھەم تەشەببۇسلارنى قىلغانىكەن. ماقالە ئاپتورى ئا ق ش نىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا تىبەت، تەيۋەن ھەم ئۇيغۇرلار توغرىلىق چىقارغان قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بىۋاسىتە خىتايغا قارشى قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنى خىتايدا مىللەتلەر ئارا مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مەقسىتىدە خىتاينىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا قىلىنغان تاشقى ھۇجۇم ھەم خەلقئارا قانۇنلار نۇقتىئىنەزىرىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ قارىغان.

ماقالىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۆتۈرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى ۋاشىنگتوننىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەددىدىن تاشقىرى قوللاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىراقتىكى، سۈرىيەدىكى، ھەتتا چېچېنىستاندىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر تىزىمىغا كىرگۈزۈشتىن باش تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ماقالە ئاپتورى ئىنگلىز-ساكسون تىللىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىر نەچچە يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ئەتراپىدا خىتايغا قارشى قاتتىق تەشۋىقات يۈرگۈزلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ رايوندا بېيجىڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەخسۇس ئەمگەك لاگېرلىرىغا دىققەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«مەركىزىي ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مارك سكوتتنىڭ «رۇسىيە ۋە خىتاي تاراتقۇلاردا ئا ق ش دىكى نارازىلىقلارنى كۆپتۈرمەكتە» ناملىق ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئامېرىكادا ئورۇن ئالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز مەنپەئەتلىرىدە ئىشلىتىشكە تىرىشىپ، بۇنىڭدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلانماقتىكەن. كېيىنكى ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدىلا خىتاي ئەلچىلىرى، رۇسىيە تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىۋاتقان «يېڭىلىقلار» ئاگېنتلىقلىرى ھەم رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئالاقىسى بار باشقىمۇ مەنبەلەر ئامېرىكا ھەققىدە 1200 دىن ئوشۇق خەۋەر ئېلان قىلغان. بۇ خەۋەرلەردە ئامېرىكا شەھەرلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە خىلمۇ خىل كۆپتۈرۈلگەن قاراشلار تارقىتىلغان. مەسىلەن، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكانىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن نارازىلىق ھەرىكىتىدە ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋىدېيوسى تارقىتىلغان. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۇتقان قاتتىق قوللۇق تاكتىكىسىغا قارىماي، خىتاينىڭ بىر ئەمەلدارى بۇ ۋىدېيوغا قارىتىپ «ساقچى تەرىپىدىن ھەددىدىن ئاشقان كۈچ قوللىنىش» دەپ باھالىغانىكەن.

ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشى رۇسىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بۇ مەملىكەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۇيغۇرلارغا تەسىر قىلامدۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس پيوتر سۋوئىك ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەسىلە ئا ق ش ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناچارلىشىشىدا ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيىيەتكە كەلگەن پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاڭلىق ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئورۇن ئالغان قايتا قۇرۇش سىياسىتىگىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن ئا ق ش ۋە خىتاي ئىقتىسادلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇشقا قارىتىلغان ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدا. كېلەچەكتە دۇنيا بىر قۇتۇپتىن كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. يەنى كېلەچەكتە خىتاي، ئامېرىكا، ياۋروپا، ياۋروئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى ھەر قايسى ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئامېرىكا-خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەر قايسىنى ئالاھىدە رايون سۈپىتىدە قاراش كېرەك.»

پيوتر سۋوئىكنىڭ قارىشىچە، دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى بىر كېسەل سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى سىياسەت سۈپىتىدە بارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن. رۇسىيە بۇ جەھەتتە يا خىتاي، يا ئامېرىكا تەرەپ بولماي، ئۆزىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى چۈشەندۈرۈشنى خالىمايدىكەن ھەم بۇنى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە دەپ قارايدىكەن.

سىياسەتشۇناس جاسارال قۇۋانىشالىن ئەپەندى رۇسىيەنىڭ دائىم ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىپ كېلىۋاتقان بىر مەملىكەت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا يېقىندا ئامېرىكادا قارا تەنلىك يىگىتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبىدىن چىققان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە خۇشال بولۇپ ئولتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە ئېمبارگو سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كرېمىلگە بۇ ئوڭاي چۈشۈۋالمايدۇ. ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلاۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھازىر ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس. يېقىندا ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتايغا قارشى چارىلەر قوللانغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭغا قارىغاندا، ئامېرىكا بىزگە دوست بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ قانداق گۇمان يوق. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ رۇسىيەگە قارىتا دوستلۇقىغىمۇ ئىشىنىشكە بولمايدۇ. قازاقىستاننىڭ رۇسىيەدىن كۆرمىگەن يامانلىقى يوق. رۇسىيە بىزنى رۇسلاشتۇرۇش، بايلىقلىرىمىزنى بۇلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئېلىپ كېلىۋاتقان زۇلۇملىرى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم رۇسىيەدىن، ھەم خىتايدىن ساقلانغىنىمىز دۇرۇس. بۇنىڭغا بىز ھازىرچە توسالغۇ بولالمايۋاتىمىز. بۇنىڭغا پەقەت ئامېرىكا قارشى تۇرالايدۇ.»

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، كورونا ۋىرۇسى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئۆزئارا سودا-ئىقتىسادىي، سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولغانىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوققىسىغا يەتكەنلىكى شۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارىلىشىدا توختىماي ئەيىبلىمەكتىكەن.

رەھىم ھاپىزوف مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى تەرەپلىمىلىك توقۇنۇشتا رۇسىيە خىتاي تەرەپ بولماقتا. رۇسىيە بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا قوللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرى ۋە دۇنيا يۈزىدە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېغىر ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي كرېزىسقا ئۇچرىماقتا. ھازىر سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە رۇسىيەنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. بۈگۈن ئامېرىكادا يۈز بېرىۋاتقان توپىلاڭلار ئەل ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە ۋە بۇ چاتاقلار ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە. مەن ئويلايمەنكى، ئامېرىكا ئىقتىساد جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت. لېكىن ئۇ ۋاقىتلىق بۇ ئىشلارغا قارىماي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ۋەھشىيانە سىياسىتىگە قارشى تۇرىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىيانە، ئالدامچىلىق سىياسىتى خەلقئارادا پاش بولماقتا. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە قارشى تۇرۇشى ئۇيغۇرلارغا سەلبىي تەسىرىنى كۆرسەتمەيۋاتىدۇ.»

رەھىم ھاپىزوف يېقىن ئارىدا ئامېرىكانىڭ ئىچىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېسىلىپ، ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئاكتىپلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئامېرىكانىڭ خىتاي مەنپەئەتلىرىگە زىيان كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات ساھەلىرىدىكى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.