ئامېرىكانىڭ بىر قانچە ھۆكۈمەت مىنىستىرلىقى 26-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرى سودا كۆرسەتمىسى قوشۇمچە ھۆججىتى» نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. بۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەمگەك مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ھۆكۈمەت مىنىستىرلىقلىرىنىڭ 2020-يىلى 7-ئايدىن بېرى، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل سودا ئاگاھلاندۇرۇشىنى 3-قېتىم قايتا ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 26-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى سودا كۆرسەتمىسى قوشۇمچە ھۆججىتىدە بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونى، شۇنداقلا پۈتۈن خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ھەمدەمدە بولۇۋاتقان ئورۇنلارنىڭ كۆلىمىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ «تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مەبلەغدە شىنجاڭغا چېتىلىش خەۋپىنىڭ ئارتقانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قورقۇنچلۇق دەپسەندىچىلىكى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بۇ دەپسەندىچىلىكنىڭ «دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، زورلاش خاراكتېرلىك نازارەت، مەجبۇرىي نوپۇس كونترول قىلىش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ باشقا خورلاش شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكانىڭ يېڭى سودا ئاگاھلاندۇرۇشىدا كۆرسىتىشىچە، «بۇ دەپسەندىچىلىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە كۆلىمى نەزەردە تۇتۇلغاندا، شىنجاڭغا چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرى، كارخانا ياكى مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنىپ چىقمىغان شىركەت ھەم شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش خەۋپى يۇقىرى» ئىكەن. ۋاشىنگتوندىكى «يەر شارى ئادىل ئەمگەك ۋە خەلقئارا ئەمگەك ھوقۇقى مۇنبىرى» تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگرامما دىرېكتورى ئالىسون گىل (Allison Gill) نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سودا ئاگاھلاندۇرۇشى سودا ساھەسىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كۆلىمى ھەققىدە مۇھىم سىگنال بەرگەن.
ئالىسون گىل 27-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ سودا كۆرسەتمىسى ھۆججىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئۇنىڭدا 2021-يىلدىن بېرى قولغا كەلگەن يېڭى تەتقىقاتلار بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ، نۇرغۇن يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرى، پولىسىلىكون تەمىنلەش زەنجىرى، دورىگەرلىك، PVC ۋە ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۆرەلەيمىز. »
ئالىسون گىلنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر ھۆججەت سودا ساھەسىگە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ چېتىلىش كۆلىمىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. ئالىسون گىل مۇنداق دەيدۇ: «بىز يەنە بۇنىڭدىن يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدىكى تەتقىقاتلاردىن ئېرىشكەن شامال چاقپەلىكى، كالتسىي كاربون، بۇغداي، ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاقىسىنى كۆرەلەيمىز. شۇڭا بۇ ھۆججەت، سودا ساھەسىگە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە يوشۇرۇن مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. »
بۇ ھۆججەتتە يەنە ئۇيغۇر رايونى بىلەن سودا ئالاقىسى بولغان مەبلەغ سالغۇچىلار، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار، ۋاسىتىچىلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورنى ۋە ئىلمىي مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شىركەت ۋە شەخسلەر، ئەگەر بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە چېتىلسا، بۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن «جىددىي نۇپۇز، ئىقتىساد، قانۇنىي جاۋابكارلىق خەۋپى بارلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر ھۆججەتتە قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل نوپۇز، ئىقتىساد ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىق خەۋپى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت سىستېمىسىغا چېتىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لوئىزا گرېۋ، بۇ ھۆججەتتە گەرچە ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
لوئىزا گرېۋ 27-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆججەتتە (ئامېرىكا) ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئارقىلىق، خىتاي تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا قارىتا بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتە ھېچقانداق قەدەم باسمىغانلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان. ‹خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە بۇلغىنىشىنى تاشلاش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا كۆز يۇمغانلىقى› ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق ‹ئادەم قاچاقچىلىقى› توغرىسىدىكى دوكلاتىدىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن» دەپ كۆرسەتتى. لوئىزا گرېۋنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئورنىغا خەلقئارا ئەندىشىلەرگە قارشى سىستېمىلىق تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
لوئىزا گرېۋ مۇنداق دېدى: «ھۆججەتتە قەيت قىلىنغىنىدەك، خىتاي بۇنىڭ ئورنىغا خەلقئارا ئەندىشىلەرگە قارشى سىستېمىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىنكار قىلىش، سىياسىي غەرەزلىك ئىلىمىي تەتقىقات، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىغا ئائىت ساختا سانلىق مەلۇماتلارنى تارقىتىش، يەرلىك تەشۋىقات ھەرىكىتى ۋە خەلقئارا شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. »
«يەر شارى ئادىل ئەمگەك ۋە خەلقئارا ئەمگەك ھوقۇقى مۇنبىرى» تەشكىلاتىدىكى ئالىسون گىلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەت بارلىق شىركەتلەرگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قالماسلىق ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىكەن.
ئالىسون گىل مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، بىز پاختا ۋە پەمىدۇرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى بىلىمىز. لېكىن مەن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىدىغان ھەممە شىركەت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ خەۋپىدىن تولۇق خەۋەردار، شۇنداقلا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خەرىتىسىنى تولۇق چۈشىنىدۇ، دەپ دەپ قارىمايمەن. مېنىڭچە، بۇ ھۆججەت بارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىشى ياكى ئۇنىڭغا چېتىلىشىغا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە تېخىمۇ كۈچلۈك سىگنال بەردى. »
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سودا ئاگاھلاندۇرۇشى، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 3 چوڭ خىتاي توقۇمىچىلىق شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 26-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭ جۇڭتەي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ، «تەڭرىتاغ يۇڭ توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ۋە «شىنجاڭ تيەنميەن ئۇل توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ شىركەتلەر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىلىرىغا قاتناشقان ئىكەن. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالىھاندرو مايوركاسنىڭ 26-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بىز پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان شىركەتلەرگە يول قويمايمىز» دېيىلگەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىغا ئائىت رەت قىلغۇسىز كۈچلۈك دەلىللەر مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.