ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى بۈگۈن يەنى 13-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى قاتارلىق 5 ھۆكۈمەت ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى سودا كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر سودا كۆرسەتمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا ۋە ئۇنىڭ رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەكنى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا قارىتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى نېد پرايس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «رايوندىكى مۇئەسسەسەلەرنىڭ شىنجاڭ ۋە خىتاي تەۋەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ يېڭىلانغان كۆرسەتمە شىنجاڭغا چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرى ۋە مەبلەغ مۇناسىۋەتلىرى بولغان ئورۇنلارنى خەۋپنىڭ زورىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بۈگۈن تىۋىتتېردا مەزكۇر كۆرسەتمە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
«بۈگۈن بىز شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭىلانغان سودا كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ كۆرسەتمە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئۆزتەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى باشقا كىشىلىك ھوقۇقدەپسەندىچىلىكى بىلەن بۇلغانمىغان بولۇشىغاكاپالەتلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ».
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورىسوفىرىچاردسوننىڭ قارىشىچە بۇ كۆرسەتمىنىڭ ئىلگىرىكىلەردىن پەرقلىق ھالدا يەنىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنىڭقوشۇلۇشى بىلەن ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يېڭىلانغان كۆرسەتمە يەنە ئىككى ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن جەمئىي 6 ھۆكۈمەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى قانۇن-نىزاملىرىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكا شىركەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ».
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە يېڭىلانغان سودا كۆرسەتمىىسدە يەر ئالغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:
«كۆرسەتمىگە ئورتاق ئىمزا قويغان ئەمگەك مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى، نازارەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ خەتەرلىرى ھەققىدىكى كونكرېت ئۇچۇرلارنى، رايوندىكى تەمىنات زەنجىرلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش ئورۇنلىرى بىلەن ئىش قىلىشنىڭ خەتەر ۋە يوشۇرۇن تەسىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كۈچەيتىلگەن تەۋسىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پەقەت نازارەت قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يېڭىلانغان تىزىملىكى يەنەشىنجاڭغا چېتىشلىق كۆپ قۇتۇپلۇق تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار ۋە شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرى ھەم تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئۇچۇرلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
سوفىرىچاردسون خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆرسەتمىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسىئۇنىڭدا ئامېرىكا شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغانىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مۇھىم بولغىنى بۇ كۆرسەتمىدە ئامېرىكا شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىدىغان تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە چېتىلىپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان. قىسقىسى، ئامېرىكادىكى 6 ھۆكۈمەت ئورگىنى بىرلىكتە شىركەتلەرگە ‹بىلمەي قاپتىمەندېيىشكە ئەمدى ھەققىڭ يوق› دەۋاتىدۇ. يەنى سەن ئۇ يەردىن چېكىنىپ چىقىشلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان بولۇشۇڭ ۋە ئۇ يەردىكى ھەرىكەتلىرىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادا جازالىنىشىڭ مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ. مانا بۇ ئىنتايىن مۇھىم».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتىدا بۇ ھەقتە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق يېزىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە باشقا جايلاردا دەھشەتلىك زىيانكەشلىكنى داۋاملاشتۇرۇپئۇيغۇرلار ۋە قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنىتەقىبلىدى. بۇ زىيانكەشلىكلەر كەڭ كۆلەملىك بولۇپ، ئۇ دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت قىلىش، نوپۇسنى مەجبۇرىي كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ۋە بالىلارنى ئائىلىدىن ئايرىش، كەڭ كۆلەملىك تۇتۇشقاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نېدپرايسباياناتىدا مانا بۇ ئېغىر زوراۋانلىقلار سەۋەبىدىن شىركەتلەرنىڭ ئۇ يەردە ئىش قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ زوراۋانلىقلارنىڭ دەرىجىسى ۋە دائىرىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، رايوندىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن، قۇرۇلۇش پىلانلىرىدىن ۋە ياكى مەبلەغ پىلانلىرىدىن قول ئۈزمەيۋاتقان كارخانا ۋە شەخسلەر ئىنتايىن يۇقىرى ئېھتىمالدا ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن».
سوفىرىچاردسون خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان كۆرسەتمە مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ ئەمما ئۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۆرسەتمىنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى يوق، بىراق ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئامېرىكانىڭ 6 ھۆكۈمەت ئورگىنى ئەگەر بۇنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىشنى پىلان قىلمىغان بولسا بىرلىكتە بۇنداق كۆرسەتمىنى ئېلان قىلىپ ئولتۇرمىغان بولاتتى».
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىيتۈركەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالدى. ئۇ بۈگۈن تىۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرى سودا كۆرسەتمىىسنى يېڭىلاپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئوچۇق يول كۆرسەتكەنلىكىنى قارشى ئالىمىز. بۇ كومىېتىتىمىز ئۇزۇندىن بۇيان تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى قۇللۇقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېدى.
بۈگۈن يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ياۋروپا تاشقى ھەرىكەت مۇلازىمىتى بۆلۈمىمۇ (EEAS) ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى قىلىش يولىدىكى سودا كۆرسەتمىىسنى ئېلان قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن تارقىتىلغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بۇ كۆرسەتمە شىركەتلەرگە خەتەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش، ئازايتىش ۋە قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا كونكرېت، ئەمەلىي مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنى سودا زەنجىرىدىن يوقىتىش» نى مەقسەت قىلىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىجرائىيە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە سودا ئىشلىرى كومىسسارى ۋالدىسدومبروۋىسكىس باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇن يوق. كومىتېتىمىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى تېخىمۇ كەڭ خىزمەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۇ ئۆسمىنى (مەجبۇرىي ئەمگەك) يوقىتىشقا ۋەدە بەردى. . . بۈگۈنكى يېتەكچى كۆرسەتمە بىلەن بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركەتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز. پات ئارىدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل كارخانا باشقۇرۇش قانۇنىمىز بىلەن تېگىشلىك تىرىشچانلىقىمىزنى كۈچەيتىمىز».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نېدپرايس بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئامېرىكاغا ماس قەدەمدە بۇ قارارنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭخەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلىش مەسىلىسى ھەققىدىكى مەيدانى ئوخشاش. بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا تەييار. بىز ئۆز ئاپپاراتلىرىمىز، شېرىكلىرىمىز، خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شېرىك ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن بىرگە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولغان ئىشەنچلىك تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تەشەببۇس قىلىشنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققەت تارتىشنى داۋام قىلىمىز».
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئەنگلىيەدەچاقىرغان گ-7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى قاتارلىق ھەرخىل يوسۇندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنى يوقىتىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە يېتەكچى رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا: «بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن قويۇق ماسلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭۋەھشىيلىكلىرى ۋە باشقا زىيانكەشلىكلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىمىز» دېدى.