ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) تەرىپىدىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانىدى. ئۇلار يېقىندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ بىر يىللىق ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ يىللىق كۆرسەتكۈچنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر كۆرسەتكۈچتە، ئامېرىكا تاموژناسىغا كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارالغان مەھسۇلاتلار كەلگەن دۆلەتلەر، قانداق تۈردىكى مەھسۇلاتلار، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى قايتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ سوممىسى قاتارلىق ئىنچىكە مەلۇماتلار ئىستاتىستىكىلار ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن.

ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئامېرىكا تاموژناسىغا مال سېلىشتا ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن دۆلەت مالايسىيا ئىكەن. ۋىيېتنام ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، خىتايدىن بىۋاسىتە كىرگەن مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدار جەھەتتىن 3-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، تايلاند ۋە مېكسىكانىڭ 4- ۋە 5-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

21-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى جەمئىي 5582 قېتىمدىن كۆپرەك مال يوللانمىسىنى تۇتۇپ قالغان. بۇلاردىن 2469 مال يوللانمىسى قايتۇرۇۋېتىلگەن، 2227 مال يوللانمىسى قويۇۋېتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار، كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ مەھسۇلاتلىرى، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەڭ كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلغان.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت تەتقىقات دوكلاتلىرىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ چېتىلىش كۆلىمى ناھايىتى كەڭ ئىكەنلىكى، پولىسىلىكون، لىتىي، پاختا، پەمىدۇر، كۈنتاختا، ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش ئېھتىماللىقنىڭ يۇقىرىلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

نيۇ-يورك پورتىدىكى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىملىرى خىتايدىن كىرگەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ياكى جازا لاگېردىكىلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلىنغان يالغان چاچ ۋە قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.
نيۇ-يورك پورتىدىكى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىملىرى خىتايدىن كىرگەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ياكى جازا لاگېردىكىلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلىنغان يالغان چاچ ۋە قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن. (AFP)

ئۆتكەن ھەپتە «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «خىتاي مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئىجرا قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى برايىن خوكسىي (Brian Hoxie) ئەپەندى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلغان. ئۇ مەزكۇر قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغاندىن بۇيان، بەلگىلىك ئۇتۇقلار قولغا كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر شىركەت پاختا مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزمەكچى بولسا، بىز ئاشۇ پاختا ئۆستۈرۈلىدىغان يەرلەرگىچە بولغان بارلىق ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر ئېكىسپورت قىلغۇچى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىگە ئائىت تولۇق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، چېگرادىن كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئۆتكەن يىلى 21-ئىيۇندىن بۇ يىل سېنتەبىرگىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان جەمئىي 1 مىليارد 900 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 5000 دىن ئارتۇق مال يوللانمىسىنى چېگرادا تۇتۇپ قالدۇق. بۇلاردىن 53 پىرسەنتىنىڭ چېگرادىن كېرىشى رەت قىلىندى.»

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقى بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىۋاسىتە خىتايدىن ئەمەس، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ قانۇننى قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى بۇنداق ئوچۇق بىر شەكىلدە كۆرۈش ناھايىتى كۈچلۈك بىر قورال. بىز ئىستاتىستىكىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بولغان نۇرغۇن ماللارنىڭ چېگرادىن كېرىشىنى رەت قىلغانلىقىنى كۆردۇق. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، چېگرادىن كىرىشى رەت قىلىنغان ماللارنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدىن ئەمەس، بەلكى مالايسىيا، ۋىيېتنام قاتارلىق ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن كەلگەن. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن، يەنى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇشۇنداق مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەمىنلىگەن بۇ ۋاقىتسىز سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تاموژنا ۋاكالەتچىسى تاموژنىدا توسۇۋېلىنغان خىتايدىن كەلگەن 14،800 جۈپتىن ئارتۇق Nike ئاياغلىرىدىن بىرىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەمىنلىگەن بۇ ۋاقىتسىز سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تاموژنا ۋاكالەتچىسى تاموژنىدا توسۇۋېلىنغان خىتايدىن كەلگەن 14،800 جۈپتىن ئارتۇق Nike ئاياغلىرىدىن بىرىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. (AP)

ئالدىنقى ھەپتە دۆلەت مەجلىسى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تارماق كومىتېتى «چارلاش ۋە ئىجرا قىلىش: ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى باھالاش» دېگەن تېمىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دەن بىشوپ (Dan Bishop) رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ ئېچىلىش سۆزىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەمچى بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكى، فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننى كەسكىن ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئادرىيان زېنز ئەپەندى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يالغۇز ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوق. بۇ دۆلەتلەرمۇ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›غا ئوخشاش قانۇنلارنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. مېنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتىمدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتتىن ئىسپات تەلەپ قىلىش ۋە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى قاتتىق ئىجرا قىلىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆكمە بازىرى بولۇپ قالدى.»

ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ چاچلىرى ۋە ياكى لاگېردىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان يالغان چاچ. 2020-يىلى 1-ئىيۇل، نيۇ-يورك.
ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ چاچلىرى ۋە ياكى لاگېردىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان يالغان چاچ. 2020-يىلى 1-ئىيۇل، نيۇ-يورك. (AP)

برايىن خوكسىي ئەپەندى يىغىندا يەنە ئادرىيان زېنىزغا ئوخشاش تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن: «دوكتور زېنز ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ بارلىق تەتقىقاتلىرى، تەتقىقاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان بايقاشلار بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن دوكلاتلار، تەتقىقاتلار بار. ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقامسىلەر، دېيىشىڭلار مۇمكىن. شەخسەن مەن ۋە مېنىڭ بۆلۈمىمدىكىلەر سىلەرنىڭ دوكلاتىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىمىز. چۈنكى بىز قانۇننى تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق بىر نۇقتىنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويماسلىققا تىرىشىمىز. شۇڭلاشقا، بارلىق تەتقىقاتچىلار، قىلىۋاتقان تەتقىقاتىنى داۋام قىلىڭلار. بىزگە ھەمكارلىشىپ، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى ئىجرا قىلىشقا ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىدا يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ناھايىتى كۈچلۈك قانۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا دېيىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقارغان ھەر قانداق تاۋار ۋە بۇيۇملارنىڭ ۋە بەزى ئورۇنلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ، تاموژنا بېجى قانۇنىنىڭ 307-ماددىسىغا ئاساسەن ئامېرىكاغا كىرىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.