ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن بىڭتۇەن چىلانلىرىنى تۇتۇپ قالغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكادا 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتايدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ماللارنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن ئىدى. ھالبۇكى ئامېرىكادىكى بىر قىسىم خىتاي ۋە ئاسىيا تاللا بازارلىرىدا بىڭتۇەن تەرىپىدىن ئېكىسپورت قىلىنغان چىلانلارنىڭ بىر مەھەل كەڭ-كۇشادە سېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، مەتبۇئاتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ (CBP) مۇ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار بۇ دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئىككى چوڭ پورتتا ئامېرىكاغا كىرگەن بىڭتۇەننىڭ چىلان مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قالغان. ئامېرىكا چېگرا قوغداش ئىدارىسى 5-يانۋار كۈنى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەر ماقالىسىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان:

«‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نىڭ ئىجرا قىلىنىشى، ناچار كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇشى بىلەن كۈچلۈك رىقابەتكە ئۇچراۋاتىدۇ. . . تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى نيۇ-يورك دۆلەتلىك تەھدىت ئانالىز مەركىزى (New York National Threat Analysis Center)دىكى خەلقئارا سودا ئانالىزچىسى دىئاننا ساسمان ۋە ئېرىكا رىبېيرو ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھېلىھەم ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تەدبىر قوللاندى.»

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەمىنلىگەن بۇ ۋاقىتسىز سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تاموژنا ۋاكالەتچىسى تاموژنىدا توسۇۋېلىنغان خىتايدىن كەلگەن 14،800 جۈپتىن ئارتۇق Nike ئاياغلىرىدىن بىرىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەمىنلىگەن بۇ ۋاقىتسىز سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تاموژنا ۋاكالەتچىسى تاموژنىدا توسۇۋېلىنغان خىتايدىن كەلگەن 14،800 جۈپتىن ئارتۇق Nike ئاياغلىرىدىن بىرىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. (AP)

مەلۇم بولۇشىچە، دىئاننا ساسمان ۋە ئېرىكا رىبېيرو قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ۋە شۇنىڭدەك ھەرقايسى پورتلاردىكى خادىملار ۋە مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە، نيۇ-يورك ۋە نيۇ-جېرسىي شىتاتلىرىدىكى پورتلاردىن كىرگەن بىڭتۇەننىڭ چىلان مەھسۇلاتلىرى مۇسادىرە قىلىنغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرى بىلەن كالىفورنىيە شىتاتنىڭ لوس-ئانژىلىس ۋە ئوكلاند پورتلىرىدىكىلەرمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىڭتۇەن چىلانلىرىنى تۇتۇپ قالغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل دېرىكتورى لۇئىسا گىرىۋ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ئىرادىسىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادىكى ‹H Mart› ۋە ‹Ranch99› قاتارلىق تاللا بازارلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەتتا ‹بىڭتۇەن› دەپ ئۈستىدە يوغان خېتى بار مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ئامېرىكالىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلدى، مانا بۇ بىزنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى. بىز ھەتتا شۇ چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈرەتكە تارتىپ، ئۇنى تاموژنا ئىدارىسىغا ئاپاردۇق. بىز ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى CBPنىڭ دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىدىن خۇرسەن بولدۇق. بىز دوكلاتنىڭ يۇقىرىقى نيۇ-ئارك ۋە ئوكلاند قاتارلىق 4 پورتنىلا ئەمەس، ئامېرىكادىكى بارلىق پورتلارنى ئوخشاش ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان خەۋەر ماقالىسىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «بۇ ۋەقە بىزگە نېمە ئۈچۈن پۇقرالار جەمئىيەتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كەسپىي ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىنىڭ چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلارنى ئامېرىكا بازىرىدىن چەكلەش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ساسمان ۋە رىبېيرو ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دوكلاتىدا تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلار ۋە باشقا مەنبەلەردىن توپلىغان مەلۇماتلار ئارقىلىق، ‹شىنجاڭ چىلىنى› بارلىقىدىن گۇمان قىلىنغان بىر قانچە يۈكنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇلار ئىچىدە نيۇ-جېرسىي شىتاتىنىڭ نيۇ-ئارك پورتىدا دەل شۇ كۈنى يېـتىپ كەلگەن مال تۇتۇپ قېلىندى.»

ئامېرىكا چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىشقا كىرىشىشى بىلەن تەڭ ئېكىسپورت قىلغۇچىلارمۇ ئامېرىكانىڭ قانۇنىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن ھەرخىل ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئېنىقلاپ چىقىشىغا قېيىنچىلىق پەيدا قىلغان.

رىبېيرو ماقالىدە مۇنداق دېگەن: «بىز تەكشۈرگەن بۇ چىلانلار شىنجاڭدىن چىققان چىلان بولسىمۇ، ئەمما باشقا جايلاردىن ئەۋەتىلگەن. بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەقىبلەش خىزمىتىنى قېينلاشتۇرىۋاتىدۇ.»

