13-يانۋار ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكىنى قوغداش مىنىستىرلىقى (DHS) ۋە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش تېلېفۇن يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىندا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكىنى قوغداش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كېن كۇچىنېللى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 13-يانۋاردىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ 328 كىرىش ئېغىزىنىڭ ھەممىسىدە خىتايدا لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى (WRO) ئېلان قىلغان.
تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن تۇتۇپ قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق، پەمىدۇر ئۇرۇقى، كونسېرۋالىق پەمىدۇر، پەمىدۇر قىيامى ۋە پاختا ۋە پەمىدۇردىن ياسالغان باشقا ھەر قانداق مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىمپورت قىلغۇچىلار ئۆزلىرى ئىمپورت قىلماقچى بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش ياكى يىغىۋېلىش قاتارلىق ھەر قانداق باسقۇچتا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلانماسلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن.
يىغىندا يەنە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئىككى يىلدىن بېرى خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، قەرزگە باغلاپ مەجبۇرىي ئىشلىتىش، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەش، سىرتتىن ئايرىۋېتىش، قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش، ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش ۋە ناچار تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتى قاتارلىق ئامىللار مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆرسەتكۈچىسى قىلغانلىقى تەكىتلەندى.
كېن كۇچىنېللى ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكىنى قوغداش مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھېچقانداق مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە يول قويمايدۇ. بىز ئامېرىكا خەلقىنى داۋاملىق قوغدايمىز ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنى تەكشۈرىمىز. مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. بىز خىتاينىڭ لاگېرلىرىنى تاقاپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سودا ساھەسىدىكىلەرگە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چىتىشلىق بولغان سودىنىڭ سودا ئىناۋىتى، ئىقتىسادى ۋە قانۇنىي خەۋىپى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىقتىسادىي ۋە يېرىم ھەربىي تەشكىلات بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىغا تۇتۇپ قىلىش بۇيرۇقى (WRO) ئىلان قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مارك مورگان ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «شۇنىسى ناھايىتى ئىنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك مىللەتلەرنى نىشان قىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزگە قارىغاندا، لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانلار ئاشۇ رايوندا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ.»
مارك مورگان ئەپەندى يەنە سودا ساھەسىدىكىلەرگە ئالاھىدە شۇلارنى ئەسكەرتتى: «سودا ساھەسىدىكىلەرگە شۇ ئىنىق بولسۇنكى، ئامېرىكانىڭ تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش قانۇنىغا ئاساسەن سىز ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرڭىزنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەر قانداق باسقۇچىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ بىر مەسئۇلىيەت، ۋە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك قانۇن.»
ئامېرىكا فېدېراتسىيە قانۇنىنىڭ 19-ماددىسىنىڭ 1307-بۆلىكىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ، بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق، جۈملىدىن مەجبۇرىي ياكى مەجبۇرىيەت ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئىمپورت قىلىنغان دەپ گۇمان قىلىنغان ماللارنى تۇتۇپ قالىدىكەن.
ئاخىرىدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مارك مورگان ئەپەندى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ، ئامېرىكانىڭ سودا ئىناۋىتىگە قارا سۈرۈۋاتقان، مەجبۇرى ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى ئامېرىكا بازارلىردىن سىقىپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى: «ھەر قانداق بىر كىشى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىق ئەھۋاللارنى بىز (CBP) گە مەلۇم قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەرنىڭ ئاددى بىر ھەرىكىتىڭلار ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكىنى قوغداش مىنىستىرلىقى تەشەببۇس قىلىۋاتقان، خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە قانۇنلۇق سودىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساق، ئامېرىكانىڭ بازىرىدىن ‹زامانىۋى قۇللۇق› نى سىقىپ چىقىرىۋېتەلەيمىز. بۇنىڭدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ئاخىرىدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئامېرىكانىڭ تەمنىلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چىتىشلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشنى داۋام قىلىدۇ. بىز ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ بولۇشىغا يول قويمايمىز.»