دونالد ترامپنىڭ قايتا پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
2024.11.07
مۇتەخەسسىسلەر، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن خەۋەر بولغانلىقىنى، تىرامپ يولغا قويماقچى بولغان تاموژنا بېجىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ زور زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدىكى غەلىبىسى خىتاي، ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۆلەت ھەم رايونغا ھەر جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا. نۆۋەتتە ئامېرىكادىن قالسىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق زور ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خىتايغا نىسبەتەن، ترامپنىڭ يەنە تۆت يىل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتۈشى، ئىككى زور رىقابەتچى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم. شۇڭا ترامپ 2025-يىلى 5-يانۋاردا ئاقسارايغا قايتا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خىتايغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان، شۇنداقلا جىددىي مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان قىزىق تېمىلاردىن بولماقتا.
تىرامپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتايغا قارشى سودا ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىنى يېقىپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا نەچچە يۈز مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بولغان خۇاۋېيغا قارشى دۇنياۋى ھەرىكەت باشلاتقان ئىدى.
ئۇنداقتا، ترامپنىڭ غەلىبىسى خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر بولامدۇ؟
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ترامپنىڭ قايتا پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خوش خەۋەر بولمىدى، ئەلۋەتتە. خىتاي ھازىر دۇنيا بازىرىغا جىددىي ئېھتىياجى بار. چۈنكى شى جىنپىڭ تاشقىي ئېكسپورت ئارقىلىق چۆكۈشكە باشلىغان خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتقۇزماقچى بولۇۋاتىدۇ. مەن تىرامپنىڭ خىتاي ماللىرىدىن كەم دېگەندە 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن بىز تىرامپنىڭ خىتاي ماللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلىمىز. تاموژنا بېجىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى جىددىي شەكلىدە چەكلەيدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن ناچار خەۋەر».
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بۇ قېتىملىق ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدىلا ئۇتۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىدىمۇ زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بۇ نەتىجىنىڭ دونالد ترامپ، جوۋ بايدېندىن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كەلگۈسى 4 يىلدا زور سىياسىي قارارلارنى ئېلىشى ۋە ئىجرا قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 6-نويابىر كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ترامپنىڭ سايلامدىكى غەلىبىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئۆزئارا ھۆرمەت، تىنچلىقتا بىللە مەۋجۇت بولۇش ھەم ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك ھەمكارلىق پىرىنسىپى بويىچە داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز. بىزنىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان سىياسىتىمىز بىردەك».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ترامپنىڭ قايتا پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى ۋە ترامپنىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى پەرقلىق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ترامپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئامېرىكاغا كۆڭۈل بولۇش ۋە ئامېرىكانى كۈچلەندۈرۈش پىلانى، خىتايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا، جۈملىدىن تەيۋەندە خىتايغا قولايلىق شارائىت ۋە پۇرسەت ئېلىپ كېلىش مۇمكىن. مېنىڭچە، بۇ خىل ئېھتىماللىق بەك يۇقىرى».
ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) ترامپنىڭ قايتا پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى، خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ زور ۋە كۈچلۈك رەقىب شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ، ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە چوقۇم بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:
«ترامپ، خىتايغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك رەقىب بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ترامپ ھۆكۈمىتى بايدېن ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا خىتايدىن تېخىمۇ يۇقىرى تاموژنا بېجى ئالىدۇ. تەيۋەن مەسىلىسىگە كەلسەك، ترامپ ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەننى ئاساسىي جەھەتتىن قوللاپ كەلدى. كۆپىنچە كىشىلەر، ترامپ ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللايدۇ. ترامپ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۆز ئارمىيەسىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پەقەت ئامېرىكا ئارمىيەسىگىلا تايىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ترامپ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئامېرىكانىڭ سەۋىيەسىگە، يەنى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ ئۈچ پىرسەنتتىن تۆت پىرسەنتكىچە بولغان قىسمىنى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى ئۈچۈن سەرپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مېنىڭچىمۇ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئالدىنقى سەپتىكى ياپونىيە، كورېيە، تەيۋەن، ئاۋسترالىيە، ئۇكرائىنا، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سىستېمىسى بولۇشى كېرەك. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن يادرو قوراللىرىغا ئېھتىياجى بار، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى قوغداشتا ترامپ ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە ترامپ ھۆكۈمىتىگە بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى ئەڭ ياخشى ۋە كۈچلۈك مۇداپىئە سىستېمىسى دەل يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشتۇر».
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ پىروفېسسورى جيا چىڭگۇ خىتاينى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان. ئۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەندە ھەربىي توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ۋە زۆرۈر بولمىغان ئىختىلاپلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ چوڭ رىقابەتكە تەييارلىق قىلىشقا چاقىرغان.
شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ شىنبو، دونالد ترامپنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ترامپنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىم ترامپنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىگە تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەم سۆھبەتلىشىشكە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قارشىلىشىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى زۆرۈر. بىز سۆھبەت بىلەن توقۇنۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك».
2020-يىلى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان ئىدى. بۇ قارار كېيىنچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئېلىشىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولغان ئىدى.