يەنە بىر تەتقىقاتچى ساسماننىڭ ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتە بىر يەردىن چىققان مەھسۇلاتنى باشقا يەردە ئوراپ-قاچىلايدىغان ئەھۋال دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئىكەن. بۇ قانۇنسىزلىق ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ھازىر ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›دىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ ئۇسۇلنى كۆپلەپ قوللىنىشقا باشلىغان.

نيۇ-يورك پورتىدىكى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىملىرى خىتايدىن كىرگەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ياكى جازا لاگېردىكىلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلىنغان يالغان چاچ ۋە قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.
نيۇ-يورك پورتىدىكى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىملىرى خىتايدىن كىرگەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ياكى جازا لاگېردىكىلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلىنغان يالغان چاچ ۋە قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن. (AFP)

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئاخباراتقا مەسئۇل خادىمى جېففىرىي كۇينونىس (JEFFRE QUINONES) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم ئەڭ ياخشى تەدبىرلەر ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توسۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەم شۇنداقلا ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆزلىرى بايقىغان ئەھۋاللارنى دەرھال مەلۇم قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىمىز ھەرىكەتچان، خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىدىكى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نۆۋەتتىكى سانلىق مەلۇمات ۋە ئستىخباراتنى ئاساس قىلغان ھالدا چەكلەنگەن تاۋارلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىز ئوخشاش ۋاقىتتا ئاممىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغىمۇ دىققەت قىلىمىز. ئەگەر ھەرقانداق بىر ئىستېمالچى مەلۇم بىر تاۋارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلسە ياكى ئۇنىڭدىن گۇمانلانسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقىي ئىشلار دېرىكتورى لۇئىسا گىرىۋ بولسا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش دائىرىلىرىنىڭ ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان باشقا تاۋارلار، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل ساھەسىگە تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىلگىنىڭىزدەك، يەنە تېخى نۇرغۇن مەھسۇلاتلاردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بار. بولۇپمۇ ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك، يەنى ئاپتوموبىلنىڭ ياسىلىشىدىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى زاپچاسلارغىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بارلىقى ئاشكارىلاندى. مەسىلەن، BMW, Volkswagen، TOYOTA Honda قاتارلىق ئاپتوموبىللاردا مەجبۇرىي ئەمگەك بار. ئەمدى تاموژنا ۋە چېگرا ئىدارىسى بۇلارغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك.»

ئامېرىكا ۋە تاموژنا ئىدارىسى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا يولۇقۇۋاتقان قېيىنچىلىقلارنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، ئۆزلىرىنىڭ يەنىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدا مۇنداق دىيىلگەن: «يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىشى چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىگە ئۆزگىچە ئىجرا قىلىش خىرىسلىرىنى ئېلىپ كەلدى. . . بىز بۇ خىرىسلاردىن ۋە قېيىنچىلىقلاردىن ساۋاق ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى يېڭىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. . . بۇ دېلودىكى ئۆزىنى بېغىشلىغان، چوڭقۇر بىلىملىك ۋە ئىرادىلىك CBP خىزمەتچىلىرى بىلەن دۇنيادىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ خىزمەت شارائىتىدا ھەقىقىي ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

ئامېرىكا چېگرا قوغداش ئىدارىسى مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى قانۇن ئىجرا قىلىش بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئايال ئالتۇنگۈل ئەمەتنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، تاموژنا دائىرىلىرى شۇ كۈنى چېگرادا تۇتۇپ قالغان چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىڭتۇەنگە ئائىتلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئۇنى رەسىمگە تارتىپ باشقا دەلىللەر بىلەن قوشۇپ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچىغا پىششىق بولغان ئالتۇنگۈل ئەمەتنىڭ تەرجىمە قىلىشىغا ئەۋەتكەن. نەتىجىدە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىڭتۇەنگە تەۋەلىكى دەلىللىنىپ چەكلەنگەن ئىكەن. ئۇلار ماقالىسدە ئالتۇنگۈل ئەمەتنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىنىڭ بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«ئالتۇنگۈل ئەمەت CBP نىڭ ئاممىۋى قانۇن ئىجرا قىلىش بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ، ئۇ خىزمەت قىلىش جەريانىدا نيۇ-يورك دۆلەتلىك تەھدىت ئانالىز مەركىزى بىلەن ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەھەتتە يېقىندىن ھەمكارلاشتى. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىدىكى قۇمۇل شەھىرىدە چوڭ بولغان، شۇڭا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ۋە نيۇ-يورك دۆلەتلىك تەھدىت ئانالىز مەركىزىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشىنى قوللاش، ئالتۇنگۈل ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

لۇئىسا گىرىۋ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئالتۇنگۈل ئەمەتتەك بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئورگاندا ئىشلىشىنىڭ تولىمۇ پەخىرلىنەرلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئالتۇنگۈلنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنىڭ ماقالىدە تەكىتلىنىشى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.